كۆرۈش: 833|ئىنكاس: 3

كۆچەت تىكىپ،ئورمان بىنا قىلىپ،يېشىل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆچەت تىكىپ،ئورمان بىنا قىلىپ،يېشىل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى

ئەسسالام كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار،تىرشچان ئوقۇغۇچى-ساۋاقداشلار!  ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام،ئوتلۇق سالام!...
مەن بۈگۈنكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ << كۆچەت تىكىپ،ئورمان بىنا قىلىپ،يېشىل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى >> دېگەن تىمىدا سۆز قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم، دۇنيادا يەر شارىدىن پەقەت بىرسىلا بار. بىز كۆچەت تىكىپ، بۈيۈك يەر شارى ئانىمىزنىڭ كەڭ باغرىنى يېشىل بوستانلىققا پۈركىشىمىز زۆرۈر. چۈنكى، 1979-يىلى 2-ئايدا 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-يىغىنىدا << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆچەت تىكىش بايرىمى _  3-ئاينىڭ 12-كۈنى >> قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ،بۇيىل 36 يىل بولدى.
كۆچەت بولسا-يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى.تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئالتۇن بېزىكى، خاتىرجەم ياشىشىمىزنىڭ يېمىرىلمەس تۈۋرۈكى، بىزنى مىننەتسىز بېقىۋاتقان ئۇلۇغ يەر شارى ئانىمىزنىڭ ھارارەتلىك يۈرىكى، شۇنداقلا مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋۇجۇدىدىن ئاپىرىدە قىلىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ساغلاملىقى، خاتىرجەملىكى، بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ھەدىيە قىلىنغان بىباھا سوۋغا؛ << ساپ ھاۋا، تەنگە داۋا >>.بىراق، بىزگە ساپ ئوكسىگىن، گۈزەل مەنزىرە ھەدىيە قىلغان، كائىناتنىڭ زىننىتى بولغان بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەرنى تۈركۈملەپ كېسىپ، بىزگە ئالەمچە ھۇزۇر، ھۆسنىمىزگە نۇر بېرىدىغان؛ قۇشلار زوق-شوقى بىلەن بەس-بەستە سايرىشىپ تۇرىدىغان گۈل – گىياھلىق باغلارغا، مال-چارۋىلار ئەركىن يايراپ يۈرىدىغان چەكسىز، ياپيېشىل ئوتلاق-يايلاقلارغا قۇم-بوراننىڭ قەدىمىنى ھاڭۋاقتىلىق بىلەن باشلاپ، چۆل-جەزىرىگە ئايلاندۇرساق ...كېچىكىپ بولسىمۇ جاۋابكار بولماي قالارمىزمۇ؟...قىياس قىلىپ باقايلى. ئەگەر تەبىئەت دۇنياسىدا بىرەر تۈپمۇ كۆچەت بولمىسا، ئۇنداقتا چەكسىز چۆل-جەزىرىگە، بىپايان قۇملۇق دېڭىزىغا ئايلانغان قورقۇنچلۇق  تەبىئەت باغرىدا بىز يەنە بىر تاتلىق ئەللەيلىنىپ، شىرىن چۈش كۆرەلەرمىزمۇ؟...ھاياتلىق يەنە ئۈزۈلمەي داۋاملىشارمۇ؟...بۇ ھەممىمىز ئويلۇنۇپ بېقىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.تويماس نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ، بايلىق ئىزدەش باھانىسىدە بۇ  مىننەتسىز ئانىنىڭ  يۇمشاق باغرىنى ئۆتكۈر تۆمۈر-تەسەكلەر بىلەن تىلغىساق، دەريا-كۆللىرىمىزنىڭ سۈيى يىلسېرى  ئازلاپ، قۇرغاقچىلىق  بولسا...ئۇ قاتتىق ئۇھسىنسا، ئويلاپ باقايلى، بىزنى يەنە مەزمۇت كۆتۈرۈپ تۇرالىشى مۇمكىنمۇ؟... بۇ ،ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس.  
ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار،بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆچەت تىكىپ،ئورمان بىنا قىلىپ، تىنچ-خاتىرجەم ،ساغلام ياشايدىغان گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش جەھەتتىكى بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى؛ھەر يىلى كەم دېگەندە بىرەر تۈپ بولسىمۇ كۆچەت تىكىپ،پەرۋىش قىلايلى.ئىزىمىز قۇمدا ماڭغاندەك ئۆچۈپ كەتمىسۇن!...زېمىننى يېشىللىققا پۈركەش مەسئۇلىيىتىمىز دىللىرىمىزدىن كۆچۈپ كەتمىسۇن!...بىز قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ،يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل يۇرت-ماكان،جۈملىدىن << يېشىللاشقان باغچىسىمان مەكتەپ >> قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق ئاتلىنايلى!...

كېرىيە ناھىيە قاراقىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى : بۈۋىنىسا ئابدۇغېنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-16 12:44:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچەت تىكىپ،ئورمان بىنا قىلىپ،يېشىل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى  دىگەن تەشۋىقاتىڭىز ياخشى بوپتۇ. دەل ۋاختىدا يوللىغان لىكسىيەكەن رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-3-16 13:43:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچەت تىكىش بۇ بىر چوڭ ئىش ھەمدە بىر مۇھىتنىڭ ئىكولوگىيلىك مۇھىتى ۋە تەڭپۇڭلىقى ئۈچۈن مۇھىم بىر ۋەزىپە، لىكىن زە مەن بارغانسىرى مۇشۇ ئىشنىڭ مەكتەپلەردە يوقاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم، مەنغۇ كىچىك ۋاقتىمدا كۆچەت ئىلىپ كىلىش تاپشۇرۇقى بار ئىدى، بۇ بايرامدا كۆچەت تىكەتتۇق، ھازىر شۇ ئۈگىنىش،ئۈگىنىش ئۈگىنىشلا
ۋاقتى: 2016-3-14 18:02:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىرىيال ياخشىكەن،بىراق چۈشۈرەلمىدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش