كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 1

كومپيۇتېر ئويۇنخۇمارلىرىنىڭ مېڭىسى باشقىلارغا ئوخشىمايدىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «ئۆزگەرمە نېرۋا كېسەللىكلىشۇناسلىقى (转化精神病学) » ژۇرنىلىغا بېرىلگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار دائىم كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينايدىغانلارنىڭ مېڭىسىنى تېببىي تەسىۋىرشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ باشقىلارنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىغا ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.6 x; B+ n0 a" j4 b5 h
بېلگىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىرلىكتە ئىشلىگەن بۇ تەتقىقاتتا، ئۇلار 14 ياشلىق 154 نەپەر ئۆسمۈرنى 2 گۇرۇپپىغا ئايرىغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر گۇرۇپپىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناش ۋاقتى 9 سائەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار ئىسمى جىسمىغا لايىق كومپيۇتېر ئويۇن مەستانىلىرى ئىكەن؛ يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلار بولسا كومپيۇتېر ئويۇنىنى نىسبەتەن ئاز ئوينايدىغان بالىلار ئىكەن.) G' @) \; }$ c# L3 \) J
يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئاپپاراتىدا تەسۋىر چۈشۈرۈپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە بۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىنى تەكشۈرگەندە، ئويۇن مەستانىلىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى قورساق تەرەپ يىپسىمان تەنچە (腹侧纹状体) باشقىلارغا قارىغاندا چوڭ چىققان. بۇ خىل تەنچە مېڭىنىڭ «ئىلھاملاندۇرۇش مەركىزى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتلاش قايتما ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ئادەتتە كىشىلەر سىرتقى مۇھىتنىڭ جاۋابىغا ۋە ئىتراپىغا ئېرىشكەن چاغدا ئۆز رولىنى كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، قىماردا ئۇتقان چاغلار ياكى مەززىلىك تائاملارنى ئىستېمال قىلغان چاغلار دېگەندەك.

كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينايدىغان بالىلارنىڭ مېڭىسىدىكى بۇ خىل ئەھۋال بىلەن ئۇلارنىڭ ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قېلىشى ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى تېخى ئايدىڭ ئەمەس بولۇپ، بەلكىم ئۇزاق مۇددەت كومپيۇتېر ئويۇنىغا بېرىلىش مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغان بولۇشىمۇ ۋەياكى مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان ئوخشىماسلىق بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا بەكرەك كومپيۇتېر ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇندىن كېيىن كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينىمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن تەتقىقات ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناش ئالدى كەينىدىكى مېڭە قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈپ، كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشنىڭ ئادەم مېڭە قۇرۇلمىسىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-3 12:06:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىق شارائىتتا مۇۋاپىق پايىدىلىنىشنى ئۆز ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش