| نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالايلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3) «خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قانچە قىلغانسېرى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى شۇنچە كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك». 2020 - يىلىغا بارغاندا ھەممە نامرات رايون ۋە نامرات ئاھالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ»، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، قېيىنچىلىقلارنى قەتئىي بويسۇندۇرۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالى چېلىندى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ئويلىشىش - ئويلاشماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دادىل تۇتۇش - تۇتالماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش - تۇتماسلىق روھىي ھالىتىمىزنى، ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى، خىزمەت ئىستىلىمىزنى سىنايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ھەم ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە پىلانلاپ، ھەم ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىدىيەۋى تونۇش جايىدا بولماسلىق، تۈزۈلمە - مېخانىزم مۇكەممەل بولماسلىق، خىزمەت تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر رايونلاردىكى پارتكوملار، ھۆكۈمەتلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشنى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ھەم ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بىز سىياسىي ئەۋزەللىكىمىزنى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ ئومۇمىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىنى، تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسىنى قاتلاممۇ قاتلام ئىمزالاپ، بۇيرۇق - پەرمان چۈشۈرۈپ، يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دوكلاتى ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرسەكلا، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار نامراتلارنى يۆلەشنى تەڭ تۇتىدىغان، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرەلەيمىز. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۈچلۈك خىزمەت ئىستىلى ۋە جاسارىتىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئەينى يىلى مارشال نيې رۇڭجېن خېبىينىڭ فۇپىڭدا جەڭ قىلىپ ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، «فۇپىڭ بىيىمىسا، كۆزۈم مەڭگۈ يۇمۇلمايدۇ»، دېگەنىدى. يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «40 نەچچە يىلدىن بۇيان نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى خىزمىتىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولدى، بۇنىڭغا كۆپ زېھنىمنى سەرپ قىلدىم، بىز كومپارتىيە ئەزالىرىدا جەزمەن خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ھېسسىياتى بولۇشى، <دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر كىشىلەر خەلققە خۇددى ئاتا - ئانا بالىسىغا، قېرىنداشلار بىر - بىرىگە كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئاچ - يالىڭاچ قالغانلىقىنى كۆرگەمدە ئۇلارنىڭ غېمىنى يېيىشى، جاپا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ھەمنەپەس بولۇشى كېرەك> دېگەن ھېكمەتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قان - تەرى، زېھنىي - قۇۋۋىتى ۋە چىن ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك». «ئىشەنچ بولىدىكەن، توپىدىنمۇ ئالتۇن ئالغىلى بولىدۇ». نامراتلىق ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەقدىر ئەمەس. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ئىككى جەھەتتىكى ئاكتىپلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، نامرات رايونلار بىلەن نامرات ئاھالىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار - ئاممىنىڭ ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ «جاپالىق ئىشلىسەك ئىشلەيمىزكى، ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەيمىز» دەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق نامرات، قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شەخسلەرنى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك قاتناشقان نامراتلارنى يۆلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەكىتلەندى، بۇ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخىي بۇرچ. بىز يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە تىكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرسەكلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى جەزمەن قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايمىز. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ تېلېگراممىسى)
|
|