كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 0

چەت ئەللىك مەشھۇر زاتلارنىڭ تاماكا تاشلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1. ماركىس. 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىردا ئۇلۇغ ئىنقىلابىي ئۇستاز كارل ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تاماكا چېكەتتى. ئۇ بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە دوكتورلۇقى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا، ۋاقتىنى تاماكا ئىسى ئارىسىدا دېگۈدەك ئۆتكۈزگەن، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بارغانسېرى كۈچىيىپ، بىر قولىدا تاماكا، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ يېزىقچىلىق قىلىدىغان بولغان. «كاپتال» نىڭ 1 - تومىنى يېزىپ تاماملىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۈيئوغلىغا: «بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى تاماكا پۇلۇمغا يەتمەيدۇ» دېگەن.

    «كاپتال» نەشىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ توختىماي يۆتۈلىدىغان، ھاسىرايدىغان، دىمى سىقىلىدىغان بولۇپ قالغان. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلگە كانايچە سۇزۇلما ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى دەپ دىياگنوز قويغان. 50 ياشقا كىرگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. ماركىس دوختۇرغا: «مېنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى، تاماكا تاشلاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەندە، دوختۇر: «تاماكىنى يەنە چېكىۋەرسىڭىز، يۆتەل سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن. «سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن سۆز ماركىسنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراپ، «كاپتال» نى داۋاملىق يېزىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ يىزىقچىلىق قىلۋاتقاندا تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، سىگارتىنى ئېلىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مىجىپ تاشلاپ ئاغزىغا سېلىپ تاكى كۆڭلى ئېلشقۇچە چاينىغان. كېيىن ئۇ تاماكىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلىشىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلىۋەتكەن، كېسىلىمۇ بارا - بارا ياخشىلانغان. ماركىس «كاپتال» نىڭ 2 -، 3 - تومىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالىنى يېزىپ تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا پىرولتارىيات ئىنقىلابىغا نەزىرىيەۋى ئاساس سالدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تاماكا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، مەسىلە شۇ كىشىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.
    2. ئېنگىلىس ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغان. ئۇ دوستلىرىغا مۇنداق دېگەن: «قۇياش پارلاپ چىققان باھار كۈنلىرنىڭ ئەتىگەنلىرى، باغچىدا قۇياشقا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ كىتاب كۆرۈش ھەقىقەتەن راھەت» ھايتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە، ئېنگىلىس تاماكا چەككەنلىكىنىڭ ئېغىر زېيىنىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. سالامەتلىكنى ئاسراش ئۈچۈن ئۇ بىر مەزگىل تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىغان، كېيىن ئۇ دوستلىرىغا مۇنداق دېگەن: «تاماكا نېرۋىغا زىيان قىلىدىكەن، شۇڭا مەن تاماكا تاشلىمسام بولمايدۇ، تاماكا تاشلاشقا ئانچە كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ھازىر مەن ئىككى، ئۈچ كۈندىمۇ بىر تال تاماكىنى چېكىپ بۇلالمايمەن.»
    3. لېنىن 17 ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېنىنىڭ ئانىسى مارىيا ئالىكساندىروۋنا دوختۇرنىڭ قىزى بولغاچقا، تاماكىنىڭ زىينىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ لېنىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم لېنىنغا تاماكا تاشلاشنى ئېيتقان. چۈنكى، لېنىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ لېنىنغا: «ئۆزۈڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ئىلگىرى، زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىمنى ئازايتىشىڭ كېرەك. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىرىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بولۇپ قالدى، تاماكا سېتىۋالساڭ ئائىلىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك چىقىمى كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇ چاغدا لېنىن ئىنقىلابىي پائاليەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ھىچقانداق ئائىلە كىرىمى يوق ئىدى. ئائىلىسمۇ ناھايىتى نامرات ھەم ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەپىقە پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتى. ئانىسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان لېنىن ئانىسنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان تاماكىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئانىسنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىشىگە بەرگەن ھەم: «كەچۈرۈڭ ئانا مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكىنى تاشلايمەن» دېگەن. لېنىن ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زادىلا تاماكا چېكىپ باقمىغان. كېيىن لېنىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسغا «تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن خەتنى چاپلاپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ چەكلىگەن. بىر كۈنى لېنىننىڭ ئىشخانىسدا يىغىن ئېچىلغاندا، لېنىن ئۆيىنىڭ ئىسقا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، تامدىكى «تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن خەتنى يىرتىپ تاشلاپ: «قائىدە - تۈزۈمنى مۇشۇنداقمۇ ئاياغ ئاستى قىلغان بارمۇ!» دېگەن. بۇ باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لېنىننىڭ ئشخانىسىدا ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان بولغان.
    4. دې گول. فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دې گول ياش ۋاقىتلىرىدىلا تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى «قولىدىن تاماكا، ئاغزىدىن ئىس ئايرىلمايدۇ» دەپ مازاق قىلغان. لېكىن، ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تاماكىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن ھەم شۇنىڭدىن كېيىن تاماكىنى ئاغزىغا ئېلىپ باقمىغان. دې گولنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش سىرىنى سورىغان، دې گول قىسقىلا قىلىپ: «مۇرەسسە قىلماسلىق» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ تەجرىبىسى بويىچە تاماكا تاشلىماقچى بولغان كىشى ئىرادە ۋە ئىشەنچ تىكلەشتىن باشقا، ئۆز ھەرىكىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ تاماكا تاشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاماكا بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايتقان. ئۇ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ: «تاماكا تاشلاشتا مەغلۇب بولغان كىشىلەر تاماكا چېكىلىۋاتقان مۇھىتنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا تاقابىل تۇرالمىغان كىشىلەردۇر» دېگەن. شۇڭا، دې گول بارلىق سورۇنلاردا بىرەرى تاماكا سۇنۇپ قالسا: «مەن تاماكىنى قايتا چەكمەسلىككە ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن، مەن گېپىمدە تۇرىمەن» دەپ رەت قىلغان. تاماكا مۇھىتى بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق - دې گولنىڭ بىر قېتىمدىلا تاماكىنى تۇلۇق تاشلىيالىشنىىڭ سىرى.
    5. رېگان. ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگاننىڭ تاماكا خۇمارى خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتى. 1985 - يىلدىن باشلاپ ئۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىننى تونۇپ يېتىپ، تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. 1987 - يىلى رېگان تاماكا قېپىغا «تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى يېزىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان ھەمدە 2000 - يىلىدىن بۇرۇن ئامېرىكىنى ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    6. كاستىرو. كۇبا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كاستىرونىڭ سىگارت خۇمارى دۇنياغا داڭلىق، ئۇ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن تاماكىنى رەسمى تاشلىغان. ئۇ ھاۋانادا چىقىدىغان «سىگارت ھەۋەسكارلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئەمما مەن چۈشۈمدە تاماكا خۇمارىدىن چىقىمەن» دېگەن. ئۇ يەنە: «مەن بىر مەيدان تاماكا تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم، شۇڭا ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ تاماكا تاشلىمسام بولمايتى» دېگەن. ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش ھەرىكىتىدىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ ب د ت نىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇنىڭغا بىر دانە ئالاھىدە ئوردىن تەقدىم قىلغان.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش