كۆرۈش: 372|ئىنكاس: 1

ئاق چاچ ئورنىغا قاراپ سالامەتلىككە باھا بېرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ماڭلاي چاچنىڭ ئاقىرىشى مىجەزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مىجەزنىڭ ئىپادە ئورنى ماڭلاي بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەشنىڭ ماڭلاي چاچ ئاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى چوڭ. مىجەزى ياخشى ئەمەس ئادەملەردە دائىم قورسىقى كۆپۈش، قورسىقى ئاغرىش، ئاشقازىنى ئېچىشىش، ئېغىزى لاۋزىلىشىش، پۇت–قولى ئسسىماسلىق، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.

    ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى: قۇرۇق سوغۇققا مايىل ئادەملەر ھەر ئىككى، ئۈچ كۈن ئارىلاپ زەنجىۋىل شوۋىگۈرۈچى ئىچىپ تۇرۇشى كېرەك.

    تەييارلاش ئۇسۇلى: زەنجىۋىلدىن ئۈچ گىرام، گۈرۈچتىن 60 گىرام ئېلىپ، ئېزىلگىچە قاينىتىپ، ئەتىگەن–كەچتە ئىسسىقىدا بىر–ئىككى پىيالە ئىچىپ بېرىش كېرەك. ھەر ئادەم ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ كۈنجۈت ياكى تۇز سېلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.

    ئىككى چېكىنىڭ ئاقىرىشى جىگەر ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى چېكە، جىگەرنىڭ ئورگانىزملار ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەسىر ئورنى بولۇپ، جىگەر ھارارىتى كۈچلۈكلەر ياكى تەرسا مىجەزلىكلەر، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتىدىغانلاردا دائىم ئېغىز–تىلى قۇرۇش، ئېغىزى ئاچچىق بولۇش، كۆزى ئېچىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جىگەر ھارارىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: بۇنداق ئەھۋالدا، ياغسىز يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، بولۇپمۇ شوۋىگۈرۈچ، ئاق مور، نېلۇپەر ئۇرۇقى ئۇمىچى، نېلۇپەر ئۇرۇقى ئۆزىكى چېيى، قىزىلگۈل چېيى، دۇلانە چايلىرىنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. ئەگەر ئېغىز ئاچچىق بولۇش، ئېغىز قۇرۇش ئالامەتلىرى ئېغىر بولسا، نېلۇپەر ئۇرۇقى ئۆزىكى ۋە ئاچچىق كاۋىنى كۆپرەك يېيىش، دورىلاردىن گېنتىئانا، جىگەردىكى ئسسىقنى يوقىتىش كۇمۇلىچى يەپ بېرىش كېرەك.

    ئارقا مېڭە دوقىسى ئاقارسا، بۆرەك قۇۋۋىتى يېتىشمىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئارقا مېڭە دوقىسى دوۋساقنىڭ ئورگانىزملار ئارىسىدىكى باغلىنىش ۋە تەسىر ئورنى بولۇپ، دوۋساق قۇۋۋىتى ئاجىزلاردا دائىم پات–پات سىيىش، ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويۇش، چوڭ تەرەتنى تۇتالماسلىق، كىچىك تەرىتى راۋان بولماسلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. دوۋساقنىڭ ئاساسلىق رولى سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈك چىقىرىش بولغانلىقتىن، بۇ تۈردىكىلەر سۈيدۈكىنى ئاسانلىقچە تۇتالمايدۇ. دوۋساقنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش رولى بۆرەك قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك–ئاجىزلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

    ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: ئەرلەر ھايۋانلارنىڭ بۆرىكى، قوي گۆشى، بۇغا گۆشى، قۇچقاچ، يىلان بېلىق، لاييېگەك، راك، خوراز گۆشى، ياڭاق مېغىزى، ئالقات، بۇلبۇل گۆشى قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە پايدىلىق. ئەلۋەتتە، ئەر–ئاياللار ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-30 11:10:51يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە,بىلىشكە تىگىشلىك بىلىمكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش