|  
"كۈندە ئىككى ئالما يېسىڭىز ، كېسەللىكتىن يىراق تۇرىسىز" ئالما ئاشۇنداق يامانمىدۇ؟؟
ئالمىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. خەلق ئىچىدە، "كۈندە بىر ئالما، دوختۇرنى مەندىن يىراق قىلىدۇ"، "كۈندە ئىككى ئالما يېسىڭىز، كېسەللىكتىن يىراق تۇرىسىز" دېگەن تەمسىللەر بار ، ئامېرىكىدا بولسا، "ھەر ۋاق تامىقىڭدا ئالما يېسەڭ، دوختۇرغا كۆرىنىشىڭىنىڭ ھاجىتى يوق" قاتارلىق دېيىلەشلەرمۇ بار. گىرام ئالمىنىڭ تەركىبىدە، 6.5~ 11.2گىرامغىچە مېۋە شېكىرى، 2.5~3.5گىرامغىچە گىلوكوزا،گىرامغىچە قومۇش شېكىرى يەنە ئاز مىقداردا سىنك، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي ، كاروتىن قاتارلىق مىكرو ئېلمىنتلار ۋە مول ۋىتامىن,ۋىتامىنB1 قاتارلىقئوزۇقلۇق ماددىلار بار. نۇكلېئىك كىسلاتا ، ئاقسىل بولسا ئىنسانلارنىڭ ئەستى تۇتۇش قابىلىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سىنك بولسا نۇكلېئىك كىسلاتا ۋە ئاقسىلنى تۈزگۈچى مۇھىم ئىلمېنىت بولۇپ، سىنك كەم بولسا چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى چەت رايونى سەقەنقۇر قىسمىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولماي، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىنك بولسا ئانتىتېلنى ياساپ، ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئالما تەركىبىدە مول سىنك ئېلېمىنتى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەقلى ئىقتىدارنى ئۆستۈرىدۇ، شۇڭلاشقا ئالما"پاراسەت مېۋىسى" دېگەن نامغا ئىگە. ئالما تەركىبىدە مول ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى يەنى مېۋە يېلىمى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ. ئالما ئىستېمال قىلغاندا، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۆتتە تاش بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مېۋە يېلىمى يەنە ئاشقازان ئۈچەيدىكى قوغۇشۇن، سىماب، مانگان قاتارلىقلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، ئورگانىك قان قەنتىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ. ئالما تەركىبىدە مول بولغان سېللۇلوزا بار بولۇپ ، چوڭ ئۈچەيدىكى ئەۋرەتنى بوشىتىدۇ. ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلاپ ، لۆمۈلدەش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ-دە، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. مېۋە يېلىمى بولسا، ئۈچەينىڭ نورمالسىز لۆمۈلدىشىنى پەسەيتىپ، ھەزىم قىلىش ھەركىتىنى ئاستىلاشتۇرىدۇ دە، يېنىك ئىچى سۈرۈشنى ياخشىلايدۇ. شۇڭلاشقا ، ئالما يەنە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىشتەك قوش ئۈنۈمگە ئىگە. ئادەم بەدىنىدىكى ناتىرىي تۇز مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، مۇۋاپىق ئالما ئىستېمال قىلىنسا، بەدەننىڭ ئېلېكترود تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق |
|