7 خىل ناتوغرا تېلفۇن ئىشلىتىش ئۇسۇلى سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ
ھازىرقى دىۋىرنىڭ تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يان تېلفۇن كېشىلەرنىڭ بولمىسا بولمايدىغان خۇددى بىر قۇلىغا ئوخشاش ئالاقە ئۈسكىنىسى بۇلۇپ قالدى. تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىز بۇلىشى بىزنى بىلىپ بىلمەي تېلفۇن ئالاقىسىغا باغلاپ قۇيۋاتىدۇ. بىز ھەمىمىزگە مەلۇمكى تېلفۇننىڭ رادىئاتسىيەسى بەدىنىمىزگە زىيانلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك 7 خىل زىيانلىق تېلفۇن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
1. شەخسىي تېلفۇنىڭىزنى تام بۇلىڭىدىن چەتراق جايلارغا بېرىپ بوش ئاۋاز بىلەن سۆزلىشىڭ. چۈنكى ئۆي ئىمارەتلەر بۇلىڭىنىڭ ئۇچۇر تاتىش ئىقتىدارى ياخشى بولمايدىغان بۇلۇپ تېلفۇننىڭ رادىئاتسىيەسىنى كۈچەيتىۋىتىدىكەن. ئوخشاشلا لېفىت ئىچى قاتارلىق جايلاردىمۇ شۇنداق بۇلىدىكەن.
2. تېلفۇن ئۇرغان ۋاقىتتا تېلفۇن ئۇلىنىشتىن بۇرۇن قۇلىقىڭىزنىڭ قېشىغا ئەكىلۋالماڭ. چۈنكى تېلفۇن ئۇرۇلغان لېكىن ئۇلانمىغان ۋاقىتتا تېلفۇننىڭ رادىئاتسىيەسى تەبىئىي ھالدا كۈچۈيۈپ بارىدىكەن، شۇڭا تېلفۇننى باش قىسىمىڭىزدىن ئامال بار يىراقراق تۇتۇڭ.
3. تېلفۇننى بوينىڭىزغا ياكى بىلىڭىزگە ئېسىۋالماڭ. ئادەم بەدىنى بىلەن يان تېلفۇننىڭ ئارلىقى رادىئاتسىيەننىڭ كۈچلىك ئاجىزلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئېسىۋالسىڭىز يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. تېلفۇننىڭ سىگىنال تارتىش ئىقتىدارى قانچە ئاجىز بولسا تېلفۇننىڭ رادىئاتسىيەسى شۇنچە كۈچۈيۈپ بارىدىكەن. شۇڭا بۇنداق ۋاققىتتا كۆپ تېلفۇن سۆزلەشمەڭ.
5.تەتقىقاتنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە ئۇزۇن ۋاقىت رادىئاتسىيەگە ئۇچىرىسا ئادەمنىڭ باش قىسىمى ئاسان تەسىرگە ئۇچىرايدىكەن. شۇڭا تېلفۇنغا تېڭشىغۇچ تىقىپ سۆزلىشىشمۇ پايدىلىق ئىكەن.
6. تېلفۇن سۆزلەشكەن ۋاقتىڭىزدا ھەركەت قىلىپ سۆزلەشكەندىن بىر جايىڭىزدا تۇرۇپ سۆزلەشسىڭىز، رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرى ئاجىزلايدۇ. ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتىمۇ شۇنداق.
7. ئۇزۇن ۋاقىت بوينىڭىزنى ئىگىپ تېلفۇن سۆزلىشىش. بۇنداق قىياپەتتە تېلفۇن قۇبۇل قىلسىڭىز قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۇمكىن.
مەنبە : خەۋەر تورى |