كۆرۈش: 179|ئىنكاس: 2

قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۆگنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قانداق قىلغاندا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىپ ئۆگنىش روھنى يىتلىدۇرگىلى بولىدۇ؟

1.        ئۇقۇتۇش جەرياننى ياخشى پىلانلاش ۋە ئۆزگەرتىش، ئۇقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش كېرەك. دەرسخاندا قاتماللىق قىلماي ، ئۇقۇتۇش ئەمىليىتىدە كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەڭشىيەلىشىڭز ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى بايقاپ، ئۇقۇتۇش جەرياننى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. ئۇقۇتۇش لاھىيەسىنى بىز تۇزگەن بىلەن، ئۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنى ئۇقۇتۇش جەرياندا ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشكە . ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
2.        ئۇقۇغۇچلارغا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى ۋە خوشاللىق بەخىش ئېتىش كېرەك. ئۇقۇغۇچىلارنى ئىزچىل ئۆگىنشىكە زورلاۋەرگەن بىلەن ،جاپالىق ئۆگىنىش مۇھىتى، ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا ئۇڭۇشىزلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا دەرسخانا مۇھىتى خوشاللىق كەيپىياتىغا چۈكىشى، ھەر بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ھەر بىر كىچىك ئىش ھەركىتىنىى كۈزتىپ ، ھەر بىر كىچىك ھالقىلاردا ئۇقۇغۇچىلارنى تەغدىرىلەش ، رولنى بىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچى بىر ئىشنى ياخشى قىلسا، تەغدىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بىر ئادەتتكى سۇئالغا توغرا جاۋاپ بەرسە تەغدىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، توغرا جاۋاپ بېرەلمىگەن ئەھۋالدىمۇ شەخسىيتىگە تېگىدىغان گەپ قىلماستىن ، رىغبەتلەندۇرۇڭ ، باللار بىزنىڭ ماختىشىمزغا مۇھتاج، خوشاللىق ۋەمۇۋاپقىيەت تۇيغۇسى ئۇقۇغۇچىڭزغا ئىزدىنىشگە ، ئىلگىرلىشىگە تۇرتكە بولىدىغان ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ.
3.        ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزقىشىنى قوزغاش كېرەك. ئۇقۇتۇش جەريانى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش جەريانى ، ئۇقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق بولمىغان ھاھىسە ياكى بىلىملەرگە قارىتا نۇرغۇن‹‹نىمە ئۇچۇن›› لەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنى‹‹ گۈمانلىق مەسىلىلەر‹‹ نىمە ئۇچۇن›› لەرنى ئۇستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ ، ئېنىق جاۋاپقا ئىرشىشكە يېتەكلەش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەسلىلەرگە يۇلۇققاندا ئىزدىنىپ ھەل قىلىش ئىقتدارنى يۇقىرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.
4.        ئۇقۇغۇچىلاردىن مەسىلەردىن گۇمانلىنىش قابىلىيىتىنى يىتلىدۇرۇرش كېرەك، ئۇقۇتقۇچى دەرسخانا ئۇقۇتۇشى جەرياندا ‹‹ گۇمانلىق مەسىلە›› ، ‹‹ ئېنىق جاۋابى بولمىغان مەسىلە ›› ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلاردا گومان پەيدا قىلىپ ، تىما بەلگىلەپ، تەكشۇرۇشكە ، ماتىريىال توپلاشقا تەشكىللەپ ،مەخسۇس مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش . ئاخىرىدا ئۇقۇتقۇچى خۇلاسىلەشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ، ئۇقۇغۇچىلارغا تەپەككۇرنىڭ جانلىقلىقىنى ، مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەش ئادتىنى ، ئىزدىنىش روھنى يىتلىدۇرگىلى بولىدۇ.
5.        ئۇقۇغۇچىلارغا ئۆگەنگەن بىلىمىلەرنى ئىشلىتىش پۇرسىتى بىرىش كېرەك. ئۇقۇتقۇچى دەرسلىكنىڭ ئالاھدىلىكىنى ياخشى ئېگەللەپ ، ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگەن بىلىملەر ئاساسىدا قول سېلىپ ئىشلەشكە ، كۈزۈتىشكە ، تەپەككۇرغا يېتەكلەش ئارقىلىق ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش ، تەدبىقلاش، خۇلاسىلاش، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يىتلىدۇرۇش كېرەك.
بىز بۇ نۇقتىغا سەل قارغالقىىمىز ئۇچۇن ئۇقۇغۇچىلىرىمىز تىكتۆتبۇلۇڭ ، ئۇچبۇلۇڭلارنى دوسكىغا سىزىپ، يۈزىنى ھىسابلاش دىسەك ھىسابلىيالايدۇ، بىراق مەكتەپنىڭ مەيدانىنى ھىسابلاڭ دىسەك، ھىسابلىيالمايدۇ... مىنڭچە تىك تۆت بۇلۇڭ دەرىسىنى بىر سائەت سنىپتا ئۆتكەندىن كىيىن، يەنە بىر سائەتنى سىرىتتا مەشىق دەرىسى قىلىپ ئۈتۈشكە بولىدۇ.
6.        ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇشۇرۇن قابىلىيتىنى تەرەققى قىلىدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىنجىسىگىلا قارىماي، ئىجتىمائى ئالاقە قابىليىتى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇرسى،ئىجتىمائى پائالىيەتكە قاتنىش قابىليىتى....قاتارلىقلارغا تەڭ ئىتىبار بىرىپ، ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن قابىليتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى بىرىش كېرەك. پۇرسەتنى قانچە كۆپ يارتىپ بەرسىڭىز، ئوقۇغۇچى ئۆزنىڭ تېخمۇ مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، ئاكتىپچانلىقى ئېشىپ، ئۆزلىكىدىن ھەركەتكە كېلىدۇ.
7.        «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» يىتىشتۈرۈشنى بىردىن بىر مەخسەت قىلماسلىق كېرەك. جەمئىيەت «ئەلاچى ئوقۇغۇچى»غا قارىغاندا ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك كشلەرگە تېخمۇ مۇھتاج.

مەخسۇس تىما تەتقىقاتى توغرسىدا لىكسىيە

ھازىر يۇقرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئېلىپ بارغان ھەر خىل تەربىلەشلەردە بولسۇن ياكى دەرس ئىسلاھاتنىڭ تەلەپلىرىدە بولسۇن كەنىت دەرىجىلىك مەكتەپلەردىن باشقا شەھەر يېزىلاردىكى بارلىق مەكتەپلەردىن مەخسۇس تىما تەتقىقات بۇلۇشى كېرەك، دىگەن تەلەپ ئوتتۇرغا قۇيلىۋاتىدۇ،
شوڭا مەن تىما تەتقىقات توغىسىدا قىسقىچە قىلىپ مىسال خاراكتىرلىك لىكسىيە سۆزلەپ بەرمەكچىمەن،
30 نەچچە يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ نەچچە مىڭ سائەت دەرس ئۇتۇپ نەچچە ئەۋلات كىشىنى تەربىلەپ ئۇقۇتقۇچىدىن: ئۇقۇتۇش ئەندىزىڭىز نىمە؟ ئۇقۇتۇشتا قانداق ئالاھىدىيلىگىڭىز بار؟ سورىغاندا. دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئۇقۇتقۇچى ئۇچۇن ئېتقاندا بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرەلمەسلىك تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ،ھەقىقى تەرەقىيات ئىستىقپالىغا ئىگە ئۇقۇتقۇچى مەلۇم بىرخىل نۇپۇزلۇق ئۇقۇتۇش ئەندىزسىنى قارغۇلارنى كۇچۇرۇپ كەلمەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى قۇبۇل قۇبۇل قىلىدۇ ئۇقۇتۇش تەجىربىلىرىنى قۇبۇل قىلغان ئاساستا ئۆز ئارتۇقچىلىغىنى جارى قىلدۇردۇ دادىل يېڭىلىق يارتىپ ئۆزىگە خاس ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى يارتىدۇ، ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەندىزىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇقۇتقىچىنىڭ دەرسخانا ئۇقۇتۇشتىكى خاسلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك نۆۋەتتىكى دەرسخانا ئۇقۇتۇش تەتقىقات ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشتىكى بىر ئېغىر ئىللەت سانىلدۇ، شوڭا بىز دەرسخانا ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزلۇكسىز تەربىيلىنىش ۋە ئۇلگىلىك ئۇقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۇرۇشتە چۇقۇم مۇشۇ ئىللەتنى تۇگىتىشىمىز لازىم. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى خاسلاشتۇرۇش تەتقىقاتغا ئەھمىيەت بىرىپ. دەرسلىك ئۇقۇتۇش سىتودى تەتقىقاتىدا ھەربىر ئۇقۇتقۇچىنى ھەم باشقىلارنىڭ ئىلغار ئۇقۇتۇش تەجىربىلىرىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ھەم ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى. ئۇزىدىكى يۇشۇرۇش ئىختىدارىنى قىزىپ. ئۆزىگە خاس ئۇقۇتۇش ئالاھىدىلگى شەكىللەندۇرۇش. ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى دەرس مۇنبىرىدە ئۆزىگە ئارتۇقچىلىقلىرىنى كارامەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىتىگە ئېگە قىلىشى كېرەك،نىمە ئۇچۇن ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش خاسلىقىنى تەتقىت قىلىمىز دىگەن تىما لىكسىيە سۆزلەپ بېرىمەن،
ئۇنۇملۇك بولسا ئۇقۇتۇش خاسلىقى دىگەن نىمە؟ ئۇقۇتۇش خاسلىقى دىگىنىمىز ئوخشاش ئۇقۇتۇش مەخسىتىگە يىتىش ئالدىنقى شەتلەر ئاستىدا ئۇقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئاساسەن دايىم قوللىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدۇر،

1.دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۇرگىلى بولىدۇ.
تۆپ يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ دەرىسخانا ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىمىز، دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتىمىز جانسىز ئۇلۇك بۇلۇپ كەلدى، باشقا سەۋەپلەرنىڭ بۇلىشى تەبئى لىكىن داڭلىق ئۇقۇتقىچىلارغا چۇقۇنۇش ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرىنى   كۇچۇرۇپ كىلىش ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئۇقۇتۇش ئالاھىدىلكىنى تەتقىت قىلىشقا سەل قاراش بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ،
مەلۇم بىر ئالاھىدە ئۇقۇتقۇچى مۇنداق دىگەن: مەلۇم بىرخىل ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق ياش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئوي قارماققا خاتا بولسىمۇ لىكىن بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ھەتتا زىيانلىق
قېلپلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى؛ ھازىىرغا قەدەر ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىرەر ئۇقۇتۇش ئەندىسى مەيدانغا كەلگىنى يوق. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مەيدانغا كەلمەيدۇ، ئاشۇندداق بىرخىل ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى مەيدانغا كەلگەن. ھەممە كىشى شۇ ئۇسۇل بۇيىچە ئىشلىگەن ھالەتتىمۇ، بۇخىل ئوقوتۇش ئۇسۇلى ئۇزاق بارمايلا قاتمالىشىپ ھاياتى كۈچىنى يوقتىدۇ.
بۇ خىل كۆز قاراش زىيانلىق دىگىنىمىز، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئۇقۇتىشىنى ئۈلۈك، جانسىز ئۇرۇنغا چۇشۇرۇپ قۇيدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇقۇتۇش ئوبىكتىپ قانۇنيەتكە ئىگە بولسىمۇ، بۇ قانۇنيەتنى ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش يوللىرى ھەرخىل بۇلۇپ، ئادەمگە قاراپ تالىنىدۇ. بۇ دەل(ئۇقۇتۇشتا ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى يوق ) ئىكەنلىكنى بىلدۇرىدۇ. ئەدەبىيات ئۇقۇتۇشتىكى ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇزىگە خاس ئالاھدىلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۈلۈك ھالدا كۇچۇرۇپ ئېگىلۋىېلىش ئاقمايدىغان ئىش ئۇلار ھەرخىل ئۇسلۇپتا بۇلۇپ ( بارچە گۇللەر تەكشى ئېچىلماقتا) ئەگەر بۇلارنى بىرخىل ئۇسلوپقا يىغىنچقلاپ قويساق پايدىسى بولامدۇياكى زىيىنى بولامدۇ. بۇنىڭغا جاۋاپ بىرش ھاجەتسىز ئەلۋەتتە.
بۇ مۇئەلمنىڭ يۇقۇرىقى سۆزلىرى ناھايتى چوڭقۇر مەنگە ئېگە. بۇ سۆزلەر بىزنى ئۇقۇتقۇچىلارغا ياخشى ئۇقۇتۇش ئەندىزسنى تۇنۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئۆگۇنىشكە قۇبۇل قىلشقا ئۇندەپلا قالماي مەلەم بىرخىل ئۇقۇتۇش ئەندىزسى بۇيىچە ئۇقۇتقۇچىغا تەلەپ قۇيۇپ، ئۇقۇتۇش خاسلىقنى چۇشەپ قويماسلىق، ئۆز ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇقۇتۇشتىكى خاسلقنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزگچە ئۇقۇتۇش ئالاھدىلكىنى شەكىلەندۇرۇشكىمۇ ئىلھملاندۇرىدۇ. ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى مۇشۇنداق ئېلىپ بېرىلغاندىلا ئاندىن ھاياتى كۇچكە. ئۇقۇتقۇچىمۇ تەرەقىيات ئىستقبالىغا ئېگە بولالايدۇ ، شۇنداق قىلغاندىلا كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى، ئلميى تەتققاتلىرىغا قاتنىشش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىلى مەكتەپلەردە ( بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش) تەك ياخشى كەيپىيات ياراتقىلى بولىدۇ.

2.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجادچالىقىنى ئۇرغۇتقلى بولىدۇ.
ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرخللا بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.‹‹ دەرسخانا ئۇقۇتۇشنى ھاياتى كۈچكە ئېگە قىلىمىزدەيدىكەنمىز چۇقۇم ئقۇغۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش جەھەتتكى خاسلقنى تەتقق قلىپ، ئۇلاردىكى ئىجاديى قابىلىيەتنى ئۇرغۇتىشىمىز كېرەك. ئەمما، ئەپسۇسىلىنارلىقى شۇكى، ئىلگىركى دەرىس ئاڭلاش، دەرس باھاللاشلاردا مەكتەپ رەھبەرلىرى ياكى ئۇقۇتۇش تەتققاچىلىرى ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش جەھەتتىكى خاسلقنى بايقاش ۋە يەكۇنلەشكە تازا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئۇقۇتقۇچىنىڭ يېڭلىق يارتىش روھىنى بايقاش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا ماھىر بولمىغان ئۆزىنىڭ ئىرادىسى، تەجربىسى، ئويلىغىنى بۇيىچە ئۇقۇتقۇچىغا باھا بەرگەن، ئۇقۇتقۇچىلىرىمىز بولسا، بەزى چاغلاردا ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەيلا ‹‹تەربىيە››نى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىدە بار بولغان ئالاھدىلىك، قممتى بار بولغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن. شۇنسى ئېنقكى، بۇخىل ئۇسۇل ئۇقۇتقۇچىلاردىكى ئىجادچانلقنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز بۇلۇپلا قالماي ، ئۇقۇتۇش خاسلىقنىڭ تەرەقىياتنىمۇ چەكلەپ قۇيىدۇ، شۇڭا، بىز دەرىس ئاڭلىغان، دەرىس باھالىغاندا كۆز قارشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇقۇتقۇچىلارنى لايىقىدا يېتەكلىگەندىن سىرت، يەنە ئۇلاردىكى ئىجادچانلىق روھىنى قەدىرلەپ ، ئۇلارنى قممتى بار بولغان نەرسىلەرنى بايقاشقا ، بۇلۇپمۇ خاسلقا ئېگەن نەرسىلارنى بايقاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ يەكۇن چىقىرشىغا ياردەم بىرشىمز، ئۇلارنىڭ ئۇقۇتۇش خاسلىقىنى كۈچەيتىپ پىشىپ يىتلىدۇرشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلساقلا، ھەممە ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇتۇش تەتققاتى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللنىپ ئۆزىنىڭ ئىجادچانلقنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

3. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش سەنئتىنى ئۆستۇرگىلى بولىدۇ.
ياخشى ئۇقۇتۇش خاسلىقى بىر خىل ئۇقۇتۇش ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئۇقۇتۇش ئۇسلۇبى بولسا ئۇقۇتۇش سەنئتى كاتېگوريىسىگە تەۋە، ئالايلى، بەزلەرنىڭ ئۆتكەن دەرىسى خۇددى بىر پارچە نەسىردەك راۋان، تەبئىي، ۋەزنلىلك ، رىتملىق، گۈزەل، لىرىكىلىق بولىدۇ، بەزىلەر دەرىس ئۆتكەندە خۇددى قىزىقارلىق ھىكايە سۆزلەۋاتقاندەك كىشلەرنى بىلىم ئوردىسىغا جەلىپ قىلۋالىدۇ، بەزلەرنىڭ دەرىسى خۇددى بىر پارچە پەلسپەۋى ئىلمى ماقالىدەك باسقۇچلىرى ئېنىق، تەھلىللىرى توغرا، لوگكلىقى كۈچلۈك، مەزمۇنى چوڭقۇر،نۇقسانسىز بولىدۇ، بەزلىلەر دەرىس ئۆتكەندە ئۇقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلشقا ماھىرلىق بىلەن قوزغاپ، گۇمانى نۇقتلارنى يىشىپ، ئۇقۇغۇچىلارنى مۇنازىرىگەئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلگىدىن ئۆگۇنۇش قابىليىتىنى يىتلىدۇرۇشكە يىتەكلەيدۇ، قىسقىسى بۇنداق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىغان كىشى خۇددى ئۆزىنى سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنۋاتقاندەك ھىس قىلدۇ، شۇڭا، ئۇقۇتقۇچىلارىنىڭ ئۇقۇتۇش خاسلىقىنى تەتقىق قىلىش ئۇقۇتقۇچىنىڭ بەدئىيى ئالاھىدىلىگنى ئۆستۇرىدۇ دەيمىز، ئۇقۇتۇش سەنئتىنىڭ يۇقىرى كۆتۇرۇلىشى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خوشال-خورام بىلىم ئېلىشغا ، يۇكىنى يەڭگلىتىشىگە، سۇپىتىنى ئۆستۇرۇشكە ناھايتى پايدىلىق.

4. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاس خارەكتىرىنى يىتلىدۇرەيلى.
مەلۇم مەنىدىن ئېتقاندا، ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش خاسلىقى بولمىسا، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشمۇ تەس بۇلۇپ قالىدۇ، ئەگەر ئۇقۇتقۇچى ئەنئەنىۋى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، يەنىلا كونا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا، يۈرەكلىك ئىسلاھات ئېلىپ بارالمايدۇ، دادىل ئىشلىيەلمەيدۇ، ئۇقۇتۇشتا خاسلقى بولمايدۇ، ھەمىشە ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بىلمنلا تەكىتلەپ، ئىقتىدار يىتىلدۇرۇشكە سەل قارايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ-دە ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ، ئىمتاھان، تەكرارلار ئۇلارنىڭ پۇت قۇلىنى چۇشەپ قۇيىدۇ، بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش خاسلقىنى چەكلەپ قۇيۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش خاسلىقى  تەكتىلەنسە. ئۇقۇتقۇچىلار ‹‹بەس-بەستە سايراش›› قا، يېڭىلىق يارتىشقا جۈرئەت قىلالسا بۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خاراكتىرىنى ھەتتا ئۇلاردىكى ئىجادچانلقنى يىتلدۇرۇشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئېگە بولىدۇ.
يۇقارقىدەك تىما تەتقىقاتدىن باشقا يەنە مەكتەپلەردە ئۇقۇتۇش سۇپۇتىنى يۇقىرى كۆتىرشىگە پايدىسى زور بولغان ‹‹نىمشقا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخاندىكى سوبىكتىپ پائاليىتىنى تەنقىق قىلىمىز››، ‹‹ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاد قىلىش روھىنى يىتلىدۇرۇش ۋە ئۇنى باھالاش›› دىگەندەك تىما تەتققاتىنى ئېلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى ئۇنۇمىنى قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 3 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-10 16:52:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2016-3-11 14:04:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى لېكسىيە ئىكەن .تەربىيەلىنىشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇدەك
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش