| ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولايلى
ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇن خوجايىنلىرىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن ئورناتقان ئەمگەك موناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان، ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئىش ھەققىنىڭ مەلۇم قىسمىنى تۇتۇپ قالغان خوجايىنلارنى تېگىشلىك ساۋاققا ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› بويىچە ئىش كۆرۈش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈردى. ئەمما يېزا -قىشلاق ۋە شەھەر -بازارلاردىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان كۆپ قىسىم ياشلار رېستوران ۋە تېز تاماقخانىلاردىن ئىش ئورنى تاپقان بولسىمۇ، خوجايىنلار بىلەن يازمىچە ئەمگەك توختامى تۈزمەي، ئاغزاكى كېلىشىدۇ. نەتىجىدە ئىش ھەققىنى تولۇق ئالالمايدىغان، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا جەرىمانە تۆلەيدىغان، شۇنداقلا خوجايىننىڭ تاپا-تەنىلىرىدىن قۇتۇلالماسلىق سەۋەبىدىن دىلى ئازار يېگەن ئاشپەز، كۈتكۈچىلەر ئىش ھەققىنى ئالالماي كېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى مەلۇم بىر رېستوراندا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاشپەز ۋە ئايرىمخانا كۈتكۈچىلىرى ئايلىق ئىش ھەققىنى ئالغاندا خوجايىننىڭ قىڭراق-پىچاق، سۈپۈرگە قاتارلىق قورال-سايمانلارنىڭ ‹‹ئۇپراش ھەققى››نى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ نارازى بولغان بولسىمۇ ئامال قىلالمىغان، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ خوجايىن بىلەن ئاغزاكى ‹‹ئەمگەك توختامى›› تۈزگەنلىكى سەۋەب بولغان. بۇ دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا سەل قاراپ، خوجايىننىڭ چىرايلىق گېپىگە ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئاي توشقاندا لېۋىنى چىشلەپ قالغان. شۇڭا دېھقان ئىشلەمچىلەر شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئائىت قانۇن ساۋاتلىرىنى ئوبدان ئۆگىنىشى، ئەمگەك ۋە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ خوجايىنلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى تەرەپ بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك توختامىنىڭ تۈزۈلگەن-تۈزۈلمىگەنلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. |
|