كۆرۈش: 900|ئىنكاس: 2

تىرناقتا تۇختىغان ئاتا-ئانىلار يىغىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تىرناقتا تۇختىغان ئاتا-ئانىلار يىغىنى



ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ



  بىگىز بارماق تەربىيىسىدىن تىكەن ئۈنسە ،باش بارماق تەربىيىسىدىن گۈل ئۈنىدۇ.ـــ خاتىرەمدىن.



     ئىلاۋە : ئاتا-ئانىلار يىغىنى قانداقتۇر بىر ئۆلۈك فورمىلا ياكى قېلىپ ئەمەس.بۇ يىغىن ياخشى ئېچىلمىسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.ئۈنىمى تۆۋەن،تېتىمسىز يىغىن پەرزەنتنىڭ كەلگۈسىگە ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ.تەپەككۇرغاباي،ئىزدىنىش روھىغا ئىگە ئاتا-ئانىلار يىغىنى بالىنىڭ ئەقىل بۇلىقىنىئېچىپ،ئۆزلۈك روھىنى چىڭىتىپ،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جاھاننىڭ رەپدارىنى بىلىدىغان قابىللارغا،ۋەتەنگە ياراملىق سەرخىللارغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ يىغىننىڭ يېقىشلىق بولىشىنىرەھبەرلىكنىڭ دانالىقى ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاقىللىقى بەلگىلەيدۇ.شۇڭا سىنىپ مەسئوللىرىۋە ئاتا –ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى يازمامنى ئوقۇپ تەپەككۈر يۈگۈزۈشىنى،بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنىبىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا بارمايدىغان مەسئولىيەتسىز ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت نىداسىنى ئاڭلاپ بېقىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
ئەمىسە ھاياجانلىق ئىچىدە قاتناشقان ئاتا –ئانىلار يىغىنىغا كىرىپ كەتتۇق!


    كەلگۈسىمىز ھەققىدە سۆزلەپ باقايلى.



-مەن ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولۇپ كەلگۈسىدە بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشسەملابولدى.دەپلا يىغلاپ كەتتى بىر قىز ئوقۇغۇچى.
-مەن راست گەپ قىلسام دەرس ئۈگەنگۈم يوق.بولسا مەكتەپتە ئوقۇمىسام.لېكىنئالاھىدە ساقچى بولغۇم بار.دىدى يەنە بىر قىز.  
-چوڭ بولغاندا يېزىقچىلىق جەھەتتە تەرەققى قىلىپ مۇھەررىر بولغۇم بار.
-چوڭ بولغاندا كارخانىچى بولغۇم بار.
-چوڭ بولغاندا ئانا تىلىنى كومپىيوتورغا تونۇتقۇم بار.
-مېنىڭ تېخى غايەم يوق .دەسلەپدوختۇر بولاي دىگەن لېكىن دوختۇرلارنىڭ بەك جاپا تارتىدىغاىنى بىلگەندىنكېيىن،بولدىلا ئوقۇتقۇچى بولاي دىگەن ئىدىم .لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋايساپلايۈرىدىغىنىنى كۆرۈپ بولدىلا ئوقۇتقۇچى بولمايمەن دىدىم ھازىرچە غايەم يوق.
......
      مانا بۇ 8-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان سۆيۈملۈك بالىلارنىڭ «چوڭ بولغاندا نىمە ئىشقىلىسىز ؟»دىگەن سۇئالغا ئاتا-ئانىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ،ساۋاقداشلىرى ئالدىدا بەرگەنسۆيۈملۈك ،راسچىل جاۋابى.
      مانا بۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىدىنبولۇپمۇ ئاتا مېھرىدىن سۇ ئىچمىگەن ئىقتىسادتىن قىسىلغان بالىنىڭ سۆزى.مانا بۇئۆزىگە ،مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرگەن بالىنىڭ سۆزى.مانا بۇ پۇلنى ئېغىزىدىنچۈشۈرمەيدىغان ئائىلىدىكى بالىنىڭ سۆزى. مانا بۇ بالىسىنى ئىشەنچكە باشلىغانبالىنىڭ سۆزى،مانا بۇ غايىسىز ئائىلىدىكى بالىنىڭ سۆزى.مانا بۇ ئانا تىلىنىسۆيىدىغان بالىنىڭ سۆزى.مانابۇ ...
ھەممە بالا ئۆز غايىلىرىنى ئېيتقىچە ئالقىشلاندى،ئالقىش كۈچى بىلەن بەزىبالىلار ئىلگىرى دەپ باقمىغان يېڭى غايىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
      يىغىن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە ،مۇنازىرە مەيدانىغا ئايلاندى.ئاتا ئانىلاربىلەن بالىلار كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنغا ئايلاندى.مانا بۇ يىغىندەرىجە ئاتلاپ ،مەن بۇرۇندىن ئارزۇ قىلغان ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا ئايلانغانئىدى.بارىكاللا!



   بالىلارنى مۇكاپاتلاشتىن تۇغۇلغان ئۆيلار


   يىغىن تەرتىۋى بويىچە دەسلەپتە ئۇگۈنۈش ماھىرلىرىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ئالدىغا تەكلىپ قىلىنىپ، سىنىپ مەسئولى تەرپىدىن چىرايلىق مەدىھلىنىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قولى ئارقىلىق مۇكاپاتلاندى.گۈلدىراس ئالقىشلار بۇ ماھىرلارنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ،ئۇلارنى تىرىشىشقا ئۈندىسە .بەزىلەرنى سۆيۈندۈرسە، قىسمەنلەرنى  ھەيرەتتە قالدۇردى. تەرتىپ بويىچە ئالدى 15ئوقۇغۇچىنى ئالدىغا تەكلىپ قىلىنىپ، تىرىشىشقا ئۈندەپ يەنە كاتتا سۈپەتلەر بىلەن ئۇلارنىمۇكاپاتلاندى.ئاتا-ئانىلار مازۇزلۇق* بىلەن مۇكاپاتلارنى بالىلىرىنىڭ قولىغا بېرىپ ئۇلاردىن سۆيۈندى.بەزىلەر ئۇدۇللا بېرىپ قويسا ،بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ،رىغبەتلەندۈرۈپ قويدى.توۋۋا مەنمۇ بالامغا ئۇدۇللا بېرىپ قويۇپ ئارقىدىن ئەپسۇسلاندىم .مەنمۇ بىرئاتا بولغاندىكىن بالامنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ «مۇبارەك بولسۇن !تېخىمۇتىرىشىڭ !»داۋالسام بولمامدۇ؟ھەي بوپتۇلا !چۈنكى بالام بىر دەرىجەتۆۋەنلىگەچكىمىكىن ،  شۇنداق قىلغان ئوخشايمەن . كېيىن بالامنىڭ نەتىجىسى مۇئەييەنلەشتۈرلۈپ ،ئايرىم رىغبەتلەندۇرۈشقىلغاندا ئازراق پۇشمانمۇ قىلدىم .چۈنكى مېنىڭ بالام ئاپتونۇم رايۇن بويىچە شەرەپ قازىنىپ،مەكتەپ ،قومۇلغا شەرەپ كەلتۇرۈپ يېزىقچىلىق تالانتىنى نامايەن قىلغانئىدى.
     ھەتتا ئازراق ئۈگىنىش ئۈچۈن ياكى سىنىپ كوللىكتىۋى ئۈچۈن ئازراقلاتىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا ،مۇئەللىم ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى.  
     ئۆز ئەمگىكىگە قارىتا ئىش ھەققى ئىلىش سوتسىيالىستىك جەمىيىتىمىزنىڭ ئىش تۈزىمى.شۇڭا ئوخشاش مۇئەللىممۇ بالىلارنى مۇشۇ ئۇسولدا مۇكاپاتلاش قىلدى.بالىلارئۆزىگە تەگكەن خاتىرە بويۇملاردىن كىملىكىنى كۆردى.تىرىشىشنىڭ ئالى مۇكاپاتلارغاباشلايدىغانلىقىنى چۈشەندى.رىقابەتلىك جەمىيەتتە قابىلارنىڭ ھامىنى ياخشى نەتىجىگەئېرىشىدىغانلىقىن ھىس قىلدى.مانا بۇ يىغىنىڭ نەتىجىسى ۋە مۇۋاپىقىيىتى.


بالىلارنىڭ 10تۈرلۈك يۈرەك سۆزى


        ئىككى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا دىيەلمىگەن يۈرەك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
1. بىزنى ئويلاپ قويساڭلار ،خاپىلىقىڭلارنى بىزگە سىڭدۈرمىسەڭلار.
2. ئىشلىرىڭلار ئالدىراش لېكىن بىزگە ئازراق ۋاقىت ئاجىراتساڭلار. بىز بىلەن پاراڭلاشساڭلار.
3. تېلىۋىزور كۆرۈش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويساڭلار.
4. سۇئاللىرىمىزغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرسەڭلار، ئائىلىنىڭ بىرەر ئىشىنى قارار قىلغاندا بىزنىمۇ قاتناشتۇرساڭلار .پىكرىمىزنى ئېلىپ باقساڭلار.بىزنى ئەقىلسىز ،كالۋا ...دەپ تىللاپ روھىمىزنى چۈشەرمىساڭلار.
5. نەتىجىمىزنى ھەممە ئىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالمىساڭلار.
6. نەتىجىمىزنى باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇرمىساڭلار،ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنىمۇ كۆرۈپ قويساڭلار.نەتىجە بېسىمى بىزئۈچۈنبەكمۇ ئازاپ.
7. كەيپىياتنىڭلارنى تەڭشەشنى بىلسەڭلار، سىرتتىكى ئاچچىقنىبىزدىن چىقارمىسڭلار.
8. بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋەتمەي باشقۇرۇپ تۇرساڭلار،مەكتەپكە پات- پات كېلىپ ئەھۋالىمىزنى ئىگەللەپ تۇرساڭلار.ئۈگىنىشىمىزگە نازارەتچىلىك قىلساڭلار.
9. بىزگە ئىشەنسەڭلار ،بىزنى چۈشەنسەڭلار، بىزگە مەدەتبەرسەڭلار، بىزنى كىچىك دەپ خاتا ئەيىپىلمىسەڭلار.
10. بىزنىڭ ئوزۇقلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بەرسەڭلار.


مېنىڭمۇ بالامغا كۆيۈنمىگەن جايلىرىم باركەن


     تەپەككۈردەپتىرىمنى ۋاراقلىسام ، يەنىلا بالىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ كۆپىرەگىنى يەنىلا ئاتا-ئانىلار يارىتىدىكەنمىز! بىزدە بولغاچقا بالىلىرىمىز مانا بۇگۈنكىدەك سورۇندا ئوتتۇرىغاقويىۋاتمامدۇ؟
    ھەي!ئالدىدا بىز ئاتا-ئانىلارنى مۇنتىزىم تەربىلىشى كېرەككەن. ئاندىن بىز  بالىمىزنى  تەربىلىسەك بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .چۈنكى ئۆزىمىزنى ھىچ نىمىگە تەڭ قىلمىغان ،قاتار چايلارغا يېڭى كىيىمسىز  بارمايدىغان ئانىلار، پوتۇلكىدىن نەچچىنى چېلىشىپ يىقاتمىسا ھاراق چىشلىۋالىدىغان ئاتىلار. شۇ چاي ،شۇ سورۇنغا بارغان ۋاقتىنى ئىلىم سورۇنلىرىغا ئاتىسا، كۆپرەك كىتاپ ئوقىسا ، بۇنىڭ پايدىسىنى سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز كۆرەتتى ئەمەسمۇ؟ زىيالى ئاتا-ئانىلارمۇ يوغان دېپلومنى قۇچاقلاپ يېتىۋەرمەي، يېڭى–يېڭى دەۋىر بىلىملىرىنى ،پەرزەنت تەربىلەش ،ئادىمىلىك ،ئەخلاقى زەپىرانلىق...بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈپ قويساق شىرنىسىدىن بالىلىرىمىز بال ئالىدۇ ئەمەسمۇ؟
    ئۈلگەئىنتايىن مۇھىم. بالىلىرىمىزغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك . چۈنكىبالىنىڭ كۆزى سىنئالغۇ،قۇلىقى ئۈنئالغۇ ،ھەركىتى نۇسقىلىغۇ .شۇڭا ئىش ھەركىتىمىز بالا ئالىدىدا ئىنتايىن مۇھىم. بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدىن قارىغاندا ئاتا-ئانىلاردابىر مۇنچە سەۋەلىكلەر مەۋجۈتكەن ئەمەسمۇ !؟ بالىلىرىمىزغا كۆيۈم يېتەرلىك ئەمەسكەن قېرىنداشلار!
مەندەرھال ئۆزەمدىن بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزدەپ باقسام مەندىمۇ بىزمۇنچەيېتەرسىزلىكەر چىقىپ قالدى .مەسىلەن بالا بىلەن سىردىشىش،باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش،نەتىجىنى ئۆلچەم قىلىپ بالىدا بېسىم پەيدا قىپتىمەن ئەمەسمۇ؟ باشقائاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىدىكى ساقلانغان مەسەللەرنى خېلى مۇنازىرە قىلىشتى ۋە تۈزەتمەكبولدى.
     نىمە دىگەن ياخشى يىغىن بۇ! شۇنداقتېتىملىق،شۇنداق يېقىشلىق ،شۇنداق ئۈنۈملۈك،شۇنداق ئەھمىيەتلىك ! بۇ قېتىمقى ئاتا-ئانىلار يېغىنى بىزنى  قەۋەتلا سۆيۈندۈردى.چۈكى ھەربىر بالا ئۆزلۈك دۇنياسىدىكى خائىشى بويىچە نەتىجە ياراتقاچقا ،سىنىپ مەسئولى بۇنى بايقاپ ئۇلارغىمۇ قاناتى تۈرتكەن مۇكاپاتلارنى بېرىپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغان ئىدى . ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى قولىدىن تەقدىرنامىنى شۇنچە جىق ئادەم ئالدىدا ئېلىشى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتتى .نىمە دىگەن ياخشى ھە ! مانا بۇ ھەقىقى بىز تىپچەكلەپ تۇرۇپ «ساپا مائارىپى» دەپ جار سېلىپ يېتەلمىگەن ، لېكىن بىزدە ئەزەلدىنلا بار بولغان ساپا مائارىپى.



«كىچىك تەتقىقاتچىلار»ۋە بىزدىكى خاتا تەربىيەلەر



    ھەي ! ھەي ! تېخى  مۇئەللىمنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «تارىخچى»،«بىئولوگ»،«ھاشارەتشۇناس»...دىگەن چىرايلىق ناملارنىبېرىشى بۇ سەبىلەرنى سۆيۈندۈرۈپ ، بېشىنى كۆككە يەتكۈزگەن ئىدى.ئۇلار  ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ئۆتمۈشىنى سۆزلىگەندە چاۋاق چېلىپ قوللىرىم ئاغرىپ كەتتى .قەلبىم تېۋىشسىز يىغلىماقتا.چۈنكى بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىلىسەك نىمە دىگەن ياخشى .قايسى ئاتا-ئانا بۇنىڭدىن سۆيۈنمەيدۇ؟مەنمۇ خوش بولۇپ كېتىپ ھاياجانلىق سۆزلىرىمنى خېلىقىلىۋالغانمۇ بولدۇم .پەرزەنتلىرىمىزگە پايدىلىق گەپلەر بولغاندىكىن بوپتۇغۇ . شۇنداقمۇ قېرىنداشلار؟!
    ئەمدى قاراپ باقسام «بالىلارنىياخشى تەربىلەيمىز دەپ جار سالىدىكەنمىز !»،ئارزۇ قىلىدىكەنمىز . بەزىلىرىمىز بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ ئازراقلا ئويناپ تاپشۇرۇققا تۇتىنمىسا* ، ئۆزىمىزچەقاتتىق باشقۇرىمەن دەپ تىللەپلا قوپىمىز «ھەي گۇي ! تاپشۇرىغىڭنى ئىشلىسەڭ بولمامدۇ! سېنى كۈندە ئىشلە دىمىسەم ئىشلەمسەن!»دىسە ،بەزىلىرى «مەن چايدىن كەلگىچە تاپشۇرىقىڭنى تولۇق ئىشلەپ بول!»،«نىمە ئانداق بىلمەيسەن گاچا ! »....دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتقان  ، تىللاۋاتقان....بىچارىلەر شۈمشىيىپ ناچار گەپ تۈپەيلى ئىشلەۋاتقان كاللىسى ئۆتمەيۋاتقان. بەزىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپمۇ شۇنداققىلىۋاتقان. توۋۋا دەيمەن . ئۆزلىرى تېلىۋىزورنى جىق كۆرۈپ «دەنشى بابا»،«دەنشىماما»دەپ نام ئالغان تۇرۇپ، بالىسىنى تېلۋىزور كۆرمە دەپ ئورۇنسىز تەنقىتلەشلەر. قولىغا ئايدا بىر نۆۋەت كىتاپ ئالماي بالىسىنى «كىتاپ ئوقۇ ! تېلىۋىزورنى كۆرىۋېرەمسەن!» دەۋاتقانلار . ئاشۇ بالىلارنى ئۆز ئەركىسىگىمۇ قويايلى ئۇ بالىنى ھازىرقى سىز قىلىپ تەربلىسىڭىز يەنە ئون يىلدا ئۇ بالا سىز بولۇپ يېتىشىپ چىقسا دەۋىرگە ،رىقابەتكە يېتىشەلمەيدۇ ؟ شۇڭا بالىنىڭ بەزى تەپەككۇرى، بەزى جايىللىقلىرىمۇ بەلكىم ئۇنىڭ تالانتى بولسا كېرەك! شۇڭا بالىغا ئۆزىمىزنىڭ نۇسخىسىنى مەجبورى بالىغا تاڭمايلى ! ئۇ بىزدىن قابىلغا ئايلانسۇنكى ئۇ سىز بولۇپ قالمىسۇن !چۈنكى بالىنىڭ دەۋرى ھەرگىز سىز بار دەۋىر ئەمەستە !


        ئادەمنى ئۆيغا سالىدىغان بىر ئىش



   -مېنىڭ بالام مۇشۇ سىنىپتىمۇ؟ دەپلا بىر ئاتا يىغىن ئېچىۋاتقان سىنىپقا رۇخسەتسىزلا كېرىپ كەلدى . بالىسىنىڭ نەچچىنچى يىللىق،نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغىنىنمۇ بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار ھازىرمۇ باركەن . ئاخىرى مۇئەللىملەردىن بىرىنىڭ يادىدا بۇ بالا باركەن .ئۇ بالىنىڭ 9-يىللىققا چىقىپ كەتكەنلىگىنى دىگەندىلا ئاندىن ئۇ ئاتا بالىسىنى ئىزلەپ چىقىپ كەتتى . دىققەت قىلايلى جۇمۇ بالىلىرىمىزنىڭ نەچچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغىنىنى شۇڭا ئالاقىدارئۇچۇرلارنى بىلىۋالايلى . بۇ ئەقەللى ساۋات ئاتا-ئانىلىق بىلىم.بۇنداق ئاتىلارنى قانداقمۇ لاياقەتلىك دىگىلى بولامدۇ ؟ بۇ ئائىلىنى بۈگۈنكى  رىقابەتلىك  زاماندا لاياقەتلىك ئائىلە دىگىلى بولامدۇ؟



ئاتا-ئانىلار يېغىنىغا باھا،مەدىھە ۋە تەھلىل



  ئارىمىزدا  نەقەدەر ياخشى ئاتا-ئانىلار بار –ھە! ئۇلار بالىلىرى ئۈچۈن تېلۋىزورنىڭ زىۋانىنى ئۆچۈرۈپ بالىسىغا بىلەلمىگەن يەرلىرىنى ئاتىلىق ئانىلىق مېھرى بىلەن كۆيۈنۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈدىغان . ئائىلىسى ئىناق بىر بىرىگەكۆيۈم شۇ قەدەر ئىللىق بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ھەرقايسى پەن  نەتىجىلىرى سىنىپتا ئالدىدا .مەن خېلى كۆپئائىلىلەر ئۈستىدىكى يەكۈنۈمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي دەيمەن.
    ئائىلە بالىغا بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈگىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئائىلە مۇھىتى ياخشى ، ئائىلە ئەزالىرى ياخشى بولغان ، ئىناقلىق كۈلگەن ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بىلەن پىكىرلىشىش ۋاقتى كۈندە يېرىم سائەتتىن ئاشقان ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى بىرقەدەر ياخشىبولىدىكەن . شۇنداقلا ئائىلە شارائىتى ناچار ، ئائىلە ئەزالىرى بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى ئىناق ئۆتمەيدىغان ، بالىلىرى بىلەن پىكىرلەشمەيدىغان ئائىلەدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە نەتىجىلىرى تەبىئىلا تۆۋەن ، چوڭ بولغاندىمۇ ئىستىقبالىسىز بولۇپ قالىدىكەن.  
   نەتىجە ،بىز بالىلارغا ئىللىقلىق،مۇھەببەت ،ياخشى ئۈگىنىش شارائىتى ،كۆيۈم يەتكۈزۈپ بەرسەكلا مەيلى بىز يوقىرى ساپالىق ئاتا- ئانا بولايلى ، ياكى يوقۇرلاپ ئوقىمىغان ئاتا-ئانا بولايلى ، چوقۇم بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى توق بولسىلا بالىنىڭ مەكتەپتىكى ھەرقايسى جەھەتلەردىكىئىپادىسى ياخشى بولۇپ بىز كۈتكەن يەردىن چىقالايدىكەن.
  دىمەك ،مەلىكەم مۇئەللىمنىڭ(قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئولى) بۇ قېتىمقى ئاتا-ئانىلار  يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى ئۆزىنىڭ باشقا مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىشى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقابولمايدۇ.شۇڭا سىز مۇدىر بولسىڭىز ئوقۇتقۇچىلارنى يىلدا بىرەر نۆۋەت ياخشى تەجرىبلەرنى ئۈگۈنىشكە ، زىيارەت قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ قويغايسىز . بۇنىڭدا ئۆزىمىزگە خاس ساپا مائارىپى ئەندىزىسى ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ . ئىمكانىيەت يار بەرسە دەرسنىمۇ مۇشۇ  ئاتا-ئانىلار يىغىنى شەكلىدە بالىنىڭ ئەمەلىيىتى بويىچە ئۆتسە، ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
   تىرىشچانىلىق ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقىل بۆلۈمچىسىدە ئەزەلدىن بار بولغان ئىنكاس. ئۇ مەڭگۈ شۇ تەندە مەۋجۈت.كام بولغىنىئۇنى ئاكتىۋال مەۋقەگە ئايلاندۇرۇش ئەڭ مۇھىم ئىش.بۇنى ئاقىل ئاتا-ئانىلار بايقاپ شارائىت يارىتىپ بەرسە ئۇنىڭدىن دەستە گۈللەر ئېچىلغۇسى! ئەگەر بۇ تىرىشچانلىق ھاۋاسى بۇلغانغان ئائىلە شارائىتىغا مەھكۇم بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن تىكەن گۈلگەھەمرا مۆھتاجلىق ئۈنۈپ چىقۇسى بەس!
    خۇلاسە ، شۇڭا پۈتكۈل بالىرى ئۆقۇۋاتقان ئاتا –ئانىلار بۇ قېتىمقى دىلنىسۆيۈدۈرگەن ئاتا- ئانىلار يىغىنىدىن ئىلھام ئېلىپ ،بالىلارنىڭ تالانت ، ئارتۇقچىلىقلىرى ۋاقتىدا بايقىشى بەكمۇ زۆرۆر.ئۇلار بىلەن كۆپرەكپىكىرلىشىپ ،كۆيۈنۈپ ئۇلارنىڭ نىمىگە مۆھتاجلىغىنى ئوبدان ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغاشارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  
    ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى زىچ بىرلەشتۈرسەك بالىمىز كەلگۈسىدە غالىپلاردىنبولۇپ يېتىشىپ چىققۇسى! «بىگىز بارماق تەربىيىسىدىن تىكەن ئۈنسە ،باش بارماقتەربىيىسىدىن گۈل ئۈنىدۇ.ـــ خاتىرەمدىن.»دىمەكچى بالىنى ھىتتەلەپ * تەربىيە بەرمەي ،ماختاپ تۇرۇپ تەربىيە بەرسەك ئۈنىمى نەچچە ھەسسە يوقىرى بولىدۇ.
    بىز ئاتا-ئانىلار بۇ قېتىمقى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدىن ھەقىقەتەن خوش بولدۇق.چۈنكى ئاتا- ئانىلار يىغىنىنىڭ ياخشى ئېچىلىشى مۇئەللىملەرنىڭ بالىلارغا بولغان مەسئولىيەت تۇيغۇسىنىڭ ياخشى نامەيەندىسى . مانا مۇشۇنداق ياخشى يىغىنلار كۆپلەپ ئېچىلساھەممە خوشال بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئاخىرىدا بالىلىرىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىۋاتقان مېھنەتكەش ئۇستازلارغا كۆپ رەھمەت ! سىنىپ مەسئوللىرى ئۇستازلار بىز ئاتا-ئانىلار يىغىنىنىڭ  مۇشۇنداق  ئەھمىيەتلىك بولىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!؟


ئىزاھاتلار:
    مازۇزلۇق*-  پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش.
    تۇتىنمىسا*مەشخول بولمىسا،ئىشلەش.
   ھىتتەلەپ* بىگىز بارمىقىمىزنى چانچىپ تۇرۇپ.



2014 –يىل 30-دېكابىر   ئاراتۈرك
---------------------------------
مەنبە:http://bbs.bagdax.cn/thread-27643-1-1.html

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-1 00:19:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياىشى ماتىرىيال ئىكەن بۇ قىتىملىق سىنىپ يىغىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىچىلىپتۇ مەنمۇ بىر ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچماقچى ئىدىم يىقىن بولغان بولسا سىزنى تەكلىپ قىلار ئىكەنمەن ھەيييييييييييييييييييييييييي!
ۋاقتى: 2015-5-7 18:49:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، تېمىڭىزدىن بەك سۆيۈندۇم، بولۇپمۇ سىنىپ مۇدىرلار كۆپرەك پايدىلانسا بولغۇدەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش