كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 3

يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنى بىلەمسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەزى قىزلار يالغان كىرپىك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا، كۆز ئەتراپىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان يالغان كىرپىكلەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بەزىلىرى ھايۋاناتنىڭ تۈكىدىن ياسالغاچقا، تاقاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇنۇپ كېتىدۇ، ناۋادا كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆز قارىچۇقى زىيانغا ئۇچراپ، كىرپىك چۈشۈش، نۇر يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆز قارىچۇقى زەخمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، باكتېرىيىلەر ناھايىتى ئاسانلا كۆزگە كىرىپ، كۆز قارىچۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، قارىغۇ بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئادەتتە كىرپىكنىڭ قۇم،چاڭ-توزاننىڭ كۆزگە كىرىپ كېتىشىنى توسۇش، شۇنداقلا تەر، ياش ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش رولى بار.
لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا، ئەسلى كىرپىكنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. كىرپىكنىڭ يىلتىزىدا تەر ھەم ماي بەزلىرى بولۇپ، يالغان كىرپىكنى بەك ئۇزۇن تاقىسا، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ تەر چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-29 09:40:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
ۋاقتى: 2015-5-30 00:21:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم قىزلار بىلىۋېلىشى كىرەك بولغان ياخشى بىلىملەركەن بۇ دىققەت قىلايلى
ۋاقتى: 2015-6-13 12:18:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىز قىز -ئاياللار بىلىۋېلىش زۆرۆر بولغان مۇھىم بىلىم ئىكەن.گۈزەللىككە ھەممە ئادەم ئىنتىلىدۇ، بىراق تەبىئى بولغان گۈزەللىكلا كىشىگە ھەقىقى گۈزەللىك بېغىشلايدۇ. شۇڭا خانىم -قىزلار تەبىئى گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك.ساغلاملىق گۈزەللەكتىن ئۈستىن تۇرىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش