| «قوش تىللىق ئوقۇتۇش » دا ساقلىنۋاتقان مەسىللەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىناق خىزمىتى 1992- يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ يولغا قويۇلدى، كونكىرىتنى يولغا قويۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىدا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىرىدىن خەنزۇ تىلى بويىچە ئىمتىھان ئېلىپ، نەتىجىسى ياخشى بۇلۇپ، تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتسا "ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ"- دەپ، قارىغانلارنى بىر سىنىپ قىلىپ تەشكىللەپ خەنزۇ تىلى دەرسىنى كۈچەيتىپ ئوقۇتقاندىن باشقا تەبىئىي پەنلەردىكى كەسپى ئاتالغۇلاردىن دەرسلىك تۈزۈپ، كەسپى خەنزۇ تىلى دەرسى ئۆتۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئاساسى ھازىرلانغاندىن كىيىن ئاندىن تەبىئىي پەنلەر خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلدى. 2000- يىللىرىنىڭ بېشىغا كەلگەندە سىناق باسقۇچى ئاخىرلىشىپ، كېڭەيتىش دەۋىرىگە قەدەم قويدى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا بولسا ئايرىم- ئايرىم «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى» دەپ ئاتالدى. نۆۋەتتە پۈتكۈل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئاساسەن دىگۈدەك قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئومۇملىشش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىدىكى بىر موھىم ئوقۇتۇش يۆنىلىشى بولۇپ ، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ دەۋىرنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىشتا موھىم رول ئوينايدىغان ئوقۇتۇش شەكلىدىن ئىبارەت . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يولغا قويۇش بولسا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەرەر يولى ، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ تۈپ ئېھتىياجى . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ كۈچەيتكەندە مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، مىللەتلەر ئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ، جەمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئىلغار مەدىنىيەت ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدۇ . مانا بۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر « قوش تىل ئوقۇتۇشى » غا بولغان سالماقنى ئاشۇرۇپ ، تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، يەنلا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا كىشلەرنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشقا نىسپەتەن تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى يىتەرسىز بولۇش تۈپەيلىدىن، قوش تىللىق ئوقۇتۇش ھەققى قوش تىللىق ئوقۇتۇش بولماسلىق، سۈپىتى تۆۋەن بۇلۇش، ھەممە ئاكتىپ قوللىماسلىق، ئېغىزدىلا قوللاپ ماھىىيەتتە ئەھمىيەت بەرمەسلكىتەك بىر قاتار مەسىللەر كۆرۈلۋاتىدۇ.بۇ خىل مەسىللەر تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ : 1 . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ماھىيىتىگە بولغان تۇنۇشنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى، ئەھمىيىتىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ توغرا بولماسلىقى . بەزى مەكتەپلىرىدە ھەتتا مەكتەپ مۇدىرىنىڭمۇ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ھەققىدە چۈشەنچىسى تازا چوڭقۇر بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ باش پىلانىنى تۈزگەندە « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ھەققىدە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقالمايدىغان ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يولغا قويۇش لايىھىيسى يۈزەكى ، چۇۋالچاق بولۇپ قالىدىغان، پىلاننىڭ ئەمىلىيەتچانلىقى ئاجىز ، مەكتەپنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ماسلىشالماي ئوقۇتۇش سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىۋاتىدۇ . بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » توغرىسىدىكى تۇنۇشى توغرا بولمىغاچقا ئىدىيە جەھەتتە پاسسىپ ھالەتتە تۇرىۋېلىپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا بەزى توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا . 2 . قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى . نۆۋەتتە ، بىر قىسىم ئاساسى قاتلام مەكتەپلىرىدە « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرى ھەقىقەتەن كەمچىل بولۇپ ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يولغا قويۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ ، مەكتەپنىڭ « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى مۇكەممەل بولمىغاچقا « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشتىن ئايرىپ تەربىيلەشتە سان تەقسىماتى بىلەن چەكلەپ قويىدىغان ، ئىش ئورنىدا تەربىيلەشتە مەلۇم ۋاقىت ، شارائىت ھازىرلاپ بېرىشكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىپ « قوش تىل ئوقۇتۇشى »نىڭ تەلىپى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان بىر قىسىم پەنلەرگە ئوقۇتقۇچى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقماقتا . 3 . « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيلەش نوقتىلىرىغا بېرىپ تەربىيلىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، مەكتەپتە « ھەقىقىي ئورنى » نى تاپالماسلىقى . ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ « قوش تىل ئوقۇتۇشى » غا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئاجايىپ زور مەبلەغ سېلىپ ، پەنلەر بۇيىچە ئوقۇتقۇچىلارنى « قوش تىل مائارىپى » دا ئىشتىن ئايرىپ تەربىيلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتى . بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوخشىمىغان پەنلەر بۇيىچە رايۇن ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەربىيلەش نوقتىلىرىغا ئىشتىن ئايرىلىپ بېرىپ « قوش تىل مائارىپى » نىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە تەربىيلىنىشكە قاتناشقان بولسىمۇ بەزى مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مەكتەپنىڭ دەرس تەقسىماتىدىكى ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى دەپ ، مەخسۇس « قوش تىل مائارىپى » دا تەربىيلىنىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى « قوش تىل سىنىپى» غا دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرماي ، ئادەتتىكى سىنىپلارغا ، باشقا پەن ئوقۇتۇشىغا تەقسىم قىلىپ قويىدىغان ، ھەتتا بەزىلىرىنى باشقا مەمۇرىي خىزمەتكە ، ئارقا سەپ خىزمەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ بىلىمنى ، ئادەمنى ئىسراپ قىلىۋېتىشتەك ناتوغرا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئادەمنى تولىمۇ ئېچىندۇرماقتا . 4 . « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئوخشىمىغان مەسىللەر . بەزى « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى يۇقۇرى بولغان بىلەن خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلالمايۋاتىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئىشتىن ئايرىلىپ « قوش تىل مائارىپى » دا تەربىيلىنىش داۋامىدا خەنزۇ تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ لېكىن كەسىپ بىلىم قۇرۇلمىسى ، كەسىپ جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەجىربىسى كەمچىل بولغاچقا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بەزى « قوش تىل » ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرس لايىھىيسى تۈزۈش ، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئىلمىي لايىھىيلەش ، ئوقۇتۇش ئوسولىنى مۇۋاپىق تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىشى يىتەرسىز بولغاچقا « قوش تىل ئوقۇتۇشى »ئۈنۈملۈك بولمايۋاتىدۇ . 5. مەكتەپلەردە بىر قەدەر ياخشى بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » موھىتىنى بەرپا قىلىشقا سەل قارىلىۋاتىدۇ . « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا ئىچكى جەھەتتىكى ئامىللارنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە تاشقى جەھەتتىن ئۇنى ئوراپ تۇرىدىغان ئامىللارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، بىر قەدەر قۇيۇق بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » موھىتىنى يارىتىش تولىمۇ زۆرۈر . ئەمما بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىدە بۇنىڭغا سەل قاراپ « قوش تىل ئوقۇتۇش » موھىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە-« قوش تىل ئوقۇتۇشى » ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ، مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەش ، دەرس دېتالى تۈزۈش ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە باشقا مەكتەپلەر بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا « قوش تىل » نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ، قەرەللىك ھالدا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئەھمىيەت بەرمىگەچكە « قوش تىل ئوقۇتۇش » سۈپىتى يەنىلا تۆۋەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . 6 . خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى « قوش تىل ئوقۇتۇشى» نى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يەنە بىر چوڭ توسالغۇ بولىۋاتىدۇ . خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ناھايىتى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى تىل جەھەتتە « قوش تىل ئوقۇتۇشى » ئۈچۈن پىشاڭلىق رول ئويناپ ، ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ، ئېنىقكى « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ . ئەمما يېزا مەكتەپلىرىدىكى بىر قىسىم خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىي ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەھەتتە ئىقتىدار يىتىلدۈرىدىغان مەشىقلەندۇرۇش ، يىتەكلەش شەكلىدىكى تۈرلۈك ئىلغار ئوقۇتۇش ئوسوللىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئىزدەنمەي، ئۆزلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تىرىشماي ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلى جەھەتتە « ساۋاتسىز » قىلىپ قويۇپ ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ . دىمەك ، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولغان، ئىلغار مەدەنىيەت تەرەقىياتىنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ تۈپ ئېھتىياجى بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يۈكسەلدۈرۈشتە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىللەرنى جىددىي تۈزۈتۈپ ھەل قىلىش بەكمۇ زۆرۈر . مەن تۆۋەندە بۇ مەسلىنى ھەل قلىشتىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن: 1.‹‹ قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئۈستىدە تەتقىقات، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك . يۇقىرى دەرىجىلك مائارىپ تارماقلىرى ‹‹قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا قارىتا تونۇش، چۈشەنچىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەخسۇس «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە « قوش تىل تەربىيىسى» سەھىپىسى تەسىس قىلىپ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ۋە تەييارلىق سىنىلارنىڭ «قوش تىل تەربىيىسى»گە قارىتا تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش، تەتقىقات ماقالىلىرىنى باھالاش، مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق «قوش تىللىق ئوقۇتۇش›› ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا ئېلھام بىرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا تەتقىقات ئارقىلىق «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»قا يىتەكچىلىك قىلغىلى، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»خىزمىتىنى ئاكتىپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. 2. « قوش تىل ئوقۇتۇشى » موھىتىنى بەرپا قىلىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشتا ئىچكى جەھەتتىكى ئامىللارنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە تاشقى جەھەتتىن ئۇنى ئوراپ تۇرىدىغان ئامىللارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، بىر قەدەر قۇيۇق بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » موھىتىنى يارىتىش تولىمۇ زۆرۈر . شۇڭلاشقا ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىدىكى مەكتەپلەردە « قوش تىل ئوقۇتۇش » موھىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش، مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەش ، دەرس دېتالى تۈزۈش ، « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە باشقا مەكتەپلەر بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا « قوش تىل » نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ، قەرەللىك ھالدا « قوش تىل ئوقۇتۇشى » بۇيىچە ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، بۇ ئارقىلىق « قوش تىل ئوقۇتۇش » سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. 3. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى نىمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىۋاتقان پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يوقىرى - تۆۋەن بولىشى بىلەن ئۆلچىنىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى سېستىمىسىدىكى مەكتەپتە ئېچىلغان «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سۈپىتىنى باھالاش ئۈچۈن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىۋاتقان پەندىن (ماتېماتىكا قاتارلىقلاردىن) ئوخشاش بىر سۇئالنى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلى يىزىقىدا تەييارلاپ بىر ۋاقىتتا ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ۋە خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىپ ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئۆز – ئارا سېلىشتۇرۇلىدۇ، يەنى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن تۆۋەن بولسا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى چۈشۈپ كەتكەن بولىدۇ؛ تەڭ بولسا، گەرچە سۈپەت ئۆسمىگەن بولسىمۇ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ نەتىجىسى بولغان بولىدۇ(ئۇنىڭ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنىڭ يوقىرى كۆتۈرۈلگەنلىگىدە ئىپادىلىنىدۇ)؛ يوقۇرى بولسا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نىڭ سۈپىتى ئۆسكەن بولىدۇ؛ ئەگەر «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى خەنزۇ سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى بىلەن تەڭلەشكەن بولسا، «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇپ سۈپەت ئۆستۈرۇش مەقسىدىگە تولۇق يەتكەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سۈپىتىنى توغرا باھالاشنىڭ ئەڭ ئادىل ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ. 4. «قوش تىل ئوقۇتۇشى»دا ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلاربەلگىلىك شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: (1) ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلالانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئۇچۇن ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا ئورتاق بولغان شەرتلەرنى ھازىرلىغاندىن باشقا تۆۋەندىكى ئىككى مۇھىم شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى: ئۆز كەسپىدىن (مەسىلەن، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكىدىن، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى فىزىكىدىن ... ) دەرس ئۆتەلەيدىغان كەسپى ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك، ئىككىنچى شەرتى: ئۆز كەسپىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتالايدىغان خەنزۇ تىل سەۋيىسىنى ھازىرلىشى كېرەك. بىرىنچى شەرتنى ھازىرلاپ، ئىككىنچى شەرتنى ھازىرلىمىسا، ئۇ ئوقۇتقۇچى شۇ كەسىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، ئەمما «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسى بولالمايدۇ، ئەكسىچە ئىككىنچى شەرتنى ھازىرلاپ، بىرىنچى شەرتنى ھازىرلىمىسا، ئۇ ئوقۇتقۇچى كەسىپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ بولالمايدۇ، شۇنداقلا «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» ئوقۇتقۇچىسىمۇ بولالمايدۇ. (2) «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئوقۇغۇچىلارمۇ بەلگلىك شەرتلەرنى ھازىرلىشى زۆرۈر، يەنى ئوقۇغۇچىلار «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»دا ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزلىرىدە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان دەرسنى ئاڭلاپ، چۈشىنەلەيدىغان ۋە چۈشەنگىنىنى ئاددى قىلىپ سۆزلەپ بىرەلەيدىغان دەرىجىدە خەنزۇ تىل سەۋىيىسىنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپىدا ئوقۇشىنىڭ، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپى ئېچىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى، بۇ شەرت ھازىرلانماي تۇرۇپ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپى ئېچىشقا بولمايدۇ. بىر قىسىم جايلارنىڭ مەجبورلاپ «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سىنىپى ئېچىپ مەغلوپ بولغانلىقىدىكى تۈپ سەۋەپ موشۇ جايدا. شۇڭلاشقا مەكتەپلەر ئەڭ ئاۋال مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 5. «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» بىلەن «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان»بولۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك: بۇلار ئوتتۇرىىسىدىكى مۇناسىۋەت بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت، يەنى ئوقۇغۇچىنىڭ «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» بولىشى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش»نى يولغا قويۇشقا شەرت ھازىرلاپ بېرىدۇ ۋە «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» سۈپىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ «قوش تىللىق ئوقۇتۇشى» بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۈگىنىشىگە ئەلا مۇھىت ، ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە تۈركە بولىدۇ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئانا تىلىدىمۇ، خەنزۇ تىلىدىمۇ راۋان» بولشىنى ئىلگىرى سۈرىدۈ. يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولغان، ئىلغار مەدەنىيەت تەرەقىياتىنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ تۈپ ئېھتىياجى بولغان « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نى يۈكسەلدۈرۈشتە ، مەكتەپلەر «قوش تىل ئوقۇتۇشى» دا ئۆزلىرىدە ساقلانغان مەسىللەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، مەن ئوتتۇرغا قويغان يوقارقى ئۇسۇللارنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ساپا مائارىپىنىڭ تەلپىگە ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارغاندا، چوقۇم « قوش تىل ئوقۇتۇشى » نىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ھەمدە بىر تۈركۈم ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىلەپ چىقىپ، مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، مىللەتلەر ئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ، جەمىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
|
|