| 6-يىللىق 1-قىسىم تىل ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى 1.تۆۋەندىكى سۆزلەرگە سۆز بىرىكمىسى تۈزۈڭ .
———— ———— ———— خالىس ———— سەمىمىي ———— تەكشى ———— ———— ———— ————
2.تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇڭ . 1) جۈملىلەردە ————— ———————————— بىرىكمىسى ، ————— سۆز ۋە بىر قىسىم رەۋىشلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ ، شۇ سۆز تۈركۈملىرىنىڭ رولىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى ———— دەپ ئاتالىدۇ . 2) تىلىمىزدىكى ئالماشلار مەنىسى ۋە رولىغا ئاساسەن ———— ئالماش ، ———— ئالماش ، ———— ئالماش ، ———— ئالماش ، ———— ئالماش ، ———— ئالماش ، ———— ئالماش دەپ يەتتە تۈرگە بۆلۈنىدۇ . 3) ئىگىلىك كېلىشتە كەلگەن ———— ۋە ئىسىملارغا ( باغلىنىپ ) ئىسىملارنىڭ ئالدىدا كەلگەن كۆرسىتىش ئالماشلىرى جۈملىدە ———— بولۇپ كېلىدۇ .
3. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېزىڭ . يادىكار ———— ناھەقچىلىك ———— غايىب بولۇش ———— ئېھتىياتسىزلىق ———— قاراۋۇللۇق ———— زوراۋانلىق ————
4.تۆۋەندىكى سۆزلەرنى رەتلەپ ، راۋان جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ . 1) دۈپ بولۇپ تاقىر قالغان ئۈستىدە ئاي ئورمانلىقنىڭ چېچىپ تۇراتتى سۇغا نۇر .
2) كەلمىگەنلىكتىن ئوت - چۆپلىرى ئۆسكەن ئورۇشقا ئەپ ئېگىز بۇ يەرنىڭ
5.تۆۋەندە بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ پەقەت بىرىلا مەشىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ، توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تىرناق ئىچىگە يېزىڭ . 1) « رىزىۋانگۈل » سىمفونىيىسىنىڭ ئىجادچىسى : ( ) A . شائىر قادىر ھەسەنوۋ B . سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىك سىمفونىيە ئوركېستىر ئۆمىكى C . كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف
2)دۇنياغا مەشھۇر ماي بوياق رەسىم « مۇنالىزا » نى ( ) سىزغان : A . مەشھۇر رەسسام غازى ئەمەت B . مەشھۇر رەسسام داۋىنچى C . نيۇيورك مۇزېتىدىكى رەسساملار 3) بىتخوۋىن بۇنىڭدىن 2000نەچچە يىل ئىلگىرى ( ) ياشىغان : A . ئامېرىكىدا B. ئىتالىيەدە C . گېرمانىيەدە
6.تۆۋەندىكى شېئىرنى نەسرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ يېزىڭ . ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن ، ھەر تۈندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن . ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن ، ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن .
7. 8-بۆلەك تېكىسلەر ئىچىدە كىمنىڭ ، قايسى ئەسىرى سىزگە بەك ياقتى ؟ قايسى جايلىرىنى بەكرەك ياقتۇردىڭىز ؟ يېزىپ بېقىڭ . ماۋزۇ ( تېما ) : ئاپتورى : مەن ياقتۇرغان سۆز - جۈملىلەر :
8. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مۇۋاپىقىنى تاللاپ جۈملىنى داۋاملاشتۇرۇڭ . بېرىلگەن سۆزلەر : 1. چاپقىلاتتى 2. ئۈزۈپ يۈرەتتى 3. شۇڭغۇيتتى 1. كۆپكۆك ئاسماندا لەرزان بۇلۇتلار : ——————— بېرىلگەن سۆزلەر : 1. مۇكاپاتلايدۇ 2. يېتەكلەيدۇ 3. ئىلھاملاندۇرىدۇ 2. سىنىپ مۇدىرىمىز بىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە : ———————
9.تۆۋەندىكى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈڭ . دېڭىز شاۋقۇنىدەك : كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە : ماھىرلىق بىلەن : سىرلىق تۈس :
10.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ قارىمۇقارىشى مەنىسىنى يېزىڭ . ئەرزان باھالىق : سەۋىر قىلىش : ئاددىي - ساددا : يۇقىرى ئۆرلەش :
11. شائىر ۋە ئەسەر نامىنى سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇڭ . بىلىم ئىشقىدا پەرھات ئىلياس
شائىر ۋە ئۆلۈم ئابلىز ئوسمان
باھار چىللايمەن قۇربان بارات
تاغلارنىڭمۇ تىلى بار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
12.تەسەۋۋۇرىڭىزغا ئاساسەن بىرەر ۋەقەنى چۆرىدىگەن ئاساستا بىر قىسقا ھېكايە يېزىڭ . ھېكايىڭىزدە مەزمۇن كونكرېت ، ھېسسىيات چىن ، سۆز - جۈملىلىرى باغلىنىشلىق بولسۇن . |
|