قالماس مۇھەممەدجان راشىدىن
يىقىلغاننى كۆرۈپ كۈلگۈنلەر ، ئۆزلىرىمۇ يىقىلماي قالماس . جۇدۇن كۆرمەي ماختانغان باغلار ، بوران چىقسا قېلىقماي قالماس .
ئېيتقان ناخشاڭنىڭ ئاتاڭنىڭ بولسا ، ئانا يۇرتۇڭ قېتىلماي قالماس . بەرىكىتىڭنى قىزغانساڭ ئەلدىن ، بىر كۈنلىرى چېچىلماي قالماس .
ئەلمىساقتىن ۋىجدانى سۇسلار ، پۇر بار يەردە سېتىلماي قالماس . ياخشى بولساڭ ، ئىزدىگەنلىرىرڭ ، بۇ دۇنيادىن تېلىپماي قالماس . |