كۆرۈش: 304|ئىنكاس: 1

ئاق نان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاق نان
مۇھەممەتجان راشىدىن

ئاق نان ئۇلۇغ ، ئاق نان مۇقەددەس ،
تىرىكلىكىنىڭ ئاق نان تۈۋرىكى .
بۇغدىيىغا شۇڭا دېھقاننىڭ
قايدا يەتسۇن باغۋەن كۆۋرۈكى ؟

گادايلىق يوق ئاق نان بار يەردە ،
ئەمىنلىك بار ئاق نان بار يەردە .
لېكىن ، دوستۇم ، بولىدۇ تەييار
بىر چىمدىم ئۇن ئالەمچە تەردە .

ئېتىزلارنى ئەزىزلەڭ ، دوستۇم ،
ناننى سۆيۈڭ ، ئاق نانى سۆيۈڭ .
ئاق نان پىشقان تونۇرلار ئۇلۇغ ،
ئانىلار ، دېھقاننى سۆيۈڭ !
2000-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-15 11:48:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرنى كۆرۈپ ئاتاقلىق شائىرىمىز ئابلىكىم ھەسەننىڭ‹‹جاپاكەش ئانام››دېگەن شېرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
نان دىگەننى تۇنۇرسىز
پىشۇرغىلى بولمامدۇ؟
نان دېگەننى ئوتۇنسىز
پىشۇرغىلى بولمامدۇ؟
نانمۇ كۆيسە ئاناممۇ
كۆيىدىكەن ئەمەسمۇ!
كىرپىگىڭىز كۆيۈپتۇ
چاچلىتىڭىز كۆيۈپتۇ
خۇددى نانمۇ كۆيگەندەك.
نان يىمەك ئاسان بولغىنى بىلەن نۇرغۇن مۇشەقەتلەر ئارقىلىق ئاغزىمىزغا تېگىدۇ.شۇڭا ناننى ئۇلۇغلاش ناھايىتى ئاقىلانىلىك.بەك تەسىرلەندىم .رەھمەت سىزگە قولىگىزگە دەرت كەلمىسۇن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش