| 1.ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى . بۇ ئۈچ بوۋاينىڭ بىر « بايلىق » ، بىرى « مۇۋەپپەقىيەت » ، يەنە بىرى « مۇھەببەت » ئىدى . ئايال ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋېدى ، ئۇلار قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئايالغا « رەھمەت » ئېيتتى . ھەم ئازراقمۇ مىدىرلاپ قويمىدى . ئايال بۇ ئىشتىن تېڭىرقاپ قېلىۋېدى ، ئۈچەيلەن ئايالغا : —— بىز ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئۆيگە تەڭ كىرەلمەيمىز . سىز بېرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئويلىشىپ كۆرسىڭىز ، سىلەر ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك كىمگە ئېھتىياجلىق ؟ —دېدى . 2. « دوختۇر قۇلىقىم ئاغرىۋاتىدۇ » مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2010 -يىلى : « بۇ دەرىخنىڭ يىلتىزىنى يەۋەتسىڭىزلا ساقىيىپ كېتىدۇ . » مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000-يىلى : « دەرىخ يىلتىزى يېيىشنىڭ ئۈنۈمى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىشقا يەتمەيدۇ ، كېلىڭ ، بىرلىكتە تەڭرىدىن تىلەيلى ! » مىلادىيە 1850-يىلى : « كېسەللىكنىڭ ساقىيىشىنى تەڭرىدىن تىلەش خۇراپاتلىق ، كېلىڭ ، بۇ دورا سۇيۇقلۇقىنى ئىچىڭ . » مىلادىيە 1940-يىلى : « ئاۋۇ بۇتۇلكىدىكى سۇيۇق دورا ساختا ، مانا بۇ تابلىتنى يەڭ ! » مىلادىيە 1985-يىلى : « ئاۋۇ خىلدىكى تابلىتنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەن ، بۇ باكتېرىيەگە قارشى دورىنى ئىچىپ كۆرۈڭ ! » مىلادىيە 2000-يىلى : « باكتېرىيەگە قارشى دورىلار سۈنئىي ياسالغان . كېلىڭ ، ماۋۇ تەبىئىي دەرىخ يىلتىزىنى يەپ بېقىڭ ! » 3. مۇنداق بىر تېپىشماق بار : سەن كۈلسەڭ ئۇمۇ كۈلىدۇ ، سەن يىغلىساڭ ، ئۇمۇ يىغلايدۇ — ئۇ نېمە ؟ ھەممەيلەن بىردەك : « ئەينەك » دەپ جاۋاب بەردى . لېكى نبىر دوستۇم تەمتىرىمەيلا : « تۇرمۇش » دەپ جاۋاب بەردى . 4. بىر باي فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ مۇنداننى ئىزدەپ بېرىپتۇ . موندان ئۇنى دېرىزە تۈۋىگە باشلاپ بېرىپ ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ : — سىرتتا نېمىنى كۆردىڭىز ؟ — نۇرغۇن ئادەمنى كۆردۈم ، — دەپتۇ باي . ئارقىدىن موندان ئۇنى ئەينەكنىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ : — ھازىر نېمىنى كۆردىڭىز ؟ — دەپتۇ . —ئۆزۈمنى كۆردۈم . — دېرىزە بىلەن ئەينەكنىڭ ھەممىسى شېشىدىن ياسالغان ، ئۇلارنىڭ پەرقى پەقەت بىر قەۋەت نېپىز كۈمۈشتە ، ئاشۇ ئازراقلا كۈمۈش سىزنى پەقەت ئۆزىڭىزنىلا كۆرۈپ باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ ، — دەپتۇ پەيلاسوپ . 5. بىر ئادەم قۇملۇقتا كېتىۋاتسا تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا « شېغىللاردىن يانچۇقۇڭغا سېلىۋال ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتە ھەم خۇشال بولىسەن ، ھەم پۇشايمان يەيسەن » دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ . ھېلىقى ئادەم ھەيران بولۇپ ، بىر چاڭگال شېغىل تېرىپ يانچۇقىغا سېلىۋاپتۇ . ئەتىسى قولىنى يانچۇقىغا سالغانىكەن ، يانچۇقىدىن ھەر خىل بىرىليانتلار ۋە كۆزنى چاقنىتىدىغان قىزىل - يېشىل ياقۇتلار چىقىپتۇ . ھېلىقى ئادەم ھەم خۇشال بوتۇ ، ھەم پۇشايمان يەپتۇ . ئالغىنىغا خۇشال بوپتۇ . كۆپرەك ئالمىغىنىغا پۇشايمان يەپتۇ . |
|