كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 2

بۇ يىل قانداق ئېسىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايىنا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 23:36  

بۇ يىل قانداق ئېسىل تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ   
     ھەر يىلى دۇنيادا جۈملىدىن ئېلىمىزدە نۇرغۇن چوڭ، مۇھىم تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بىر يىل ئىچىدە قانداق ئېسىل مۇسابىقىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىرايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يىل قانداق چوڭ مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؟
    9-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە 2015- يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاۋستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    17-يانۋاردىن 8-فېۋرالغىچە 2015-يىللىقئاخرىقا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئېكۋادور گىۋىنېيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    19-يانۋاردىن 1-فېۋرالغىچە 2015-يىللىق ئاۋىستىرالىيە تېننىس توپ مۇسابىقىسى ئاۋىستىرالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    4-فېۋرالدىن 14-فېۋرالغىچە 27-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سىلوۋاكىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    28-فېۋرالدىن 1-مارتقىچە 2015-يىللىق دۇنيا قىسقا ئارىلىققا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قازاقىستاننىڭ ئاستانە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    23-مارتتىن 29-مارتقىچە 2015-يىللىق دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    18-ئاپرېلدىن 4-مايغىچە 2015-يىللىق دۇنيا بىليارت (سىنوك) لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    26-ئاپرېلدىن 3-مايغىچە 2015-يىللىق دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    20-مايدىن 28-مايغىچە 2015-يىللىق ئاسىيا ئاياللار ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، تىيەنجىن شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    24-مايدىن 7-ئىيۇنغىچە 2015-يىللىق فىرانسىيە تېننىس توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    30-مايدىن 20-ئىيۇنغىچە 2015-يىللىق دۇنيا ئەرلەر ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسى يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇلغىچە 2015-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى كانادادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    12-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە 2015-يىللىق ياۋرۇپا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    3-ئىيۇلدىن 14-ئىيۇلغىچە 28-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    24-ئىيۇلدىن 9-ئاۋغۇستقىچە 2015-يىللىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    25-ئىيۇلدىن 2-ئاۋغۇستقىچە 2015-يىللىق يازلىق ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    31-ئىيۇلدىن 8-ئاۋغۇستقىچە 2015-يىللىق ئاسىيا ئەرلەر ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئىراننىڭ تېھران شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    1-ئاۋغۇستتىن 9-ئاۋغۇستقىچە 2015-يىللىق شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    9-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    10-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە 2015-يىللىق دۇنيا پەي توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    22-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە 2015-يىللىق دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    22-ئاۋغۇستتىن 6-سېنتەبىرگىچە 2015-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    8-سېنتەبىردىن 23-سېنتەبىرگىچە دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋالىبول مۇسابىقىسى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    23-سېنتەبىرىدىن 3-ئۆكتەبىرگىچە 2015-يىللىق ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    18-ئۆكتەبىردىن 27-ئۆكتەبىرگىچە 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    24-ئۆكتەبىرىدىن 1-نويابىرغىچە 2015-يىللىق دۇنيا گىمىناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    20-نويابىرىدىن 29-نويابىرغىچە 2015-يىللىق دۇنيا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، يىلدا ئۆجتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ھەمدە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى قاتارلىق ياۋروپادىكى بەش چوڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئېلىمىزنىڭ CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئامېرىكىنىڭ NBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەر داۋاملىق كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ
مەنبە : شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-15 13:18:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا تەنتەربىيىگىمۇ خېلى قىزىقىدىكەنسىز -دە !
ۋاقتى: 2015-2-18 18:43:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ماڭا ئوخشاش تەنتەربىيەگە قىزىقىدىكەنسىزدە. مەن ئۈچۈن پايدىلىق تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش