| ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدە دىققەت قىلدىغان نوختىلار ؛ مەكتەپ تەلىم- تەربىيەسىدە سىنىپ مۇدىرنىڭ رۇلى مۇھىم . سىنىپ مۇدىرى ھەر قايسى دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى ،ئائىلە ،جەمئىيەت بىلەن ماسلاشقان ھالدا خىزمەت ئىشلەيدۇ . شۇڭا تۈۋەندىكى بىر قانچە نوختىغا ئەھمىيەت بىرىش تۇلمۇ زۈرۈر . 1 . سىنىپ مۇدىرى باشقا دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بۇلشى كىرەك . ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتى ،كىينىشى ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ..........قاتارلىق تەرەپلەر ئەتراپتىكىلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . 2 . سىنىپ مۇدىرى سىياسىي ئىددىۋىيى جەھەتتە ساغلام بۇلۇش كىرەك . سىياسىيى ئىددىۋىيى خىزمەت باشقا خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ، شۇڭا سىنىپ مۇدىرىدا ساغلام بولغان ئىددىيە بۇلۇش كىرەك . 3 . سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى بايقاشقا ، ھەمدە يىتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇش كىرەك . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىگىنى بايقاشقا سەل قارسا ،يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بەرمىسە ئوقۇغۇچىلارنى نابۇت قىلۋىتدۇ . 4. سىنىپ مۇدىرى ئىلمىيى ،شەكلى بىر بىرگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم ئېلىشقا ،سەمىمىي ئادەم بۇلۇشقا يىتەكلەپ ،بەلگىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . 5 . سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاتا -ئانىلارنى خەۋەرلەندۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . 6 . ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەر خىل ئۇسۇلدا سوھبەتلىشىش ، بۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۇرۇپ ماختاش ئارقىلىق يىتەكلەشنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . |
|