| كومپىيۇتېر تاختىسىدىكى ماھارەت
كونۇپكا تاختىسىغا قارىسىڭىز ئوڭ-سول ئاستى تەرەپتە ctrl بىلەن alt نىڭ ئۇتتۇرسىدا windows نىڭ بەلگىسى سىزىلغان كۇنۇپكا بار .بۇ كۇنۇپكا windows مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدار كۇنۇپكىسى بۇلۇپ باشقا كۇنۇپكىلار بىلەن بىرلەشتۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ .
1. يالغۇز widows كۇنۇپكىسىنىلا باسساق باشلاش 开始 تىزىملىكى ئىچىلىدۇ .
2. windowsكۇنۇپكىسى بىلەن break كۇنۇپكىسىنى بىسىپ سېستىما خاراكتىرى 系统属性 كۆزنىكىنى ئىچىشقا بۇلىدۇ .
3. windows كۇنۇپكىسى بىلەن e كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۇرۇپ بېسىش ئارقىلىق كومپىيوتېرىم 我的电脑 كۆزنىكىنى ئىچىشقا بۇلىدۇ .
4. ھەرقانداق كۆزنەكتە widows كۇنۇپكىسى بىلەن fكۇنۇپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق 查找 ئىقتىدارىنى قۇزغىتىشقا بۇلىدۇ .
5. باشقا پىراگرامما كۆزنىكىدە مەشغۇلات سېستىمىنىڭ ياردەم كۆزنىكىنى ئاچماقچى بولساق windows كۇنۇپكىسى بىلەن f1 كۇنۇپكىسىنى باسىمىز .
6. ئىكران يۇزىدە windows كۇنۇپكىسى بىلەن f3 كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ھۆججەت ئىزدەش 查找文件 كۆزنىكىنى ئاچىمىز .
7. windows+shift+m كۇنۇپكىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق ۋەزىپە رامكىسىغا كىچىكلىتىپ قۇيۇلغان كۆزنەكلەرنى ئىچىشقا بۇلىدۇ .
8. windows كۇنۇپكىسى بىلەن d كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئىكران يۇزىدىكى كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەزىپە رامكىسىغا كىچىكلىتىپ قۇيۇشقا ، يەنە بىر قىتىم بېسىش ئارقىلىق كىچىكلىتىپ قۇيۇلغان كۆزنەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە بۇلىدۇ .
9. windows كۇنۇپكىسى بىلەن r كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ئىجرا قىلىش 执行 كۆزنىكىنى قۇزغىتىشقا بۇلىدۇ
|
|