كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 3

پەرزەنتلەر قەلبىگە يوشۇرۇنغان گەپلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەرزەنتلەر قەلبىگە يوشۇرۇنغان گەپلەر
يوللىغۇچى : gulmira425 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-24 11:09:01
ئاپام مېنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك.

ىنا مائارىپ تورىنىڭ 24-فېۋرال خەۋىرى:
1. ئاپام مېنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك.
2. مېنىڭمۇ شۇنداق ياخشى ئۆگەنگۈم ھەممە ئىشلارنى ياخشى قىلغۇم بار لېكىن نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
3. دادام ئاپام دائىم مېنىڭ كۆپرەك ئۆگىنىش قىلىشىمنى ئېيتىدۇ، مەن پەقەت بۇنى خالىمايمەن لېكىن يەنىلا ئامال يوق.
4. دادام ئاپام مېنى تىللاپ ئۇرغانسېرى مېنىڭ تېخىمۇ ئۆگىنىش قىلغۇم كەلمەيدۇ، ياشاشنىڭ راستىنلا مەنىسى يوق ئىكەن.
5. ئاپامنىڭ كوتۇلداشلىرىغا بەكمۇ ئۆچ بولدۇم، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ يالغۇز قالغىنىم ياخشى ئىكەن.
6. مەن دادام ئاپامغا ئۆچ، كېيىن چوڭ بولسام ھەرگىز بۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمەيمەن.
7. ئۇلار مېنى نېمە قىل دېسە شۇنىقىلماي تازا قاخشاتمىسام.
8. ئاپام دائىم مېنى تاماق يېيىشكە زورلايدۇ.
9. مۇئەللىم بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئوخشاش، بۇنداق ۋاقىتتا بەك ئامالسىز قالىمەن.
10. مېنىڭچە دادام ئاپام باشقىلارنىڭ بالىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.
11. ئاپام مېنىڭ بىردەم ئۇ ئىشىم يەنە بىردەم بۇ ئىشىمغا ئارلىشىۋېلىپ ماڭا ئازراقمۇ ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مەن ئۇنىڭ گېپىنى پەقەت ئاڭلىمىساملا ئۇنىڭ ماڭا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشى مېنى قورقىتىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام ئاپام مەندىن ۋاز كەچسە يېتىم بولۇپ قالارمەنمۇ دېگەن ئويغا سېلىپ قويىدۇ.
12. ئاپا، مەن بەزىدە بىر ئىشنى قانداق ئىپادىلىشىمنى بىلمەي، سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا يالغانچى بولۇپ قالىمەن.
13. ئىمتىھان نەتىجەمنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن قورقمايمەن، لېكىن دادام ئاپامنىڭ نەتىجەمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەلەپپۇزى ۋە قىياپىتى مېنى بەكلا قورقىتىدۇ. مەن بۇنى ئۇلارغا دېيىشكىمۇ پېتىنالمايمەن.
14. ئاپام ئاچچىقلانسىلا ماڭا قاخشايدۇ بۇنداق ۋاقىتتا گالۋاڭ بولۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قېلىپ ئاسانلا خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقىرىمەن.
15. ئاپام خاپا بولۇپ قالسىلا، مەن ناھايىتى جىددىيلىشىپ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمەيلا قالىمەن.

تەرجىمىدە: گۈلمىرە
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-17 20:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىلىمكەن ، رەھمەت سىزگە …
ۋاقتى: 2014-6-19 11:29:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىرىمىزنىڭ دەرت -ئەلىمىنىمۇ چۈشۈنۈپ قويساق بولغۇدەك.
ۋاقتى: 2014-6-26 12:43:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يىقىندا بالامدىكى بەزى مەسسلىلەرنى ھىس قىلىپ ئۇنى قانداق بىلىشنى قانداق تۈزەشنى ئۇقالماي تۇرغان رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش