| مىسىرنىڭ قۇللۇقتىن چىققان ئۇيغۇر پادىشاھى ئەخمەد ئىبنى تولۇن (Ahmad ibn Tulun,835~884 ) __ مىسىر تولۇنئوغۇللارى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مىلادى 835-يىلى 9-ئايدا باغدادتا تۇغۇلغان،ئوتتۇرا ئاسىيا فەرغانەلىك تۈرك، ئاتىسى تولۇن ئەسلىدە بۇخارا ۋالىسى ساماننىڭقۇلى بولۇپ 817-يىلى ئابباسىلار خەلىپىسى مامۇن ( al-Ma'mun ) غا ھەدىيەقىلىنغان. ئىبن تولۇن چوڭ بولغاندىن كېيىن مامۇننىڭخىزمىتىدە بولغان ۋە كۆرىنەرلىك خىزمەتلىرىدىن ئۇنىڭ ئامراقلىغىغا ئېرىشكەن،ئوردىدا دىنىي ۋە مەدىنىيەت تەربىيەسى كۆرگەن. خەلىپە مۇستائىن ھۆكۈمرانلىغىزامانىسىدا ئوردا نەۋكەرلىرىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىدە بولغان، تارسۇس شەھرىدەۋەزىپىدە ئولتاغاندا مەخسۇس ئىسلام دىنىي كىتاپلىرىنى ئۈگەنگەن. ئۇ مىلادى868-يىلىمىسىرغا ، مىسىر ۋالىسى بايىكبېكنىڭ ياردەمچىلىگىگە ئەۋەتىلىپ، ۋالىلىق ۋەزىپىسىنىۋاكالىتەن ئۆتەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ خەلىپە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن باج ئەمەلدارىقولىدىن پۈتۈن مىسىرنىڭ مالىيە- باج ھوقۇقىنى تارتىۋالىدۇ، يىللىق باجنىڭ پەقەتئازغىنە قىسمىنى دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن مىسىر مۇستەققىلبولىدۇ. ئۇ 100مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللىگەن، تۈركقۇللىرى ۋە نېگىر قۇللاردىن تەشكىللەنگەن ئىنتايىن ئىنتىزامچان ئوردا قوغدىغۇچىنەۋكەرلەر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، ھاكىمىيەتنىڭ تۈۋرۈگى قىلغان. ئۇ ئارمىيەگە ،يەرلىك ئەمەلدارلارغا ۋە پۇقرالارغا ئۆزىگە سادىق بولۇشقا قەسەم قىلىشنى بۇيرىغان،كېيىن خەلىپە مىسىردىكى كونتىروللىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ ، باجنى دۆلەتغەزىنىسىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرىغان، لېكىن ئەخمەت ئىبنى تولۇن بۇ بۇيرۇققابويسۇنمايدۇ، 877-يىلى سۇرىيە ۋالىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك ۋە خەلىپىنىڭبەسرەدىكى نېگىر قۇللار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا تۇتۇنغانلىق پۇرسىتىنى تۇتۇپ ،ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيەنى قوشىۋالىدۇ، ئۇ تەختتە 16يىل(868~884) ئولتۇرىدۇ، ھۆكۈمرانلىق داۋامىداكەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىقتىساتنى گۈللەندۈرىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپسۇ ئەسلىھەلىرىنى ياسىتىپ سۇغۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ؛ قول-سانائەت ئىگىلىگىنى ۋە سودا ئىگىلىگىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛مالىيەنى رەتكە سېلىپ باجنى يېنىكلىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇبىرقاتار ئىسلاھاتلار تۈرتكىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىر قەدەر تېز راۋاجلىنىپ دۆلەتخەزىنىسى بېيىيدۇ. دۆلەت مۇداپىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇ دېڭىز ئارمىيە قوشۇنىتەشكىللەپ قۇرۇپ چىقىدۇ شۇنىڭدەك پەلەستىننىڭ ئاقتا ۋە ئىسكەندىرىيە پورتىدا دېڭىز ئارمىيە ھەربىي بازىسى قۇرىدۇ. قاھىرە شەھرىنىڭشەرقىي-جەنۇبىغا گېتايىر قەلئەسى قۇرۇپ مۇھىم ئىستراتېگىدىيەلىك مۇداپىيەسېستىمىسى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە قاھىرە كونا شەھرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ، ئوردا،سودا دۇكانلىرى، مېھمانساراي، يوللارنى ياسىتىپ كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىنىيېپيېڭىلا قىلىۋېتىدۇ. ئۇ ئىسلام مائارىپى ۋە مەدىنىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلىپ دۆلەتخەزىنىسىدىن پۇل چىقىرىپ دىنىي مەدرىسلەر، مەسچىتلەر، دوختۇرخانا، كۇتۇپخانىلارياساتتۇرۇپ قاھىرە ۋە دەمەشقتىكى ئىلىم-پەن ۋە مەدىنىيەتنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەمتەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئبن تولۇن مەسجىدى ئۇ قۇردۇرۇپ چىققان ئىبن تولۇن مەسچىدى ئىسلامدىنىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى نادىر قۇرۇلۇشلىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. مىلادى 884-يىلى تولۇننىڭ ئوغلى خۇماراۋى(Humareveyh (884–896)) ئورنىغاچىققاندىن كېيىن ئەسكەر چىقىرىپ دەمەشق ۋە شىمالى مېسوپوتامىيە ۋالىسى قوزغىغانتوپىلاڭنى باستۇرىدۇ، 886-يىلى خەلىپە مۇرتادمىد خۇماراۋى پادىشد بىلەن سۈلھىتۈزەيدۇ، خۇماراۋىي خەلىپىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە خەلىپەغەزىنىسىگە مەلۇم مىقتاردا سېلىق تاپشۇرىدۇ. خەلىپە ئۇنى مىسىر ۋە سۇرىيەنىڭئەمىرى دىگەن نامنى بېرىدۇ. 904-يىلى كارمات مەزھىپى سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىدۇ، دەمەشقئاھالىسى خەلىپە مۇقتەفىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، خەلىپە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇرىيەنى بېسىۋالىدۇ ۋە پەلەستىن ئارقىلىق مىسىرغاھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەربىي فلوت ئەۋەتىپ سىلىتسىيەدىن نىلدەريا دېلتىسىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىدۇ، 905-يىلى 1-ئايدا قاھىرە قولدىن كېتىدۇ،گېتايىر قەلئەسى تۈزلىۋېتىلىدۇ. ئىبن تولۇنئوغۇللارى باغداتقا كېتىدۇ، تولۇن سۇلالىسى يىمىرىلىدۇ. تولۇن ئوغۇللارى ئەمىراتلىغىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى: ● ئەخمەدئىبن تولۇن (868–884 ) ●خۇماراۋى(884–896) ● ئابۇئەل-ئاچىر ●ھارۇن ● شابان(904–905) ئەخمەد ئىبن تولۇننىڭ مىللەت تەۋەلىگ ئەرەپ مەنبەلىرىدىن تارىخچى مەقرىزى (Maqrizi) مىسىرتولۇن خاندانلىغىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد بىن تولۇن (Ahmed bin Tulun ) نىڭئاتىسى توققۇز ئوغۇز بولۇپ ھىجىرىيەنىڭ 200-يىلى (مىلادىيە 815-816-يىللار) بۇخاراسانانىيلار ھۆكۈمدارى نوھ بىن ئەسەد ئۇنى سوۋغا سۈپىتىدە ئابباسىيلارنىڭ خەلىپىسىمەئمۇنغا سوۋغا قىلدى دەيدۇ. (مىنورسكىينىڭ 1948-يىلى نەشر قىلىنغان كىتابىنىڭ287-بېتىدىن ئېلىندى. شىت 1970-يىلى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان « ئەرەپ ئومىمىتارىخى» نىڭ 540-بېتىدە ئىبن ئال خەلدۇننىڭ « دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دىن نەقىلقىلىپ ئۇنى پەرغانىدىن كەلگەن تۈرك دەپ يازىدۇ.)① مەنبە: ۋېكىپېدىيەدىن تەرجىمە قىلىندى. 9jzLXym ئىزاھ: >0;"qT ① خۇا تاۋ: غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى 217- بەت.
|
|