| توخۇ ئۆتىنىڭ شىپالىق رولى بالىلار كۆكيۆتەل بولۇپ قالسا، بىر توخۇ ئۆتى بىلەن بەش تال چىلاننى قاينىتىپ كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا بەش كۈن ئىچكۈزۈلسە، كۆكيۆتەل ساقىيىدۇ. ياشانغانلار زىققا بولۇپ قالغاندا، ئۈچ توخۇ ئۆتى بىلەن 10 گىرام سىچۇەن سوغىگۈلىنى قاينىتىپ كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا يەتتە كۈن ئىچۈرۈلسە مەنپەئەت قىلىدۇ. چىش ئاغرىغاندا بىر دانە توخۇ ئۆتىگە بىر ئاز ئاق ھاراق ئارىلاشتۇرۇلۇپ، پاختا بىلەن ئاغرىغان چىشقا تەگكۈزۈپ بەرسە، ئاغرىق توختايدۇ. مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى |
|