كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 2

ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى

1 . باپ : ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا : پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇپ، ئاساسىي مائارىپ دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇ-ئۇقۇتۇش ھەركىتىنى ساغلاملاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان مەكتەپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى ۋە ئۆگنىش ئىستىلى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپلەردىكى تۈرلۈك ھادىسلىرنى دەل ۋاقتىدا،ئۈنۈملۈك،مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىپ،نورمال ئوقۇتۇش تەرتىۋىنى قوغداش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى » ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى »، « مائارىپ مەمۇرىي جازا بېرىشنى ۋاقىتلىق يولغا قۇيۇش بەلگۈلىمىسى » قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن نىزام ۋە سىياسەتلەرنى، ناھىيىمىزنىڭ ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.
2 -ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسى بولسا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانىدا ، شۇ كىشىنىڭ سوبىكتىپ خاتالىغى ياكى سەۋەلىگىدىن كىلىپ چىققان مەكتەپنىڭ نۇرمال ئۇقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزام، ساياسەتلىرى ھەمدە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار قانۇن تۈزۈمىگە خىلاپ بولغان ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش يېزىقى ياكى قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسى-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش خىزمىتى ھادىسىسى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتى ھادىسىسى دەپ ئىككىگە بۆلىندۇ.
4-ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسى- ھادىسىنىڭ خارەكتېرى ۋە كىلىپ چىققان خەتەرنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، ئۈچ دەرىجىگە بۈلىندۇ: ئادەتتىكى ئۇقۇتۇش ھادىسىسى (1- دەرىجىلىك)، بىر قەدەر چوڭ بولغان ئوقۇتۇش ھادىسىسى (2-دەرىجىلىك) ، ئېغىر ئوقۇتۇش ھادىسىسى ( 3-دەرىجىلىك) .
2-باپ: ئوقۇتۇش ھادىسىسى
5-ماددا: ئوقۇتۇش خىزمەت ھادىسىسى
(1)ئادەتتىكى ئوقۇتۇش خىزمەت ھادسىسى
1) ئوقۇتقۇچىلار خالىغانچە دەرىسخانىدىن ئايرىلسا، دەرىسكە كىچىكىپ كىرىپ بالدۇر چىقىپ كەتسە ھەم  دەرىس ۋاقتى توشقان بولسىمۇ دەرسنى كەينىگە سۆرەپ بەش مىنۇتتىن ئاشقۇچە سىنىپتىن ئايىلمىغان بولسا.
2) ئوقۇتقۇچى تەييارلىقسىز دەرس ئۆتسە،دەرس لاھيەسى تۈزىمىسە ،تەستىقسىز ۋە دەرىس لايىھىسى يوق ھالدا دەرس ئۆتسە ، باشقىلارنىڭ دەرس لايىھىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلەتسە، باشقىلارغا يازدۇرغان دەرس لايەھىسىنى ئىشلەتسە، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن دەرس لايىھىسىنى ئىشلەتسە، تەلەپ بۇيىچە خام ئوقۇتۇشقا لازىملىق ماتىرياللارنى ياكى ئۈسكىنلەرنى تەلەپ بۇيىچە تەييارلىمىسا، ئوقۇتۇش مەزمۇنىدا كۆرۈنەرلىك ئىلمىي خاتالىقلار كۆرۈلسە.
3) مەكتەپنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە دەرس ئۆتمىسە ياكى مەكتەپنىڭ فۇنكىسيىلىك تارماقلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ خالىغانچە دەرس ئالماشتۇرسا ، دەرس سائىتىنى ئازلىتىۋەتسە ياكى كوپەيتىۋەتسە، دەرسنى باشقىلارغا ئۆتكۈزسە ياكى باشقىلارغا ۋاكالىتەن دەرس ئۆتسە، دەرس ئۈتۈش ئورنىنى(سىنىپنى) خالغانچە ئۆزگەرتسە.
4) تاپشۇرۇق بېرىش، تەكشۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلسا، تەكشۈرگەن تاپشۇرۇقلاردىن ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا خۇلاسە پىكىر قايتۇرمىسا،ئوقۇتۇشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشغا تەسىر يەتكۈزسە.
5) تەجىرىبە دەرسى قاتارلىقلاردا تەجىرىبىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن ئۇقۇتۇشنى تەشكىلىمىسە.
6) ئوقۇتۇش سۈرئىتى ۋە پىلانى ئاساسىز تۆت سائەتتىن يۇقىرى پەرىقلەنسە.
7) دەرىس ئۈتۋاتقاندا ئوقۇتقۇچى دەرىسخانىغا ئېلىپ كىرگەن ئالاقىلشىش ئۈسكۈنىسىدىن ئاۋاز چىقىپ نورمال ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزسە.
8) ئوقۇتقۇچى كۆپ مىقداردا ئۈلۈك ھالدا تەكرار يازدىغان تاپشۇرۇقنى ئۇرۇنلاشتۇرسا ياكى ئۇرۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بەلگىلگەن مىقداردىن ئېشىپ كەتسە.
9) ئىنتىھانىدا كومىسسىيەلەر بىر مىنۇتتىن ئارتۇق كىچىكىپ كىرسە، خالغانچە ئورنىغا باشقىلارنى كومىسسىيە بۇلۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلسا ، ئىنتىھانىدا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان قەغىزىنى بالدۇر تاپشۇرۇشقا ئۇندىسە.
10) ئىمىتىھان قەغىزىنى تۈپلەش تىكىشتە خاتالىق كۆرۈلسە، خاتا بۇلۇش ئۇمۇمى قەغەزنىڭ %10 گە يەتسە.
11)ئىمتىھانغا كومىسسىيە بۇلۇش جەريانىدا مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا (تاماكا چەكسە، پاراڭلاشسا، گېزىت- ماتىريال كۆرسە، تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرسە) ئىمتىھان نازارەتچىلىك مەسئۇليىتىنى ياخشى ئادا قىلماي، ئىش ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلسا.
12) ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرگەندە ئەستايىدىل بولماي 5 نومۇردىن يۇقۇرى پەرق چىقسا ياكى دەرىجە بىكىتىشتە خاتالىق كۆرۈلسە؛ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر سىنىپ ( ياكى بىر ئىمتىھان مەيدانى) دىكى ئىمتىھان نەتىنجىسىنى (ياكى دەرىجىسىنى) ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئىنتىھان قەغىزىنىڭ سانى شۇ سىنىپ (ياكى مەيدان ) دىكى ئىنتىھان قەغەزنىڭ %10 تىدىن ئېشىپ كەتسە.
13) بەلگىلەنگەن ۋاقىت، ئورۇندا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرمىسە، نۇمۇر قۇيۇپ دەرىجىسىنى بىكىتىپ نەتجىسىنى يوللىمىسا؛ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنى تەلەپ ۋە بەلگىلىمە تەرتىپ بويىچە باھالىمىسا.
(2) بىر قەدەر چوڭ بولغان ئوقۇتۇش ھادىسىسى
14) مۇئەللىم دەرىسكە كىچىكىپ كىرسە ياكى دەرىستىن 10 مىنۇت بالدۇر چۈشۈپ كەتسە.
15) ئوقۇتقۇچى خالىغانچە باشقىلارنىڭ دەرس ئۈتۈش ۋاقتىنى ئىگەللىۋېلىپ دەرس ئۆتسە.
16) دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك تەشكىللىمەي دەرىسخانا ئۇقۇتۇش تەرتىپى قالايمىقان بولسا.
17) دەرس تەيارلىماي، دەرس لاھىيەسىز دەرس ئۈتۈش ئەھۋالى بىر مەۋسۈمدە 3 سائەتكە يەتسە.
18) دەرىس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسخانىدىن ئايرىپ باشقا ئىشقا سالسا.
(19) مەكتەپ ياكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار ئۇرۇنلاشتۇرغان ئۇقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە سەۋەپسىز قاتناشمىسا، دەل ۋاقتىدا تۈگەتمىسە ھەم قوبۇل قىلمىسا.
20) ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئۇقۇتۇش پائالىيىتىنى ئۈزى بىلگەنچە ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسا.
21) ئۇقۇتقۇچىلار پەۋقۇلادىئە سەۋەپ يوق ئەھۋال ئاستىدا، دەرىس ۋاقتىدا تېلىفۇن ئۇرسا، تېلىفۇن قۇبۇل قىلسا، ئۇچۇر يوللىسا، تورغا چىقىپ پاراڭلاشسا، ئۇيۇن قاتارلىقلارنى ئوينىسا.
22) كومىسسىيەلەر 10 مىنۇتتىن يۇقىرى كېچىكسە.
23) ئىنتىھان نازارەتچىسى ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۇقۇغۇچىلارغا جاۋابىنى دەپ بەرسە ياكى شەرەتلەپ بەرسە .
24) سۇئال چىقىرىش، سۇئال كۆپەيتىپ بېسىش جەريانىدا سەۋەلىك تۈپەيلىدىن، ئىمتىھان قەغىزى كام چىقىسا، ياكى ئىمتىھان ۋاقتى كىچىكسە.
25) ئىمتىھان سۇئالىدا ئېغىر خاتالىقىلار كۆرۈلۈپ ئىنتىھاندىن بۇرۇن بايقالماي، ئىنتىھان ۋاقتىدا بايقالسا، ئىنتىھاننىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، ئىمتىھان كېچىكتۈرۈلسە، ئىنتىھان ئوتتۇدا توختۇتۇلسا ياكى ئىناۋەتسىز بولسا.
26) ئىمتىھان نازارەتچى خادىمىنىڭ سەۋەلىگىدىن ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا قاتناشقان ئادەم سانى بىلەن يىغىۋېلىنغان ئىمتىھان قەغىزىنىڭ سانى ئوخشاش بولمىسا، ئىمتىھان قەغىزى تەلەپ بۇيىچە تۈپلەپ تىكىلمىسە، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزى يوقاپ كىتىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىنجىسىنى بىكىتىشكە ئامال بولماي قالسا.
27) نۇمۇر قۇيۇش ئۆلچىمى بۇيىچە نەتىنجە بىكىتىلمىسە، ئىمىتھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا شەخسى غەرەز بىلەن ساقتىلىق قىلسا، ( مەسىلەن: قەغەز تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆز مەكتىپى ،  ئۆز سىنىپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇغۇچىلارغا نۇمۇر قوشسا، دەرىجىسىنى يۇقۇرلىتىۋەتسە ياكى باشقا مەكتەپ (سىنىپ) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىنجىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتسە.
28) ئىمتىھان نەتىنجىسىگە ئاساسەن ئۇقۇغۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى سورۇنلادا دەرىجىگە تۇرغۇزۇش نەتىنجىسىنى ئاشكارلاش.
29) ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىھان نەتىجىسىنى (نۇمۇر ۋە دەرىجىسىنى) تۆۋەنلىتىۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى جازالاش، خالىغانچە ئۇقۇغۇچىلارغا 0 نۇمۇر بىرىش، ئۆتكۈزمەسلىك ياكى لاياقەتسىز باھالاش.
30) ئۇقۇتۇش سەۋەبى ياكى سۇئال چىقىرىش سەۋەبىدىن بىر قېتىملىق ئىنتىھاندا (ياكى بىر پەندە) ئۆتەلمىگەن ياكى لاياقەتسىز ئۇقۇغۇچىلار سانى ئىمتىھانغا قاتناشقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %40 تىن ئېشىپ كەتسە. (تۇلۇق 3-يىللىقنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە بۇلىدۇ، بۇ ماددا 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ ).
31) تەلەپ-تەرتىپ بويىچە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنى، ئونۋىرسال ساپاسىنى باھالىمىسا، باھالاش نەتىجىسىدە ئېغىر خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقارسا، خاتالىق نىسبىتى باھالاشقا قاتناشقان ئۇمۇمى ئۇقۇغۇچىنىڭ %5 دىن ئېشىپ كەتسە.
32) ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىنتىھانىسىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ نەتىجىسىدە لاياقەتسىزلەرنىڭ نىسبىتى قاتناشقان ئۇمۇمى ئۇقۇغۇچىنىڭ %5 تىدىن ئېشىپ كەتسە (ئالاھىدە سەۋەپ بولمىسا).
(3) ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇقۇتۇش ھادىسلىرى
33) ئۇقۇتۇش جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى، قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ فىئودالىق خۇراپى ئىدىيە ھەمدە شەھۋانىلىق، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان، ئۇقۇتۇش ئارقىلىق ئاردەم تەربىيلەش تۈپ مەقىتىگە خىلاپ سۆزلەرنى تارقاتقان بولسا.
34) ئوقۇتقۇچى دەرسكە 20مىنۇت كىچىكىپ كىرسە ياكى دەرستىن 20 مىنۇت بۇرۇن چۇشۇپ كىتىپ ئوقۇتۇش تەرتىۋىگە ۋە ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە ياكى بەلگۈلىمە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتنى بىجىرمەي خالىغانچە دەرس توختاتاسا،سەۋەپسىز دەرس قالدۇرسا.
35) ئۇقۇتقۇچى ھاراق ئىچىپ دەرس ئۆتسە ياكى ئوقۇتۇش جەريانىدا تۈزۈمگە خىلاپ ئش - ھەركەتلەر كۈرۈلسە.
36) ئۇقۇتۇش جەريانىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئشلارغا يۇلۇققاندا دەل ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلماي، ئشنىڭ يامانلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
37) ئوقۇتقۇچى ئشىچى-خىزمەتچىلەر ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش، تىللاش، دەرس توختىتىش، سىنىپتىن قوغلاپ چىقىرىش،ئەيىپلەش،زاڭلىق قىلىش،زىتىغا تېگىش،ھاقارەتلەش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلسا،غۇرۇرىنى چۈشۈرۈش،يامان كۈرۈش،چەتكە قېقىش،كەمسىتىش،تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش ھەمدە ھەرخىل شەكىلدە ئوقۇغۇچىلارغا زەربە بېرىش ئۆچ ئېلىش.
38) مائارىپ ئاساسىي باشقۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەستىق ياكى ھوقۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزى خالىغانچە دۆلەت دەرسلىك پىلان بەلگىلمىسىدىكى زۆرۈر ئۇقۇلىدىغان دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ  4/1 نىسبەتتىن يۇقىرسىنى  ئۆتمەي تاشلىۋەتكەن بولسا.
39) مۇناسۋەتلىك قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى تۈزىگەن ياكى تۈزۈشكەن قاتناشقان دەرسلىك پايدىلىنىش قۇشۇمچە ماتېريالىنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سېتۋېلىشىغا تەشۋىق قىلغان، خالغانچە كانسىپكەك (يەشمە ماتىريال)، كونسۇلتاتسىيە ماتىريالىنى تارقاتسا ياكى ھەق ئالسا، ئۇقۇغۇچىلانى پايدىلنىش ماتىريالىغا قىزىقتۇرسا.
40) ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى كەمسىتسە، خالىغانچە دەرستە ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى خالىغانچە دەرىسكە كىرگۈزمەي، سىنىپ ۋە مەكتەپتىن قوغلاپ چىقارسا، ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈمىسە ياكى ئىمتىھانغا نۇرمال قاتناشماسلىققا مەجبۇرلاش.
41) تەشكىللەش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەشكىللەش، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا قائىدىگە خىلاپ سىنىپ قۇرۇپ دەرس تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش، ئۇقۇغۇچىلارنى ھەقلىق كولىكتىپ ئەلالىرنى تەربىيلەپ ئارقىدا قالغانلىرنى يېتەكلەشكە تەشكىللەش.
42) خىزمەت مەسئۇليتىنى ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن، مەسئۇل بولغان دەرىس ئۆتكەن سىنىپ تۈزۈمىنىڭ قالايمىقان بۇلۇش سەۋەبىدىن شۇ سىنىپتىن بىر مەۋسۈمدە سوقۇشۇش، كوللىكتىپ جىدەل چىقىرىش قاتارلىق قەبىئى ۋەقەلە كۈرۈلگەن، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر قېتىمدىن يۇقۇرى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق كۈرۈلسە.
43) ئوقۇغۇچىلار سەۋەبلىك دەرىس قالدۇرسا، مەكتەپتىن قاچسا، دەرىس ئۇقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپتا يوقلۇقىنى دەل ۋاقتىدا بايقىماي ياكى بايقىسىمۇ سىنىپ مەسئۇلى ۋە مەكتەپ مۇدىرىغا دوكلات قىلمىسا، سىنىپ مەسئۇلى بايقاپ مەكتەپ ئالاقىدار بۆلۈمىگە ياكى ئاتا-ئانىلارغا خەۋەر قىلماي ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى كۈچلۈك بولماي ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
44) زەھەرلىك، زىيانلىق ماتىرياللاردىن ئۇقۇتۇش قۇرالى ياساپ ئىشلەتسە، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتۇشقا يېتەكلەش ۋە باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن مال-مۈلۈك، ئوقۇغۇچى ۋە باشقا خادىملار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىسا.
45) ئىمتىھان نازارەتچىسى ئىنتىھانىغا كەلمىسە.
46) ئىمتىھان ۋاقتى، ئورنى، پەن ۋە مەزمۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋەتسە.
47) ھەرخىل ئۇسۇللار، شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان سۇئالى ۋە ئىمتىھان مەزمۇنىنى ئاشكارلانسا، ئىمتىھان سۇئالىنى بېسىش، يەتكۈزۈپ بېرىش، ساقلاش جەريانىدا ئاشكارلانسا.
48) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا خىلاپلىق ئەھۋاللىرىنى توسماي ۋە يۇقىرىغا مەلۇم قىلماي، كۈچۈرىشىگە يول قويغان، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولماي، ئىمتىھان مەيدانىڭ تەرتىپى قالايمىقان بولسا.
49) قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىھان نەتىجىسى ۋە دەرىجىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتۋەتسە.
50) ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆزى خالىغانچە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ تىزىملاتقان ئارزۇسىنى ئۆزگەرتىۋەتسە.
51) مەلۇم كىشىلەر سەۋەبىدىن ئىمتىھان ئۇقتۇرشى ۋە تىزىملىتىش خىزمىتى كىچىكتۈرلۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانىغا نورمال قاتنىشالمىسا ياكى نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتسىز بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
6-ماددا: ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ھادىسىسى
(1) ئادەتتىكى ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ھادىسىسى
1) ئوقۇتۇش ھالقىلىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش (مەسلەن: دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش) سەۋەلىگىدىن ئوقۇتقۇش خادىملىرى ئەمىللەشمەي، ئوقۇتۇش پائالىيتىنى نورمال يۈرگۈزۈشكە تەسىر يەتكۈزسە.
2) ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى بەلگۈلمىدىكى ۋاقىتتىن  2ھەپىدىن كوپرەك ئېشىپ كەتسە ياكى بەلگۈلمە بۇيىچە تاپشۇرمىسا، ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش پىلان ئورۇنلاشتۇرۇش خاتا ياكى قالايمىقان بولسا.
3)ئوقۇتقۇچى ئىشتىن ئاۋال رۇخسەت سورىسا ھەمدە دەرىس ئالماشتۇرۇشنى تەستىقلاتسا مەسئۇل خادىم ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرماي ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلماي ۋە ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزسە.
4) دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى ئىمتىھان ئېلىش موۋاپىق بولماسلىقتىن ئىشلىتىدىغان سىنىپ توقۇنۇشۇپ قالسا ياكى دەرىس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە.
5)خادىملارنىڭ  سەۋەپلىكى تۈپەيلىدىن  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئەينەن ئورنىتىلمىسا، ئۇقۇش تەۋەلىگىنى باشقۇرۇش ئارخىۋى قالايمىقان بولسا،ئالمىشىش رەسمىيىتى تۇلۇق بولمىسا، خاتىرسى ئېنىق بولمىسا ياكى ئەينەن بولمىسا .
6) ئۇقۇتۇش مۇئەسسە ئۈسكۈنلىرىنىڭ يۇرۇشىشى ناچار ياكى بۇزۇلغان بولسا، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ كۈندىن ئاشقۇچە رىمنۇت قىلىنماي، ئۇقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلشىغا، ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزسە.
7) دەرس قوڭغۇرىقى، رادئىيۇسىدىن ئاۋاز چىقمىسا ،قالايمىقان چىرىڭلىسا،خاتالىق پەرقى بولۇپ،ئوقۇتۇش پائالىيتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە.
8) يىللىق سىنىپلارنى خالىغانچە ئالماشتۇرسا ياكى دەرىس ۋاقتىدا خالىغانچە ئوقۇتقۇچىنى چاقىرىپ چىقىپ پاراڭ سېلىپ ئوقۇتۇش پائالىيتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزسە.
9) سىنىپ ۋە باشقا ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ تازىلىق ئەھۋالى ناچار بۇلۇپ، ئوقۇتۇش پائالىيتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزسە.
يەتكۈزسە.
10) ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن ئىمتىھاننىڭ پەن تۈرى ،ۋاقتى ، ئورنى ، كومىسسىيە خادىملارنىڭ تۇقۇنۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ  ئىمتىھان نورمال ئېلىپ بېرىلمىسا.
11) ئىمتىھان مەيدانى ۋە ئىتىھان كوممۇسىيەلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرمىسا .
  ( 2) بىرقەدەر چوڭ بولغان ئوقۇتۇش باشقۇرۇش ھادىسىسى
12) خادىملارنىڭ سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەڭ كۈلەمدە دەرس قالدۇرۇش،دەرس توختىتىش، ئىمتىھان ئاشكارلىنىپ كېتىش،ئىمتىھان توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقسا.
13) تەتىلگە قويۇپ بېرىش ياكى مەكتەپ خاراكتىرلىق ئوقۇتۇشنى تەڭشەش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەردە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقتىن ياكى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقتىن، ئوقۇتۇش تەرتىۋىدە قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقسا.
14) بايراق چىقىرىش، ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، كوللىكتىپ يىىغن يىغىلىش، سىرىتلارغا چىقىش قاتارلىق كوللىكتىپ پائالىيەتلەردە باشقۇرۇش تەدبىرى كۈچلۈك بولماسلىقتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنىڭ ئىنتايىن چېچىلاڭغۇلىشىپ كېتىشنى ياكى بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
15) ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپ ھالدا ئۆزى خالىغانچە ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئۈگۈنۈش ماتىريالى  ۋە ئۈگۈنۈش قۇرالى سېتىۋېلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق يىغسا.
16) بور، دوسكا ئۆچۈرۈگۈچ قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى بىلەن  ۋاقتىدا تەمىنلىمىسە، شارائىت يار بەرسىمۇ ئوقۇتۇش تەجىربە ئەسلەسھە ئۈسكۈنىلىرى، ئەسۋاپ، كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن ۋاقتىدا تەمىلىمىسە ياكى تۇلۇق تەييارلاپ بەرمىسە.
17) خادىملارنىڭ سەۋەبدىن ئوقۇتۇش تەلىۋىدىكى زۈرۈر بولغان  ئۈن-سىن بويۇملىرى، رەسىم، ئەسۋاپ، ئەۋرىشكە قاتارلىق ئوقۇتۇش ياردەمچى بۇيۇملىرىنى بەلگىلىمە بويىنچە تەمىللەنمىسە.
18) ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش ئادەتلەندۈرۈش تەربىيسى ئېلىپ بارماي،  سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۆگىنىش،ئادەتلىنىش ھەركىتى قېلىپلاشمىغان ئوقۇغۇچى 2 نەپەردىن ئېشىپ كەتسە.
(3)ئېغىر دەرىجىدىكى ئوقۇتۇش باشقۇرۇش  ھادىسىسى
19) ئورۇنسىز باھانە سەۋەپ بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرشىنى قوبۇل قىلمىسا ياكى قەستەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىسا.
20) دوكىلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنمۇ ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى ياكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىدىيەتنى دەل ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلماي، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا ۋە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ پەيدا بۇلشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
21) مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشى قالايمىقان بۇلغانلىقتىن، مەلۇم سىنىپ ياكى يىللىقلاردا كۆپلىگەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار پەيدا بۇلۇش ھادىسىسى كۈرۈلۈپ، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن بىزار بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا.
22) مەكتەپ دەرسلەرنى دەرىسلىك پىلانى بويىچە تۇلۇق تەسىس قىلمىسا،خالىغانچە دەرس توختاتسا، بەلگىلەنگەن مەشخۇلات ۋاقتىنى قاتتىق ئىجرا قىلماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىش ۋاقتىنى خالىغانچە ئىلگىرى سۈرسە ياكى مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرسە.
23) ئوقۇتۇش پىلانىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تىجارەت خارەكتېرلىك ئىجتىمائى پائالىيىتىگە تەشكىللىسە، مەكتەپ قۇرلۇشلىىرنى خالىغانچە ئارىيەتكە بەرسە ۋە ئىجارىگە بېرىپ ئوقۇتۇش تەرتىپىنى دەخلىگە ئۇچىراتسا.
24) بەلگىلەنگەن ساقلاش ۋاقتى ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى نەتىجىسى ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى يوقىتىۋەتسە، قەستەن ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئوقۇش تارىخى، ئوقۇش تەۋەلىكى، نەتىجىسى قاتارلىق تۈرلۈك گۇۋاھنامە ۋە ئىسپاتلارنى چىقىرىپ بەرسە.
25) خادىملارنىڭ سەۋەبىدىن خىزمەت پىلانلىرى بەلگىلمە ۋە پىلان بويىچە قانات يايدۇرۇلمىسا.
26) ئالاھىدە سەۋەپ بولمىغان ئەھۋالدا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، دەرىسلىك ئىسلاھاتى، تېما تەتقىقاتى، دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىمتىھان سۇئال لايىھىسى، ئوقۇتۇش تەجىربىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەربىيلىنىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلمىسا.
27) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئوقۇ- ئوقۇتۇش مۇئەسسەسى ۋە ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەشتىن بىخەتەرلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقسا.
28) مەكتەپ ئىچىدە توك ، سۇ توختاپ قالغاندا ۋاقتىدا رېمونت قىلماي، ئوقۇتۇش پائالىيتى توختاپ قېلىپ، ئوقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە.
29) مەكتەپ بىناسى، ئوقۇتۇش مۇئەسسە ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى رېمونىت قىلىشنى ئوقۇتۇش مەزگىلىدە ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق ياكى قۇرلۇش ئېلىپ بېرىشنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىسا.
30) خادىملارنىڭ سەۋەبىدىن ئۈسكۈنلەرنى خاتا ياكى قائىدىگە خىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش قۇيۇشتىن مەكتەپتە بىخەتەرلىك ھادىسىسى كېلىپ چىقسا.
3-باپ ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى بېكىتش
7-ماددا: بۋاستە ئالاقىدار كىشى ياكى بايقۇغۇچى، ئەھۋالنى بىلگۈچى ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال مەكتەپ فۇنكىتسىيىلىك تارماقلىرى (ئىلمىي بۈلۈم، ئەخلاق-تەربىيە ئىشخانىسى، خوجلىق بۆلۈم) غا مەلۇم قىلىش، فۇنكىتسيىلىك تارماقلار خاتىرىنى ياخشى قالدۇرۇپ، دەرھال شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا دوكلات قىلىش كېرەك.
8-ماددا: ھادىسىگە بۋاستە ئالاقىدار كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇن مەسئۇل بۇلۇپ تەكشۈرۈش، ئىسپات ئېلىش، ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، بىر ئىشقا بىر جەدىۋەل « باي ناھىيىلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى خاتىرلەش جەدىۋىلى » نى تولدۇرۇپ، ۋەقەنىڭ دەرىجىسى ۋە بىۋاستە ئالاقىدار كشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ھەمدە بىر بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلمىسى چىقىرىپ، مەكتەپ فۇنكىتسىيىلىك تارماقلىرىغا تاپشۇرىدۇ.
9-ماددا: ھادىسىگە مەسئۇل كىشى پەقەت بىر ياكى بىر قانچە ئادەم بولسا، ۋەقەنى ئورۇن، ئىدارە ياكى كوللىكتىپ ئۈستىگە ئېلىشقا بولمايدۇ.
10-ماددا: ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى فۇنكىتسيىلىك تارماقلار بېكىتىدۇ. بىر قەدەر چوڭ ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى مەسئۇل رەھبەر بېكىتىدۇ. ئېغىر ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى چوقۇم مەكتەپ مۇدىرى بېكىتىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپى مۇزاكىرلىشىپ بېكىتىدۇ. ئەگەر ھادىسنىڭ بىۋاستە جاۋابكارى مەكتەپ مەسئۇلى بولسا، ئۇ ھالدا يېزا (بازار، مەيدان) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى (ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپلەردە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارسى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسى) مەسئۇل بۇلۇپ بېكىتىدۇ.
4- باب: ئوقۇتۇش ھادىسلىرنى بىر تەرەپ قىلىش
   11-ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى بىرتەرەپ قىلىشتا پىرىنسىپ جەھەتتىن مەكتەپ ھەيئەتلەر يىغىنى مەسئۇل بۇلۇپ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ھادسىسىنى بىۋاستە ئالاقىدار كىشى تۇرۇشلۇق كەنىت دەرىجىلىك مەكتەپ (يېزا بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن يۇقۇرى مەكتەپلەردە تارماقلار) بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، كەنت دەرىجىلىك مەكتەپلەر ياكى فونكىسيىلىك تارماقلار دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىپ يېزا، بازارلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسىغا دوكىلات قىلىدۇ. بىر قەدەر چوڭ ئوقۇتۇش ھادىسىسىغا فۇنكىتسىيىلىك تارماقلار بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەكتەپ رەھبىرى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ ھەمدە مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسىغا دوكلات قىلىدۇ. ئېغىر ئوقۇتۇش ھادىسىسىغا مەكتەپ رەھبىرى  بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلمىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيدۇ، يېزا، بازار مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى دەسلەپ قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىپى مۇزاكىرلىشىپ دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ ھەمدە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا دوكلات قىلىدۇ. ئەگەر ھادىسە مەسئۇلى مەكتەپ مەسئۇلى بولسا، ئۇ ھالدا يېزا (بازار، مەيدان) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى (ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپلەردە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى) مەسئۇل بۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
   12-ماددا: ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ھادىسىسلىرنى ھادىسە بېكىتىلگەن شۇ كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىپ تۈگىتىشى ھەمدە بۋاستە ئالاقىدار كىشىگە يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. بىر قەدەر چوڭ ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى چوقۇم ھادىسە بېكىتىلگەندىن كېيىن 2 كۈن ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىپ تۈگىتىشى ھەمدە بۋاستە ئالاقىدار كىشىگە يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئېغىر ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى چوقۇم ھادىسە بېكىتىلگەندىن كېيىن 3 كۈن ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىپ تۈگىتىشى ھەمدە بىۋاستە ئالاقىدار كىشىگە يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ياكى فۇنكىتسىيىلىك تارماقلار مەسئۇل بۇلۇپ دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى بىۋاستە ئالاقىدار كىشى ۋە شۇ تۇرۇشلۇق تارماقلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
   13-ماددا: ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلمىسى ۋە قارارىنىڭ چوقۇم يازمىچە خاتىرىسى بۇلىشى كېرەك، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە خادىملار « باي ناھىيە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى خاتىرلەش جەدىۋېلى» نى ھەقىقىي (بىر خىل ئىككى نۇسقا) تولدۇردۇ، فۇنكىتسيىلىك تارماقلار بىر نۇسخا، ھادىسە جاۋاپكارى بىر نۇسخا ساقلايدۇ.
   14-ماددا: ھەر قايسى مەكتەپلەر ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، ئىمكانقەدەر ھادىسە تەسىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە دائىرىسىنى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە مۇناسۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرنى مۇككەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
5-باب: ئەرز-شىكايەت ۋە كېسىم
15-ماددا: ھادىسىگە بىۋاستە ئالاقىدار كىشى ھادىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بىكىتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا قايىل بولمىسا، ئەرىز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
   16-ماددا: ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ھادىسلىرى ئەرزىسنى قوبۇل قىلىدىغان فۇنكىتسىيىلىك ئاپىرات ياكى تارماقلارنى قۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەتچى خادىم بېكىتىپ، مەكتەپ مۇدىرى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىشى؛ ھەمدە مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشما رەئىسىنى باش بولغان، مەكتەپنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىن ۋەكىللەر قاتناشقان ئوقۇتۇش ھادىسىسىگە كېسىم چىقىرىش كومىتېتنى قۇرۇش كېرەك.
17-ماددا: بىۋاستە ئالاقىدار كىشى ھادىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغان كۈنىدىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە، فۇنكىتسىيىلىك تارماقلارغا ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەرىز قىلمىسا، دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرەپ قىلىش قارارى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
18-ماددا: بىۋاستە ئالاقىدار كىشى فۇنكىتسىيىلىك تارماقلارغا ئەرىز قىلىشتا، « باي ناھىيەلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسلىرى ئەرىز قىلىش جەدىۋىلى» نى تولدۇرىدۇ، فونكىتسىيىلىك تارماقلار ئەرىزنى قوبۇل قىلىپ ئەستايدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئېنىقلاش ۋە ئەڭ ئاخىرقى بىرتەرەپ قىلىش قارارىنى مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسىسىگە كېسىم چىقىرىش كۇمىتىتىنىڭ كىسىم چىقىرىشىغا تاپشۇرىدۇ. ھادىسىسىگە كېسىم چىقىرىش كۇمىتىتىنىڭ كېسىم قارارى ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەكتەپ كېسىم قارارىغا ئاساسەن مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدۇ.
19-ماددا: كېسىم قارارى ۋە مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئەرىز سۇنىلغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە چىقىرلىشى ھەمدە بىۋاستە ئالاقىدار كشىگە يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىنىشى كېرەك. بىۋاستە ئالاقىدار كىشى كېسىم قارارى ۋە مەكتەپنىڭ مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىسا، يېزا (بازار) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى (ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق مەكتەپلەر ناھىيەىلىك مائارىپ ئىدارسى) غا ئۆزگەرتىشنى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.
   6-باب: ئوقۇتۇش ھادىسىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش
20-ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسىغا مەكتەپ ئەڭ ئاخىرىقى قارار ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، ھادىسە مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا تەنقىد-تەربىيە بېرىلدۇ. ھادىسىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى جازا بىرىلدۇ: ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ھادىسىسىدە ھادىسە مەسئۇلىغا ئىچكى قىسىمدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ. بىر ئوقۇش مەۋسۈمىدە جەمئىي 3 قېتىم ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ھادىسىسى كۆرۈلسە، بىر قېتىملىق بىر قەدەر چوڭ ئوقۇتۇش ھادىسىسى دەپ قارىلىدۇ. بىر قەدەر چوڭ ئۇقۇتۇش ھادىسىسىدە ھادىسە مەسئۇلىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ھەمدە شۇ يىلدىكى ئۈچ ئايلىق مۇكاپاتلىق ئۈنۈم ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىندۇ؛ بىر ئوقۇش مەۋسۈمىدە جەمئىي 3 قېتىم بىر قەدەر چوڭ ئوقۇتۇش ھادىسىسى كۆرۈلسە، بىر قېتىملىق ئېغىر  ئوقۇتۇش ھادىسىسى دەپ قارىلىدۇ. زور ئۇقۇتۇش ھادىسىسىدە ھادىسە مەسئۇلىغا گۇناھ يېزىش جازاسى بىرىلىپ ھەمدە يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالىنىپ، شۇ يىلدىكى ئالتە ئايلىق مۇكاپاتلىق ئۈنۈم ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىندۇ، ھادىسە مەسئۇلىنىڭ شۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدىكى ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى، پەن باشلامچىسى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە شۇ ئوقۇش يىلىدىكى مائارىپ مەمۇرىي تاماقلىرى تەرىپىدىن تەقدىرلىنىش، مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ئەھۋالى ئالاھىدە ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغانلىرىغا مەمۇرىي تارماقلار بىۋاستە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.
21-ماددا: ئۇقۇتۇش ھادىسىسى جاۋاپكار پەيدا قىلمىغان ياكى جاۋاپكار تاقابىل تۇرالىغۇسىز سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولسا، ھەقىقى ئەھۋالنى تەكشۈرۈگەندىن كېيىن جاۋاپكار ئوقۇتۇش ھادىسىسىگە قارىتا مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
   22-ماددا: ئەگەر ئوقۇتۇش ھادىسىسى جاۋاپكارنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، جاۋاپكارغا ئىش تاشلىغانلار قارارىدا بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا يەنە  ئوقۇتۇش ھادىسىسىدىكى مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىش بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
23-ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسىغا قارىتا چىقىرىلغان قارار ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىنجىسى ھادىسە سادىر قىلغۇچىنىڭ كەسپى ئارخىپىغا سېلىندۇ، ھەمدە ئۇقۇتقۇچى، ئشچى –خىزمەتچىلەرنى سىناپ تەكشۈرۈشتىكى مۇكاپات–جازا، ئۈنۋان باھالاش تەكلىپ قىلىش، دەرىجىسى ئۆستۈرلۈپ مائاش قۇشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم پايدىلنىش ئاساسى قىلىنىدۇ.

7-باب: قۇشۇمچە پىرىنسىپ
24-ماددا: باي ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپدىكى ئىشلەۋاتقان تەكلىپ قىلىنغانلار، ئوقۇتۇشنى باشقۇرغۇچى خادىملار، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملارنىڭ ھەممىسىگە بىردەك بۇ بەلگىلىمە قوللىنىلىدۇ. ھەر قايسى يېزا ( بازار، مەيدان ) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بۇ بەلگىلىمىنى ئاساس قىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ( بازار ، مەيدان ) مەكتەپلەرنىڭ « ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش يولغا قۇيۇش تەپسىلىي چارىسى» نى تۈزۈپ چىقسا بۇلىدۇ. بالىلار يەسلىسى (خەلق باشقۇرۇشىدىكى بالىلار يەسلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ) ئەمىلىي ئەھۋالغا ئاساسەن پايدىلانسا بۇلىدۇ.
25-ماددا: بۇ بەلگىلىمىنىڭ 3-بابىدا كۆرسىتىلمىگەن باشقا ئوخشاش قىلمىش مەزكۇر بەلگىلىمىدىكى مۇناسۋەتلىك ماددا بويىچە بىكىتىلدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىندۇ. بۇ بەلگىلىمىدە بەلگىلەنمىگەن باشقا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئىشلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
   26-ماددا: ئوقۇتۇش ھادىسىسى بولسا ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ قەتئي ئالدىنى ئالدىغان قىلمىش ۋە خەتەرلىك ھادىسە. شۇڭا ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت لايىھىسىنى تۈزۈپ، ئوقۇتۇش ھادىسىسىلىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت  مېخاينىزىمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش ھادىسىسىلىرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىستىلى دۇرۇس بولغان كادىر، ئوقۇتقۇچى، ئائىلە باشلىقى ياكى باشقا جەمئىيەت ئەزاسىنى تەكشۈرگۈچىلىككە ۋە ئۇقۇتۇش ھاسىسىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىندۇ.
27-ماددا: يېزا ( بازار ) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىكىتىپ بىر تەرەپ قىلىپ ياكى بەلگىلىمىدىكى تەلەپ بويىچە يۇقىرىغا يوللايدىغان ھادىسلەرنى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە تەرتىپ بويىچە يۇقىرىغا يوللىشى كېرەك. ئالاھىدە زور ئوقۇتۇش ھادىسىسىنى چوقۇم ھادىسە يۈز بېرىپ 1 سائەت ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى تارماقلىرىغا دوكىلات قىلىش كېرەك. يوشۇرۇپ دوكىلات قىلمىسا ياكى كېچىكتۈرۈپ دوكىلات قىلسا، مەكتەپ مەسئۇلى ھادىسنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ ھەمدە مۇناسۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئېغىرلىتىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندۇ.
28-ماددا: مەزكۇر بەلگىلمىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنى پاش قىلىش، ئەرىز قىلىش ئەھۋالىنى تەرتىپ بويىچە ھەر قايسى يېزا ( بازار ) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى مەسئۇل بۇلۇپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
29-ماددا: بۇ بەلگىلىمە 2014-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
30-ماددا: بۇ بەلگىلمىگە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇل بۇلۇپ ئىزاھات بېرىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-23 17:05:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىريالنى پىرىسلاپلا يوللىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟
ۋاقتى: 2014-3-23 19:23:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ قىلىپقا چۈشكەن مۇكەممەل چارىكەن بۇ سۇمۇ كىرمىگدەك
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش