كۆرۈش: 1059|ئىنكاس: 1

ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش چارىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                   ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش چارىسى

بىرنچى باب : ئومۇمىي پىرىنسىپ
1- ماددا : ئاساسى مائارىپ دەرسلىك ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ساپا مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۇرۇپ ، دۆلەت بەلگىلىگەن دەرسلىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمىلىلەشتۇرۇپ  ، ئوقۇتۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ،مائارىپنى ئىلمى تەتقىق قىلىىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ ، ھەر قايسى يېزا-بازار (مەكتەپ) لەرنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇشقا يتەكىچىلىك قىلىپ،  بىرلىككە كەلگەن ، ئىناق ، ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئوقۇتۇش مۇھىتىنى يارىتىپ ، ناھىيىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ساغلام، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن ناھىيىمىزدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ–  ئوقۇتۇش ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۇرۇلۈپ بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.  
2- ماددا : مەكتەپلەر چۇقۇم پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى  ئۇمۇمىيۈزلۈك  ئىزچىللاشتۇرۇپ،  ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىدىيە – سىياسى ساپا بولسا ئەڭ مۇھىم ساپا»  دىگەن تەلەپنى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىلەشتۇرۇش لازىم.
ئىككىنچى باب :  باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى
3-ماددا : ناھىيەلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئاپاراتلىرى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش بۇيىچە تەربىيلەشكە مەسئۇل بۇلىدۇ. شۇنداقلا مەشخۇلات تۈزۈمى، ئىلمى بۆلۈم، خوجىلىق بۆلۈم، سىياسى تەلىم–تەربىيە، دەرسخانا ئوقۇتۇشى، دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق بىرىىش ۋە ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇش، دەرس ئاڭلاپ باھالاش ، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيتى قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4-ماددا: مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى ئومومىيۈزلۈك مەسئۇل بولغان، ئىلمى بۈلۈم ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى شۇنداقلا يىللىقلار گۇرۇپپىسى،پەن ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى دەرجىگە ئايىرىپ باشقۇرغان، ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولغان، ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش مېخانىزىمىنى ئورنىتىش ۋە مۇككەممەللەشتۈرۈش كېرەك . مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە قارىتا تۇلۇق ھوقۇقلۇق مۇدىرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
5-ماددا: ئىلمى بۆلۈم مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى فونكىتسىيىلىك ئورۇن ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا پۈتكۈل ئوقۇ-ئۇقۇتۇشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش، تەشكىللەش  پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇردۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش پىلانىلىرىنى تۈزۈش ، ئەمەلىيلەشتۇرۇش، يىتەكچىلىك قىلىش، تەكشۇرۇپ خۇلاسىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياردەملىشىدۇ.
6-ماددا: ناھىيىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە شەھەر ئىچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەسىس قىلىش، يېزا ، بازارلار مەركىزى باشىلانغۇچ مەكتەپتە بىرلەشمە ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئشخانىسى تەسىس قىلىش ۋە ئايرىم ھالدا پەن ئۇقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىش لازىم. ناھىيىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇرۇنلىشىشىغا ئاساسەن، سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ، ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ ، چوڭ كۆۋرۇك يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردە ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە رايۇنى تەسىس قىلىدۇ، ئۇقۇتۇش تەتقىقات شۆبە رايۇنى ئۈزىگە تەۋە بولغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆز دائىرسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بۇلىدۇ. مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز مەكتىپىنىڭ تەلىم-تەربىيە، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلىدۇ، يېزا ، بازارلىق مەركىزى مەكتەپ ، يېزلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىگىدە شۇ يېزا ، بازارنىڭ مەكتەپ تەلىم-تەربىيە، ئۇقۇ-ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلۇپ، قەرەرلىك ھالدا ئۇقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ، يېزا، بازار ۋە مەكتەپ ئىچى ئۇقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇ، پەن ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇ پەن ئۇقۇتۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇدۇ.
ئۈچۈنچى باب: ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش
7-ماددا: مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
(1) مەكتەپلەر ئۇقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش پىرىنسىپىدا باشتىن- ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمىتىدە جەزمەن ئوقۇتۇشىنى مەركەز قىلىش، مەكتەپتىكى ھەر قايسى بۆلۈملەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە قانۇن -نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىش ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ قارارلىرىنى كەسكىن ئىجرا قىلىپ ، ساپا مائارىپىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۇرۇپ، سۈپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۇزلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپۈتىنى ئۆزلىكسىز يۇقۇرى كۆتۇرۈش لازىم.
(2) ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئۇقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە نىشانلىق باشقۇرۇش، ئۇقۇتۇش جەريانىنى باشقۇرۇش ۋە سۈپەتنى باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇش لازىم.
(3) ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۈكۈپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشىلاشقا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا توغرا يىتەكلەش.
(4) مەكتەپ مۇدىرى، شۈجى دەرس ئۆتۈش ۋە دەرس ئاڭلاش كېرەك، 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ، 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ،   3- ئوتتۇرا مەكتەپ، ۋېنجۇ ئۇنۋېرسىتېتى باي ناھىيەلىك تەجىرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ، 2- باشلانغۇچ مەكتەپ ، باي ناھىيە شۈچاڭ ئىتتىپاق باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە شۈجىلىرىنىڭ دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ھەپتىسىگە 2 سائەتتىن كەم بولماسلىقى ، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ھەپتىسىگە 4 سائەتتىن كەم بولماسلىقى ، باشقا مەكتەپلەرنىڭ يەنى سىنىپ سانى 12 دىن ئاشقان مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ۋە شۈجىلىرى دەرس سائىتى ھەپتىسىگە 4 سائەتتىن كەم بولماسلىقى ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆز كەسپى بويىچە ھەپتىسىگە 6 سائەتتىن كەم بولمىغان دەرىس ئۈتۈش كېرەك، سىنىپ سانى 11 دىن تۆۋەن بولغان مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ دەرس سائىتى ھەپتىسىگە 6 سائەتتىن كەم بولماسلىقى ، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىلىرى ئۆز كەسپى بويىچە ھەپتىسىگە 8 سائەتتىن كەم بولمىغان دەرىس ئۈتۈش كېرەك، مەكتەپ مۇدىرى ، شۈجىلىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ دەرس ئاڭلاش ۋاقتى كۈنىگە 1 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك .
8-ماددا: ئىلمى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىيىتى:
(1)مەكتەپنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى تۈزۇش.
(2) دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش ، دەرس تەڭشەش  تۈزۈمىنى ئورنۇتۇپ ۋە مۇككەممەللەشتۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ دەرسلىك پىلانى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تارقاتقان تەسىس قىلىنغان دەرىسلىك، دەرىس سائەتىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە مەشخۇلات ۋاقىت جەدىۋىلىگە ئاساسەن، دەرىسلەرنى تۇلۇق تەسىس قىلىش ۋە دەرىس سائىتىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىش، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوخشاش دەرىس تەسىس قىلىشنى قاتتىق چەكلەش، قۇياش نۇرى تەرنتەربىيە پائالىيىتى ۋە دەرستىن سىرىتقى كۇرژۇك پائالىيەتى قاتارلىقلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، مىللىي تىل يېزىق مەكتەپلەردىكى تامغا يېپىشتۇردىغان ماتېرياللار چۇقۇم ئۇيغۇرچە، خەنزۇچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل يېزىق قوللىنىشى كېرەك.
(3)بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى دەرىس ئۆلچىمى (ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى) نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەپ،  دەرىسلىك ماتىرياللىرنى تەتقىق قىلىپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى تىرشىپ يۇقۇرى كۆتۇرۇش.
(4)يىللىقلار گۇرۇپپىسى ، ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگەللەپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشىغا نازارەتچىلىك قىلىپ، دەرسخانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مەۋسۈمدە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كەم بولغاندا بىر قېتىمدىن ئاڭلاپ چىقىش ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانى ۋە ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ،ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى ئانالىز قىلىش ، ئوقۇتۇش ئسلاھات تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
(5)ئونۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسىنى ئەستايىدىل يولغا قۇيۇش، ئۇچۇر – تېخنىكا ، ئەمگەك تېخنىكا ، تەتقىقات خارەكتىرلىك ئۆگۈنۈش ،ئىجتىمائى رايۇن مۇلازىمىتى ۋە ئىجىتىمائى ئەمەلىيەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت  پائالىيەت دەرسلىگىدىن ئىبارەت بۇ بىر دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش،مەكتەپ دەرسلىگىنى ئېچىش ۋە يولغا قۇيۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ،مەكتەپ دەرسلىگىنىڭ دەرس جەدۋىلىگە كىرشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش،ئوقۇتقۇچى، ماتىريال،دەرسلىك لاھيەسى باھا بۇلۇش،مەكتەپ ئالاھىدىلىگىگە ئىگە دەرسلىكنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
(6)ئوقۇتۇش مۇھىتىنى باشقۇرۇش،دەرسلىك ماتىريالى كىتاپلارنى باشقۇرۇش،ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىىرنى باشقۇرۇش،ئوقۇش تەۋەلىەىنى باشقۇرۇش،باھا ۋە نەتىجىنى باشقۇرۇش،ئوقۇتۇش كەسپى ئارخىۋىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىلمى بۈلۈم خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش،مەجبۇريەت باسقۇچىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئوقۇشتىن چىكىنىش ھادىسلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش،بۇلانى مۇقۇملۇق ۋە نورمالنى ئوقۇتۇش تەرتىۋىنى ساقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك.
(7)دۆلەتنىڭ  يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئۆلچىمىدىكى بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ئوقۇش يىلى ، ھەر مەۋسۈم، ھەر ھەپتە ، ھەر كۈندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىدا بەلگىلەنگەن ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەر ئوقۇش يىلىدا 35 ھەپتە دەرس ئوقۇيدۇ ، مەكتەپ ئەنئەنىۋى پائالىيىتى 1 ھەپتە ، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتى 1 ھەپتە ، تەكرار، ئىمتىھان ۋاقتى 2 ھەپتە، زاپاس ۋاقىت بىر ھەپتە.تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەر ئوقۇش يىلى35 ھەپتە دەرس ئوقۇيدۇ ، مەكتەپ ئەنئەنىۋى پائالىيىتى 1 ھەپتە ، ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتى 1 ھەپتە ، تەكرار، ئىمتىھان ۋاقتى 3 ھەپتە، زاپاس ۋاقىت بىر ھەپتە. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ۋاقتى 8 سائەت ( ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگۇنۇش ۋاقتى 6 سائەت بۇلىدۇ.
(8)زامانىۋى مائارىپ بايلىقلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى «تورلاشقان سىنىپ » ئۈسكىنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىپ، ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش.مەكتەپلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى (كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپ) نىڭ ئىشلىتىلىشىدە ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقىدىن  پايدىلىنىپ دەرس ئۆتۇش ، ھەر مەۋسۈمدە مەۋسۈملۈك ئومومى دەرس سائىتىنىڭ %20 تىدىن كەم بولماسلىقى ، « تورلاشتۇرۇلغان سىنىپ » ئۈسكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆتكەن دەرس ، سىنىپنىڭ ھەپتىلىك ئومۇمىي دەرس سائىتىنىڭ % 50 تىدىن كەم بولماسىلىقى ، ئۇچۇر – تېخنىكا دەرسىنى تۇلۇق تەسىس قىلىش، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئۇچۇر- تېخنىكا دەرسى 68 سائەتتىن كەم بولماسلىقى، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇچۇر – تېخنىكا دەرسى ئادەتتە 68 سائەتتىن كەم بولماسلىقى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇچۇر – تېخنىكا دەرسى ئادەتتە 70-148 سائەتكىچە بۇلۇشى، ھەرقايسى ئوقۇتۇش باسقۇچىدىكى ئۇچۇر-يېخنىكا ئەمەلىي مەشخۇلات ۋاقتى ئومۇمىي دەرس ۋاقتىنىڭ %70 تىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. تەجىربىخانا ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، بەلگىلىمە بۇيىچە تەجىربە دەرسىنى تۇلۇق تەسىس قىلىش، كۆرسەتمىلىك تەجىربىنىڭ ئىشلىنىشى %95 دىن يۇقۇرى بۇلۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇرۇپپىلار بۇيىچە تەجىربە ئېلىپ بېرىشى %92 دىن يۇقۇرى بۇلۇش، ھەر قايسى ئوقۇتۇش نوقتىلىرى، ئوقۇتۇش نۇقتىسىدكى ئوقۇتۇش بايلىقى بىلەن تۇلۇق قاپلانغان تۇر ئەھلەھەلىرى ۋە بايلىقلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنىمىنى تىرشىپ يۇقۇرى كۈتىرىش كېرەك.
(9)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش قۇشۇمچە ماتىرياللىرىنى ئىشلىتىشكە بولغان ب باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەپ بەرگەن ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى بىلەن يۈرۈشلەشكەن مەشق دەپتىرىنىڭ ياخشى ئىشلىتىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش،مەكتەپلەر چۇقۇم بىر دەرسلىككە بىر ماتىريال بۇلۇش ۋە ئۆز ئىختىيارلىقى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرش ،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ دەرسلىك قۇشۇمچە ماتىريالىدىن تاللاپ ئىشلىتىش،زاكاس بولغان دەرسلىك قۇشۇمچە ماتىرياللىرىنى چۇقۇم ئىشلەش ،تۇلۇق تەكشۈرۈش لازىم.
9-ماددا: ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇليىتى
(1) ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمتىنى قانات يايدۇرۇپ،مەكتەپلەر تەلىم-تەربىيە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىللەرنى ھەل قىلىش،ھەر ئوقۇش يىلى ھەرقايسى مەكتەپلەر تەلەم-تەربىيە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئاز بولغاندىمۇ بىر مەكتەپنى باشقۇرۇش دەرس تېما تەتقىقاتى،ئىككى ئەخلاقى تەربىيە دەرس تېما تەتقىقاتى،ئۈچ ھەرقايسى پەنلەر تېما تەتقىقاتى قىلىپ بەلگۈلەش.
(2)مەكتەپ تەربىيلىنىش،ئوقۇتۇش قايتارما ئىنكاسى،دەرس لاھيەسى تەتقىقاتى ۋە تېما تەتقىقاتىنىڭ يىتەكچىلىك خىزمىتىنى ھەقىقى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش،مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىدىكى «سەككىزدە بىر » پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش يەنى ھەر ئۇقۇش يىلىدا بىر قېتىم پەن باشلامچىلىرىنى  باھالاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش،ھەر ئوقۇش مەۋسۈمدە بىر قېتىم مۇنەۋۋەر دەرس لايىھەسى،مۇنەۋۋەر تاپشۇرۇقلارنى باھالاش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش،ھەر ئوقۇش مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئوقۇتۇشنى سىرىتقا ئېچىۋېتىش ھەپتىلىگى پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىش، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئاز بولغاندا بىر خىل كىچىك تېما تەتقىقاتىغا قاتنىشىش، ھەر ئوقۇش مەۋسۈمدە مائارىپ نەزىريە مەخسۇس ئوقۇشلىغىنى ئوقۇش‹كىتاپ ئوقۇش خاتىرسى ۋە تەسىراتى بۇلۇش› ھەر مەۋسۈمدە بىر پارچە ئوقۇتۇش ئىلمى ماقالىسى يېزىش، ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئوقۇتۇش تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش، ھەر ئايدا بىر قېتىم تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇچۇق دەرس ئۆتۈشكە تەشكىللەش ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆلچەمگە يىتىش دەرسى، ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەلدىن ئۈتۈش دەرسى ۋە ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۇرۇش دەرسىنى تەشكىللەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار مەشىقى ۋە سىناپ تەكشۇرۇشنى كۈچەيتىش،ئۆلچەملىك تىل،ئىملا، دوسكا خېتى ، ئوقۇتۇشتىكى ئاددى سىزما ، دەرسلىك دېتالى تۈزۈش قاتارلىقلارغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش،ھەمدە ئاساسىي ماھارىتىنى باھالاش نەتىجىسىنى  «ئوقۇتقۇچىلارنى يىللىق سىناپ تەكشۇرۇش » مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش.
(3) ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات نەتىنجىسىنى پائال كېڭەيتىش،ئوقۇتۇش تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئىسلاھات ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا يوللاش،تۈرلۈك ئوقۇتۇش قۇشۇمچە ماتىياللىىرنى يىغىش، رەتلەش،ئىلىتىش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.
(4)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كونسىپىك تۈزۈش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۇرۇشكە يىتەكچىلىك قىلىش، ئادەتتىكى تاللاپ سىناپ  تەكشۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، ھەر مەۋسۈمدە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم سىناپ تەكشۇرۇش،ھەمدە  سىناپ تەكشۇرۇش ئىمتىھان قەغىزى ۋە نەتىنجىسىنى باھالاش،ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىمتىھان سۇئال ئانالىزى ۋە ئوقۇغۇچىلار نەتىنجسىنى ئانالىز ئېلىپ بېرىشقا يىتەكچىلىك قىلىش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ۋە چارسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش.
(5)پەنلەر بۇيىچە زېھىن سىناش پائالىيەتلرىنى ياخشى تەشكىللەش ، زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يىتىشتۇرۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش.
10-ماددا: دائىملىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش(دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۇرۇش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش،ئىمتىھان)  بولسا ئوقۇتقۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئاساسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۈقۇرى كۆتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقسى بۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلار چۇقۇم ياخشى ئەمەلىيلەشتۇرۇش كېرەك.
1-دەرس تەييارلاش
(1) ھەر بىرئوقۇتقۇچى دەرسنى ياخشى تەييارلاشنىڭ مۇھىملىقنى تۇلۇق تۇنۇپ يېتىش، ھەر بىر سائەتلىك دەرسىنى چوقۇم ئەستايىدىل،چۇڭقۇر،تۇلۇق تەييارلاش (تەجىربە دەرسى ،يېزىقچىلىق، مەشىق ۋە تەكرارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
(2)ئوقۇتقۇچىلار چۇقۇم چوڭقۇرتەتقىق قىلىشى، دەرسلىك ئۆلچىمىگە پۇختا بۇلىشى، دەرسلىك ئۆلچىمىنىڭ شۇ يىللىققا بولغان تەلىپىنى ياخشى ئىگەللەش، ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۆزدىن كەچۇرىش، دەرسلىك ماتىريالىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى ئىگەللەش،ھەر بىر دەرسلىك ماتىريالىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىش،دەرس ماتىرياللىرىنىڭ مەزمۇنى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋيىسى،تۇنۇش قانۇنۇيىتىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش نىشنانى ۋە تەلىپىنى بەلگىلەپ مۇھىم قىين نۇقتىلارنى ئىگەللەپ مۇۋاپىق بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاش.
(3)سائەتلىك دەرىس لايىھەسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئاساسلىغى ئۇقۇتۇش نىشانى (ئۈچ خىل نىشان) ئۇقۇتۇشنىڭ مۇھىم قىيىن نۇقتىلىرى، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇتۇش قۇرالى، ئوقۇتۇش جەريانى، دوسكا لايىھەسى،  تاپشۇرۇق لايىھەسى ۋە دەرستىن كېيىنكى ئەسلىمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانى بولسا سائەتلىك دەرس لايىھەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ، بىر سائەتلىك دەرىس مەزمۇنىنى تەپسىلى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى كونكىرىت قوللىنىشى، ئۇقۇتقۇچى پائالىيىتى ۋە ئۇقۇغۇچى پائالىيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە ۋاقىتنىڭ تەقسىملىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ. دەرس لايىھەسىدە خېتى چىرايلىق ، رەتلىك پاكىز بۇلۇش، تەرتىپلىك ئېنىق بۇلۇش، سائەتلىك دەرىس لاھىيەسىنى بىر ھەپتە بۇرۇن ئالدىن تەييارلاش .
(4) ئوقۇتقۇچىلار مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ، ئۈلۈك ھالدا قوبۇل قىلىۋالماي، پايدىلىنىش ماتىريالى ۋە باشقا ماتىرياللاردىن ئەينەن كۆچۇرۋالماسلىق، دەرس ئۆتكەندە چۇقۇم دەرس لايىھەسى بۇلۇش، دەرس لايىھەسى يوق ھالەتتە دەرسكە كىرىش ئوقۇتۇش قائىدىسىگە خىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا دەرس لايىھەسىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ، بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بىر تەرەپتىن دەرىس لاھىيەسىگە قاراشقا بولمايدۇ، دەرىس لايىھەسىگە قاراپ ئۇقۇپ بىرىشكە بولمايدۇ، دەرىس لايىھەسىگە قارىماي دەىس ئۈتۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
(5)ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم دەرس تەييارلاش ئاساسىدا كوللىكتىپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، بىر تۇتاش تەلەپ قۇيۇپ، كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنى تەشەببۇس قىلىش، كوللىكتىپ تۈزىگەن دەرىس لايىھەسىنى ئىشلەتكەن ئۇقۇتقۇچىلار ئۈزى دەرىس بىرىۋاتقان سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا قارىتا تۇلۇقلاش تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ئىشلەتسە بۇلىدۇ. ئانا تىلدا دەرس ئۈتىدىغان پەن ئۇقۇتقۇچىلىرى ئېلىكتىرونلۇق دەرس لايىھەسى ئىشلەتسە بۇلىدۇ ، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، خەنزۇ تىلى دەرىس ئۇقۇتقۇچىلىرى چۇقۇم قوليازما دەرىس لايىھەسىنى ئىشلىتىشى كېرەك، دەرس لايىھەسىدىكى بارلىق مەزمۇنلار خەنزۇ تىلدا يېزىلىدۇ.
2- دەرس ئۆتۈش
(1)دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئېڭى، سۈپەت ئېڭى ۋە ئۈنۈم ئېڭىنى كۈچەيتىش، دەرىس ئۈتۈشتىن ئاۋال دەرىس ئۆلچىمى ۋە دەرىسلىك ماتىرياللارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن دەرىستىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمىتىنى تۇلۇق ئىشلەش، مۇشۇ دەرىستە ئىشلىتىشكە تىگىشلىك بولغان تەجىربە ئۈسكۈنلىرى، ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى، ئاسما رەسىم، كۆپ ۋاستىلىق ئۇقۇتۇش دېتالى ھەمدە ئىلىكتىرلەشكەن ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىنى تۇلۇق تەييارلىۋېلىش. دەرىس ئىنتىزامى چىڭ بۇلۇش، دەرىسكە كىچىكىپ كىرمەسلىك، دەرىس ۋاقتىدا باشقىلار بىلەن كۈرۈشمەسلىك، تېلفۇن ئۇرماسلىق ۋە قۇبۇل قىلماسلىق، تاماكا چەكمەسلىك، دەرىسكە كىرىش قۇڭغۇرقى چېلىنىشتىن 2 مىنۇت بۇرۇن سىنىپقا كىرىپ بۇلۇش، دەرىسنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈتۈش، قەتئىي كىچىكمەسلىك، دەرىس قۇڭغۇرقى چېلىنغان ھامان دەرىستىن ۋاقتىدا چۈشۈپ، دەرىس ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىشقا بولمايدۇ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس ئارلىغىدىكى ئارمىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(2) ئۇقۇتۇشنى تەشكىللەشنى دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا بىرلەشتۈرۈپ، دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئىنتىزامىنى ساقلاش، بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىشقا قوزغاش. ھەر قايسى پەن ئۇقۇتۇشتا ئەقلاقى-تەربىيە مەزمۇنى سىڭدۈرۈلگەن بۇلۇش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىزقىشىنى قوزغاش ۋە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش مۇددىئاسىنى كۈچەيتىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئاكتىپچانلىغىنى قوزغاش، ھەر بىر ئۇقۇغۇچىغا قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ناچار بولغان ئۈگۈنۈش ئادىتىنى ھەر ۋاقىت تۈزىتىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۈگۈنۈش پەزلىتىنىڭ يىتىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، مەسلىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش.
(3) ئوخشاش بولمىغان ئوقۇتۇش تەلىپى ۋە دەرس تۈرىگە ئاساسەن چۇقۇم دەرسىتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ۋە تەكرارنى قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا دەل ۋاقىتىدا ئادىل باھا بىرىش ، ئوقۇغۇچىلارنى گۇمانى مەسلىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا، مەسلىلەرنى مۇھاكىمە مۇلازە قىلىشقا ماھىر بۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنى كوپرەك  رىغبەتلەندۇرۇش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق ۋە زىتىغا تەگمەسلىك،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىن ئۆگىنىش ،مۇستەقىل ئۈگىنىش،ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، ئەستايىدىل پىكىر يۇرگۈزۈش، دەرسخانا خاتىرسى يېزىش، دەرسخانا تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا ئۇرۇنلاش،دەل ۋاقىتىدا تەكرار قىلىش، توغرا ئوقۇش، يېزىش قاتارلىقلاردا ياخشى ئۆگىنىش ئادەتلىرىنى يىتىلدۇرۇش.
(4)ھازىرقى زامان دەرسخانا ئۇقۇتۇش كوزقارىشىنى تۇرغۇزۇپ « كۆپ ئۆلچەملىك قوزغىتىش،جانلىق شەكىللەندۈرۈش»تەك ئوقۇتۇش پىرىنسىپىنى تۇرغۇزۇپ،ئاكتىپ،پۇختا قدەدم بىلەن دەرسخانا ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ‹ئاغزىدىن قۇيۇش›شەكىلدىكى ئوقۇتۇشنى قاتتىق چەكەلەپ،ئىزدىنىش شەكىلدىكى ۋە قۇبۇل قىلىش شەكىلدىكى ئۈگىنىش شەكىلنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3/2 قىسىم ۋاقتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىش ۋە دەرسخانا تاپشۇرۇقىنى ئىشلىشىگە ئاجىرتىش، يېزا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تاپشۇرۇقنى ئامال بار دەرسىخانىدا تۈگىتىش لازىم.
(5)ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا دەرس لايىھەسى بۇيىچە دەرس ئۈتۈش، «تورلاشتۇرۇلغان سىنىپ»مائارىپ بايلىغى ۋە ئوقۇتۇش ئۈكىنىسى، تەجىربە ئۈسكىنلىرى قاتارلىق ئوقۇتۇشقا ياردەم بىرىش ۋاستىلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش.
(6)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋاقتىنى ئۇقۇتقۇچى دەرىس ئۈتۈشكە ئايلاندۇرۋالماسلىغى كېرەك.
(7)ئوقۇتۇشتا سەمىمىي ، تەبئىي ، تەققى تۇرقى، كىينىشى جايىدا ، تەلەپپۇزى ئۆلچەملىك ، ئۇچۇق ، ئاۋازى جاراڭلىق بۇلۇش.
3- تاپشۇرۇق
(1) تاپشۇرۇق ئۇقۇتۇشنىڭ تەلىۋى، دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈشى، شەكىلى ھەر خىل، تەپەكۇرنىڭ كېڭەيتىدىغان، ئاز ۋە ساز بۇلۇشى، كۆپ ۋە قالايمىقان بۇلۇشتىن ساقلىنىش ھەم ئۈلۈك ھالدا قايتا-قايتا كۈچۈرۈپ يازدىغان تاپشۇرۇق بەرمەسلىگى كېرەك.
(2)دەرسخانا تاپشۇرۇقىنى ۋاقىت چەكلىمىسى، قاتلاملار بۇيىچە دەرسخانىدا تۈگىتىش پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇرۇش ، دەرس ئارلىقىدىكى ئارام ۋاقتىغا قالدۇرماسلىق ، تاپشۇرۇقنىڭ مەزمۇنلۇق ۋە كەڭ دائىر بۇلۇشىغا دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تەلەپنى ئوتتۇرغا قۇيۇش .
(3)دەرستىن سىرىتقى تاپشۇرۇق مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەش ، دەرستىن سىرىتقى تاپشۇرۇق مىقدارى ۋە ئىشلەشكە كىتىدىغان ۋاقىت بەلگىلىمە بۇيىچە قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى ، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ھەر كۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئوزارا كېڭىشىش كېرەك.باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقىدا پىرىنسىپ بۇيىچە دەرستىن سىرىتقى يازمىچە تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ،باشقا يىللىقلارنىڭ ھەر كۈنلۈك تاپشۇرۇق مىقدارى 2- 3-يىللىقتا 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى، 4-يىللىقتا 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى ، 5-6-يىللىقتا بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەرقايسى پەنلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇقىنڭ ئومومى مىقدارى بىر يېرىم سائەت ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىنىشى( يۇقارقى تەلەپلەر ئوتتۇرھال سەۋىيىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كەتكەن ۋاقتى بۇيىچە بەلگىلەندى )،ھەر كۈنى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرمايدىغان ياكى تاپشۇرۇقنى ئاز ئورۇنلاشتۇردىغان ئەھۋاللاردىن قەتئى ساقلىنىش لازىم.
(4)تاپشۇرۇقنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشلىيدىغان ياكى ۋاتىدا ئىشلىمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە، يىتەلچىلىكنى كۈچەيتىشى،ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېسىمى قىلماسلىق، كۈچۈرۇش،يېزىش،ئىشلەش جازاسى بەرمەسلىك،تاپشۇرۇق دەپتىرىنى يىرتىۋەتمەسلىك لازىم.
(5)ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا، ئەستايىدىل تەكشۈرشى، تاپشۇرۇقنى نەق مەيداندا تەكشۇرۇش  بىلەن ئايرىم تەكشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش، تەكشۇرۇشتە قۇيۇلغان بەلگىللىرى ئېنىق ۋە ئۆلچەملىك بۇلۇش ، تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئوقۇتۇشتىكى مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇش،  تاپشۇرۇق تەكشۇرگەندىن كېيىنكى خاتالىقنى تۈزىتىشكە ۋە قايتا تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش،تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ۋە باھا سۆزى بۇلۇش،خاتالىق كېلىپ چىقىشتىكى سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تاپشۇرۇقتا ئومۇمىيۈزلۈك كۆرۈلگەن مەسىللەر بولسا دەل ۋاقتىدا سىنىپتا كوللىكتىپ چۈشەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۇرمەسلىك ياكى باشقىلارغا تەكشۇرگۈزۈش ئەھۋالىنىڭ كۈرۈلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش،3- يىللىق سىنىپتىن يۇقىرى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ھەر قايسى پەندىكى تاپشۇرۇقى ۋە ئىتىھاندىكى خاتا ئىشلىگەن سۇئاللارنى ئارخىپلاشتۇرۇرۇپ قاراتمىلىق ھالدا كونسۇلتاتسىيەنى كۈچەيتىش.
4- دەرستىن سىرىتقى پائالىيەت ۋە كونسۇلتاتسىيە
(1)دەرستىن سىرىتقى پائالىيەت ۋەئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىتقى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتنى يارتىىشى لازىم.  ھەر قايسى مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئاز بولغاندا 3-4 تۈرلۈك دەرستىن سىرىتقى كۇرژىك پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇش (تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل - سەنئەت، ئىلىم-پەن) ھەر قايسى كۇرژىك پائالىيتىنىڭ پائالىيەت پىلانى بۇلۇش، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇش، ھەر بىر كۇرژىك ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىشىقا كاپالەتلىك قىلىش،مەكتەپنىڭ كۇرژىك ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇش خاتىرىسى بۇلۇشى، ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم كۇرژىك پائالىيىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تالانتىنى كورسىتىش باھلاش كۆرگەزمە پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەت جەريانىدا ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلانىڭ ئىلىم – پەنگە بولغان قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش كېرەك.
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا ئۆگۈنۈش ۋە كونسۇلتاتسىيەنى قانات يايدۇرۇش، ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى،سەنئەت ،تەنتەربىيەدا ئالاھىدىلىگى بارلارنى ھەمدە ئۈگىنىشتە قىينچىلىق بارلارنى تەربىيلەش سالمىقىنى كۈچۈيتىپ،كونسۇلتاتسىيە ۋاقتى،ئورنى،مەزمۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت توتكە كاپالەتلىك قىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى،ئالاھىدىلىگىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشىتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم جەھەتتىكى يىتەرسىزلىگىنى تۇلۇقلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئىشىقا ئاشۇرۇش لازىم.
(3)كونسۇلتاتسىيە شەكلىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇش ، كوللىكتىپ كونسۇلتاتسىيە قىلىش، ئايرىم كونسۇلتاتسىيە قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆز – ئارا ياردەم بىرىش، ئۆگىنىش گۇرپپىسى تەشكىللەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش، كونسۇلتاتسىيەنىڭ نىشانى،  پىلانى، تەييارلىقى، خاتىرىسى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
(4)كونسۇلتاتسىيە ئوقۇغۇچىلانىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىگى، نورمال دەرس ئوقۇش ۋە كوللىكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە، گىمناستىكا ۋە باشقا پەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىگەلىۋالماسلىق كېرەك.
(5)مەكتەپلەر دۆلەت بەلگىلگەن دەرس ، يەرلىك دەرس ، مەكتەپ تۈزىگەن دەرسىلىك ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى تەڭشەپ ، دەرسخانا ۋە دەرستىن سىرىتقى بىردەكلىكىنى ۋە مۇكەممەلىكنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
5- ئىنتىھان ۋە ئوقۇغۇچىلارغا باھا بىرش
(1)ئىنتىھان ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى تەكشۇردىغان مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى،  مەكتەپلەر دەرسلىك تەلىپى ۋە ئوقۇتۇش سۈرئىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئىمتىھانغا تەشكىللەش ، ھەر مەۋسۈمدە ئاز دىگەندە «چارەكلىك ئىمتىھان » ۋە «مەۋسۈملۈك ئىمتىھان » غا تەشكىللەش ، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش پىلانى ۋە سۈرئەت پىلانىغا ئاساسەن بۆلەكلەر بويىچە باسقۇچلۇق سىناق ئېلىپ بېرىش . ئىمتىھان خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان  تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، ئىنتىھانىنى راسچىل ئېلىش، ئىنتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقتىدا سۈپەت ئانالىزى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەش، ئىلمى بۆلۈم پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىشى ھەمدە، ئانالىز نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىلمى بۆلۈم ئۇقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەڭشەش ۋە ياخشىلاش كېرەك.
(2)ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنىڭ مەقسىتى تاللاش ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئورۇن بىكىتىش ئەمەس، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇر ۋە ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ تېخىمۇ قىزىقتۇرۇش تېخىمۇ ياخشى ئۈگۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، مەكتەپلەر باھالاش تۈزۈمىنى پائال ئىسلاھ قىلىپ، باھالاشنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردىغان مۇھىم ۋاستىلەرگە ئايلاندۇرۇشى، نۇمۇرنى ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆلچەيدىغان بىردىن-بىر ئۆلچەم قىلۋالماسلىغى، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن باھاسىدا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى بىلىم ۋە ئاساسى ئىقتىدارىغا بېرىلگەن باھا بۇلىشى، يەنە ئۈگىنىش پوزۇتسىيىسى ،ئۈگۈنىش ئادىتى، قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىش،ئۈگىنىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارغا بېرىلگەن باھالارنمۇ بۇلۇش لاھىم.ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىشتە باھالاش جەريانىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى،باھالاش ئىلمى،ئادىل بۇلىشى،ھەر مەۋسۈمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى بىر قېتىم ئومومىيۈزلۈك باھالاش لازىم.
4- باب : تەشكىللەش يولغا قۇيۇش
11- ماددا : ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارسى تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇشتا ئاجىز مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا تەبىلەش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇشنى يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن تەبىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، ھەر مەۋسۈمدە مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىپ يىتەكچىلىك قىلىشى بىر قېتىمدىن كەم بولماسلىقى لازىم.نازارەت قىلىپ تەكشۇرۇش دائىرىسى % 100 بۇلۇش،نۇقتىدا تۇرغان ۋە يىتەكچىلىك قىلغان ئاجىز مەكتەپ تۆتتىن كەم بولماسلىقى لازىم.ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىش تۈزۈمى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرىنىڭ 3+2 ھەپتىلىك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ،  ھەپتىدە ئۈچ كۈن ئالاقىلاشقان مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئاڭلاش، تەتقىق قىلىش، يىتەكچىلك قىلىش، مەكتەپ ئىلىمى بۆلىمى ھەر ئوقۇش يىلى (ئوقۇش مەۋسۇمىدە) ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن شۇ ئوقۇش يىلىنىڭ (مەۋسۈمىنىڭ) ئوقۇتۇرش خىزمەت نىشانىنى ،ۋەزىپىسىنى،ۋە ئاساسلىق تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە تۈزۈپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانلىرىنى شەكىللەندۈرشى،مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش تۈزىمىنى ئورنىتىپ،ھەر ھەپتىدە پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈش،تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى چۇشۇنۇش،  خىزمەت جەريانىدا يۇللۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسلىلەرنى دەل ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.   ئىلمى بۆلۈم ھەر مەۋسۈمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۇرۇش قاتارلىق ئوقۇتۇش ھالقىلىلىرىنى تەكشۇرۇشى تۆت قېتىمدىن ئاز بولماسلىقى،پەنلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۇرۇش ئىككى قېتىمدىن ئاز بولماسلىقى، ھەر قېتىملىق تەكشۇرۇشنىڭ خاتىرىسى ۋە پىكىر قايتۇرغان بۇلۇش، پەنلەر ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تەتقىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس لايىھەسى ، تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ،ئوخشاش پەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ھەر مەۋسۈمدە ئاز بولغاندا بىر قېتىم ئاڭلاش لازىم.
5- باب : باھالاش
12-ماددا : مائارىپ ئىدارىسى ھەر ئوقۇش يىلىدا ئىككى قېتىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش قائىدە تۈزۈملىىرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارتا يىتەكچىلىك نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەر مەۋسۈمدە تەكشۇرگەن ئەھۋاللارنى ناھيە بۇيىچە ئومومى ئۇختۇرۇش قىلىپ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يېزا، بازار مەيدان (مەكتەپ)لەرنىڭ يىللىق باھالىشىغا چىېتپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ،مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ،باھالاش نەتىجىسىنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ، ئۈنۈم ئىش ھەققى بىلەن چېتىشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش،مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى (مەكتەپ)ھەر ئايدا بىر قېتىم تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۇرۇش، تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى نەتىنجىسىنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ ئۈنۈم ئىش ھەققىگە چېتىشتۇرۇش.
6- باب . مۇكاپات ۋە جازا
15- ماددا : ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش چارىسىنىڭ تەلىۋىدە بەلگىلەنگەن دائىملىق خىزمەتنى ئورۇنداشتىن باشقا دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىدە توۋەندىكىدەك كۈرۈنەرلىك توھپە قوشقان مەكتەپ ياكى ئوقۇتقۇچىلار تەقدىرلىنىدۇ.
(1)ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقۇرى كۈتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ئورۇنلار تەرپىدىن‹ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىدە ئۈلگىلىك مەكتەپ› بۇلۇپ باھالانغان بولسا.
(2)ئوقۇتۇش لايىھەسى، ئوقۇتۇش ئىلمى ماقالىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مائارىپ تارماقلىرى ( ناھىيە دەرىجىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ ) ، ئوقۇتۇش تەتقىقات تارماقلىرى، مائارىپ ئىلمى جەمىيىتى تەرىپىدىن تاللىنىپ مۇكاپاتلانغان بولسا.
(3)ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتۇچى، پەن باشلامچىسى،تايانچ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتۇش ماھىرى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشتا مۇنەۋۋەر شەخىس دىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولسا.
(4)ناھىيە دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك، دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان بولسا.
(5)ناھىيە دەرىجىلىك پەن سۈپىتىنى تەكشۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئارىلاپ سىناش، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىمتىھان،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىنجىسى كۆرىنەرلىك بولغان، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق پەنلەردە يېتەكلىگەن ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل مۇسابىقە پائالىيەتلىرىردە ئەلا نەتىنجىگە ئېرىشكەن بولسا.
(6)تېما تەتقىقاتىدا گۇۋاھنامە ئالغانلار ، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات نەتىنجىسى كېڭەيتىپ ئىشلىتىلگەنلەر.
16-ماددا :بۇ        چارىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرنى سادىر قىلغان مەكتەپ ياكى شەخىسنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك چارە كۆرىلدۇ.
(1)ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلپ، مەكتەپنى ياخشى باشقۇرمىغانلار، ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى ۋە تەجىرىبە ئۈسكىنلىرىنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانلار،مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بوسا، مەكتەپ مۇدىرلىرىغا تەنقىدى- تەربىيە بىرىلىپ، مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىندۇ، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزتىشكە بۇيرىلىدۇ، يەنىلا ئۆزگەرتمىگەن، تۈزەتمىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2)مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئىلمى مۇدىرلار ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىسا، دەرس ئاڭلاشقا قاتناشمىسا، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ئېغىر ئىلمى خاتالىق كۆرۈلسە، تەييارلاقسىز دەرس ئۆتسە، دەرس ئۆتۈش ئۈنىمى تۆۋەن بولسا(%20 ئوقۇغۇچى ئوقۇتۇش نىشانىغا يەتمىگەن بولسا) تاپشۇرۇق بەرمەسە، تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۇرمىسە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنلىرىدىن تەلەپ بۇيىچە  ئىشلەتمەسلىك ئەھۋاللىرى بىر قېتىم بايقالسا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ 2 ئايلىق مۇكاپات ئۈنۈم ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ ، يىل ئاخىردا «مۇنەۋۋەر» باھالانمايدۇ، تەربىيە بەرسىمۇ يەنىلا ئۆزگەرتمىگەنلەرنىڭ خىزمەت ئورنى ئالماشتۇرۇلدۇ.
(3)مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى قەرەللىك قانات يايدۇرۇلمىغان، شەكلى كونا ، ئەمەلىي ئۈنۈمى بولمىغان بولسا مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانا مەسئۇلىنىڭ ئۈچ ئايلىق مۇكاپات ئۈنۈم ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
7-باب  قۇشۇمچە پىرىنسىپ
17-ماددا : ھەر قايسى يېزا، بازار (مەيدان) مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى ۋە مەكتەپلەر « باي ناھىيە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش چارىسى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ھەمدە مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تەپسىلى چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
18-ماددا: مەزكۇر چارىنى مائارىپ ئىدارسى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.
19-ماددا: بۇ باشقۇرۇش چارىسى ناھىيىمىزىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كىلدۇ ۋە باشقا ھەر خىل مەكتەپلەر بۇ باشقۇرۇش چارىسىدىن پايدىلانسا بۇلىدۇ.
20-ماددا: بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىندۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-15 14:51:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چارەخئېلى ياخشى يېزىلىپتۇ .پايدىلىنىش قىممىتى باركەن رەخمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش