كۆرۈش: 227|ئىنكاس: 5

ئەسلىمە ۋەھەسرەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەركىزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 00:10  


ئۆمۇرنى ئاتقان ئوق ،دەركەن دانىشمەن ،
ئېلاج يوق زادىلا يانماس كەينىگە.
سەبىيتۇق بايىلا ، بۇگۇن مۇيسىپىت،
كېلىدۇبۇ قىسمەت ساڭا، ھەممىگە.


ئۆتتىغۇ بالىلىق، ياشلىق چېغىمىز،
.شۇ مەكتەپ  قوينىدا ،ئىللىق ياتاقتا .
ۋەلېكىن كەچمىشلەرگويا بىر تارىخ،
ئەسلىسەم تولار ياش كۆزۈم، چاناققا.


سىنىپتا ئولتۇرار سەبىي قىز-ئوغۇل،
ھىلى ئۇ ۋاقىراپ، ھىلى بۇ كۈلۈپ.
مۇئەللىم كەلگەندە ئىشىك تۈۋىگە،
جىمىيتى بىردەمدە ئورنىدىن تۇرۇپ.


مۇئەللىم دەرستە سۇئال سورىسا،
جاۋاپ يوق باش ئېگىپ تۇراتتۇق دائىم.
تەنەپپۈس بولسىلا سېرتقا يۈگۈرۈپ،
باشقىدىن قىلچىمۇ يىمەيتۇق ۋايىم.


بالىلىق، تەنتەكلىك، سەبىي دىلىمىز،
يانارمۇ كەينىگە تىلەي يۈكۈنۈپ.
غوبارسىز شۇ دەملەر كەلسە ئېسىمگە،
كېتىدۇ ھەسرەتتىن قەلبىم ئۆرتۇنۇپ....


تېزىقى ئۈزۈلگەن دەستە مارجاندەك،
چېچىلدۇق جەميەت ھەم تۇرمۇش قوينىغا.
نەدە ئۇ كەپسىزلىك، نەدە ئۇ شوخلۇق،
باغلاندۇق بىر-بىردىن سىرلىق شوينىغا.


ئايرىلىپ  قۇش كەبى تەنھا ئۇچقاندا،
ساۋاقداش قەدىرى شۇ چاغ ئۆتەركەن.
رەنجىتىپ ئۇستازنى  قىلغان شوخلۇققا،
بىر ئۆمۇر ئىسىت دەپ ھەسرەت چېكەركەن.


ۋەلېكىن ئەسلىسەم ساۋاقداشلىرىمنى،
زوقلۇنۇپ ئۇلاردىن يايراپ كېتىمەن.
ھەر ساھە، كەسىپتە قۇچتى زەپەرلەر،
شۇڭا بۇلبۇلدەك سايراپ كېتىمەن.


مانا شۇ قىز- ئوغۇل قالدۇق ياشىنىپ،
قەددىمىز پۇكۇلدى ئۇستازغا ئوخشاش.
شۇندىمۇ   روھىمىز  تۇرۇدۇ  ئۇرغۇپ،
قەلبىدە زور ئىستەك ئارزۇلار بولغاچ.


ئويلىساق  ئۆتۇپتۇ يىللار قوغلۇشۇپ،
بەرگىنى بىزلەرگە ساقال ۋە قوروق.
پۇشايمان قىلمايمىز ئۆتكەن ئۆمۆرگە،
يۈرت، خەلقىم ئالدىدا يۇزۇمىز يورۇق.


مەنبە:قەلەم

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +6تىللا +6تۆھپە +6شۆھرەت +6يىغىشسەۋەبى
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!
لېرىكا + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-15 21:55:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز.شېئېرىڭىزنى ئوقۇپ گۈزەل، غۇبارسىز بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ دىلىم شاتلاندى.
ۋاقتى: 2014-3-15 23:26:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ ، بۇندىن 40 يىل ئىلگىرىكى سەبى چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم .
ۋاقتى: 2014-3-16 03:14:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاي مۇئەللىم ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، يۇقارقى شېئىرىڭىزمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئارزۇ-ئىستەك، ئەسلىمە، ھەسرەت، خۇشاللىق ۋە قايغۇ بولمىغان تۇرمۇش زادى قانداق بۇلا؟ مۇشۇلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا ، ئىنسانىيەت شەكىللىنىپ كىلىۋاتىدۇ...
ۋاقتى: 2014-3-16 14:50:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىلھامىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن ئۇستاز. رەخمەت سېزگە ،تېخمۇ نادېر ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسېز.
ۋاقتى: 2014-3-16 17:27:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز قارىغاي ئەپەندىم ؟
شېئىرىڭىز ئىختىيارسى بالىلىقنى ئەسلىتىپ قويىدىكەن ، رەھمەت  ، ياخشى يېزىلغان شېئىرىلىرىڭىزدىن زوق ئالدۇق
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش