كەل نىگارىم چىرايلىق پوندەك
قويغانىمىش كۈنمۇ بىرچاغدا، ئايغا يىلىنپ سۆيگۈ تەكلىۋى. ئەمما نازلاپ ئۇنىماپتۇ ئاي، تۇرسىمۇ شۇنداق كۈنگە كۆڭلى.
يەنە بىر رەت بېرىپ ئالدىغا ، سۆيگۈ ئىزھار قىپتۇ ئاينىڭ. ئەمما ئۇچراپ قارىشلىقىغا، كۆڭلى يېرىم بوپتۇ كۈننىڭ.
<< كۆڭلى يۇق ئىكەن>>دەپ كۈن، قايتا سۆيگۈ قىلماپتۇ ئىزھار. شۇڭا مەڭگۈ ئۇلار ئىككىسى، مەجبۇر بوپتۇ ياشاشقا تەنھا.
ئەمما كۈنمۇ ئاينىڭ ئىشقىدا ، كۈيەر ئىكەن كۈندە ئەشۇندا. كۈن دەردىدە ۋەيران بوپ ئايمۇ، پاك يۈزىگە چۈشۈپتۇ داغلار.
ساڭا ئېيتاي گۈزەل جانانىم، بوپ قالمايلى ئۇلار مىسالى. پاك يۈرەككە سېلىپ بىز داغلار، ئۆتمەيلى بىز مەڭگۈ خىيالى.
نازقىلىپ يۈرمە سەنمۇ ئايدەك، دىلىم رەنجىپ قالمىسۇن كۈندەك. كۆڭلۈمدە سەن بار، كۆڭلىڭدە مەن، كەل نىگارىم چىرايلىق پوندەك .
كەل نىگارىم چىرايلىق پوندەك.doc
دوستۇم :‹‹ۋاپادار››نىڭ ئەسىرى. |