دائىملىق تەربىيەدە ئوقۇۋاتقانلاردستلارغا سوۋغا
بولۇپ قالغاچ بىلىمى ‹‹كالتە ››ئۇستاز بىز، ئانچە-مۇنچە بىلىم يېڭلاپ تۇرىمىز. تۇلا كەلگەچ چارەك ئايلىق ئوقۇشلار، دەرھال بېرىپ تىزىملىتىپ ياتىمىز.
ئۆتمەستىنلا ئانچە ئۇزاق سائەتلەر، تەقسىم بولۇپ بىر سىنىپقا كىرىمىز. كۆپ بولسا گەر تۇنۇشلاردىن نا تۇنۇش، مۇساپىردەك بويۇن قىسىپ قالىمىز.
ئۆتسە بىر كۈن شۇ زاماتلا كۆنىمىز، يۇرتىمىزدا يۈرگەندەكلا ئۆتىمىز. قانۇن بىلىپ شۇ مەكتەپنىڭ تۈزۈمىنى، يۇقاپ كەتمەي دەرسخانىدا بولىمىز.
نەچچە سىنىپ ئالمىشىپ بىز بىر كۈندە، تۇلا مېڭىپ ھالىمىزدىن كىتىمىز. گەر ئاڭلىساق ناتىق ئۇستاز دەرسىنى، قانات قېقىپ ئەرىشلەردە ئۇچىمىز.
ئۆتكەچكىمۇ بىر رېتىمدا كۈنىمىز، ھىس قىلىمىز زىرىكىشلىك بەزىمىز. كار قىلماستىن ‹‹قانۇن››لارمۇ ەاھىدا. بەش كۈن توشماي دەرسخانىدىن قاچىمىز.
بىلىپ قالسا رەھبەرلەرمۇ بۇ ئىشنى، چىڭىپ كىتەر بۇرۇنقىدىن تۈزىمىمىز. تۈزەلمىسەك بەڭباشلىرىمىز يەنىلا، توڭباۋ بولار ‹‹قارا››دوسكىدا ئىسمىمىز.
قىزارغانچە يېڭى كىلىندەك يۈزىمىز، بۇئىللەتنى شۇ كۈنىلا تۈزىمىز. كۈرۈنگەچكە كۈزىمىزگە ئىمتىھان، سۆزلىگەننى خاتىرە قىلىپ يازىمىز.
‹‹بەرمىگى بار ئالغىنىنىڭ بىر كۈنى›› -دىگىنىدەك ئەمدى ئىمتىھان بىرىمىز. ئەزرائىلدەك تۇرسا سۈرلۈك ئىمتىھان، ئاھ! ئەمدى قانداق جاۋاپ يازىمىز ؟!
‹‹دوغىلار››دەك تۇرسا ياندا كومسىيە، ئۇچسا چىۋىن بىلىنگۈدەك تىنىمىز. ‹‹يازمامسىلەر››دەپ قويسىلا خۇش كۈلۈپ، غوۋغا قىلىپ ھەرياقلارغا چاپىمىز.
‹‹قانۇن ››تۇرسا كومسىيەمۇ نە ئىلاج، ‹‹خەپ شۈك!››دىسە جايىمىزغا بارىمىز. ‹‹ھىساپ›› بەرمەك تەس بولغاچقا ئەشۇنداق، ئىزا بىلەن پىشانىگە ئۇرىمىز.
ئۆتە –ئۆتمەي يەنە ۋاقىت بەش مىنۇت، شەرەت بىلەن كۇس-كۇس پاراڭ قىلىز. كۈزى چۈشسە كومسىيەنىڭ شۇ ھامان، بەزگەكلەردەك غال-غال تىتىرەر قۇلىمىز.
قېلىنلىقنى قالقان قىلىپ ئاخىرى، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىمتىھاننى بىرىمىز. كۈڭۈل توختاپ چىقسا ئەگەر سىنىپتىن، ھېچكىشىگە خوش دىمەستىن قاچىمىز.
ئوقۇدۇق بىر سىنىپتا ئوتتۇز نەچچىمىز، تۇنۇشۇپ ھەم تۇنۇشماي ئۆتتى كۈنىمىز. خوش ياقماس دەرس ۋە ياتاقتا يېتىش، كۈرۈنۈپ كۆزلەرگە ئىللىق ئۆيىمىز.....
ئۆتتى كۈنىمىز شۇتەرتىپ بىلەن، كىرپىكنى قاققۇچە تۈگىدى ئوقۇشمۇ. گەر كەلسە خىيالغا چېكى يوق خىزمەت، خۇشالمۇ قىلالماس ھەتتا كىتىشمۇ.
يوق ئىمكان كەتمەسكە تۈگىگەچكە ئوقۇش، شۇڭلاشقا كىتىمىز بىز، ھەممىگە خەيىر-خوش. ۋاي توۋا! تۇساتتىن تونۇشۇپ ئايرىلدۇق، ھە! بۇ ئەسلى ئەشۇنداق رەھىمسىز تۇرمۇش.
ئاپتۇرى: ھاراپ يىزا زەمبىلتاياق مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى :رۇستەم ئابدۇرىشىت
شىئېر.doc |