كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 6

مەجبۇردۇرمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-17 19:09  




مەجبۇردۇرمەن
‹1›
سەن بولمىغىن ئاۋارە ئادىللىقنى ياقىلاپ،
مەندەك ‹‹ئېسىل››باشلىقنىڭ ئارقىسىدىن غودىراپ.
قوللۇغۇچۇم بار مېنىڭ ئوزۇن قولاق پېتىردەك،
كۈچەپ كەتمە بەرىبىر،يېتىپ قالىسەن ھالسىراپ.
‹2›
ھوقۇق دېگەن شەمشەر ئۇ،بىلىۋالغىن ئەي نادان،
بىلەكلىكتۇر بىسلىرى يالتىرايدۇ ھەر قاچان.
شۇڭا ماڭا كۆنمىسەڭ،مەن دىگەنگە ئۇنىمىساڭ،
كېسىۋىرىمەن ئوڭ تەتۈر ھالىڭ بولۇر بەك يامان.
‹3›
ئۇنىڭسىزمۇ بار مېنىڭ ھىماتچامدىن تۆت بەشى،
مېنى شەكسىز قوللىغاچ ‹‹قايناپ››چىققان دۈمبىسى.
‹‹قارا››دىسەم ئەگەر مەن يېڭى ساققان سۈتنىمۇ،
ئىككىلەنمەي ‹‹راست!››دەيدۇ كۆنۈپ كەتكەچ ھەممىسى.
‹4›
بىكار ئەمەس قوللىشى،چالسام‹‹ساز››نى توۋلىشى،
‹‹كىسىپ››بەرگەچ مەن دائىم ئاچ ئەمەستۇر قورسىقى.
مۇشۇ ئىشتىن ئاياندۇر ھەممە ئىشنى بىلىۋال ،
مۇناسىپتۇر ئۇلارغا ئىلغارلىقنىڭ قالپىقى.
‹5›
ھەددىڭ ئەمەس ھەرگىزمۇ بۇيرىغاننى قىلماسقا ،
مەن دىگەننى قىلماستىن بويۇن تولغاپ قېيداشقا.
ئەقلىڭ بولسا كەل تېز بول كەلسە –كەلمەس تىللىماي،
ئاۋاز قوشۇپ ئۇلارغا ‹‹نادان››لارنى باپلاشقا.
‹6›
ئەقلىڭ يوقكەن ئەسلىدە بۇ ئىشلارنى بىلمىدىڭ،
يېتەلمەستىن تېگىگە توختىماستىن تىللىدىڭ.
‹‹پاڭقۇش،دىۋەڭ،دۆت››لەرنى ئويغۇتۇپ سەن ئۈزىچە،
قارشى تۇرۇپ بىزلەرگە ئادىللىققا چىللىدىڭ.

‹7›
‹‹باۋگۇڭ››مىدىڭ سەن زادى ياكى رەئىس شىجىنپىڭ؟!
بىلىپ يۈرمەي ئۆزۈڭنى ناھەق قىلساق تىللىدىڭ.
توختات ئەمدى تىلىڭنى،قورساق كۆپتى بولدى بەس!!!
راستنى دىمەي بولمىدى يۈز خاتىرە قىلمىدىڭ.
‹8›
باقى ئەمەس ھوقۇقۇم كېتەر ئاخىر مەندىنمۇ،
يېزىم بولۇر جۇت-سوغۇق ئۆتۈپ كېتەر قىشتىنمۇ.
بولىدىكەن ئادەملەر كەينى تىكەن ئالدى گۈل،
مەھرۇم قالساڭ ھوقۇقتىن ئىشىپ كېتەر ئىتتىنمۇ.
‹9›
تونۇپ يەتكەچ بۇلارنى خىزمەت قىلدىم ئەشۇنداق،
ئىلغارقىلىپ سايلىدىم تۇرسا كىملەر يېقىنراق.
ئەملىيەت بۇ كۆردۈڭغۇ بەزىلەر بار ھەممە يىل،
ئەمما سەندەك ‹‹ناچار››لار باھالاشتىن بەك يېراق.
‹10›
پەرۋايىم يوق سەن بىلەن قاينىساڭمۇ بوغۇلۇپ،
مەن يۈرۈيمەن مۇشۇنداق ‹‹ۋاي!››دىگەننى ئۇچۇرۇپ.
‹‹قىلاي دىسەڭ قىلىسەن،مەنمۇ تەييار ھەممىگە....››
ــــ دىسە قانداق يۈرۈيمەن قۇلۇغۇمنى يۇپۇرۇپ.
‹11›
ئايان ماڭا ھەممىسى مەنپەت دىسە جان دەيدۇ،
ھەتتا تاپقان دادىسىنى تۇنۇمايدۇ،قارىلايدۇ.
دىسەم، مەنمۇ تۇيۇغلۇق قۇرۇق قالسا مەنپەتتىن،
نومۇس قىلماي ئەۋرەتنى يۈزىگىلا چاپلايدۇ.
‹12›
شۇڭا مەندە ئامال يوق ‹‹ھاجەت›› راۋا قىلماسقا،
قولدا ھوقۇق تۇرۇپمۇ ‹‹يېقىن››لارنى ياتلاشقا.
‹‹ئىڭىش››دىسەم ئېگىلىپ تۇرسا ياندا تۆت پۇتلاپ،
مەجبۇردۇرمەن ئۇلارنى ئىلغار قىلىپ سايلاشقا.

يازغۇچى :يېڭىشەھەرناھىيە ھاراپ يېزا زەمبىلتاياق مەكتەپتىن             ئابدىرېھىم ئەھەت






baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-17 19:12:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ . رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-6-17 20:30:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، يېڭى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن…
ۋاقتى: 2014-6-18 00:14:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەريات ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز بۇ ئۈزىڭىزنىڭ ئىجادىيتىمۇ قانداق ؟ ياخشى يېزىلغان شىئېركەن بۇ رەخمەت سىزگە ئىسىل يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي
ۋاقتى: 2014-6-18 12:59:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، ھەقىقەتەن ياخشى سۈرەتلەپسىز، ھازىرقى ھەق-ناھەقنى ئوڭ- تەتۇر قىلىۋاتقان باشىقلىرىمىزنى.
ۋاقتى: 2014-6-18 18:58:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دېگەن پەيزى يىزىلغان ئىلھامىڭىز مەڭگۈ چىچەكلەپ،مىۋە بەرگەي.
ۋاقتى: 2014-6-20 01:21:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىركەن .....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش