| قاتناش ھادىسىدىكى تۆلەم
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 《جىسمانى زىيان تولىمى دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشتىكى بىر قانچە مەسلە 》 توغرىسىدىكى ئىزاھاتىدا:
زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى جىسمانى زىيانغا ئۇچىرىغانلىقتىن دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئۈچۈن چىقىم قىلغان تۈرلۈك خىراجەتلەر،شۇنىڭدەك ئىشىغا دەخلى يىتىپ ،ئازلاپ كەتكەن كىرىمى ، جۈملىدىن داۋالىنىش خىراجىتى، ئىشتىن قىلىش پۇلى،قاراش ھەققى ،قاتناش ھەققى ،ياتاق پۇلى ،كىسەلخانا تاماق ياردەم پۇلى ۋە ئوزۇقلىنىش ھەققىنى تولەم مەسۇلىيتى بار كىشى تۆلىشى كىرەك .
زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى يارلىنىش تۇپەيلىدىن مىيىپ بولۇپ قالغان بولسا ،ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىھتىياجىغا قوشۇلغان چىقىم قىلىشقا تىگىشلىك خىراجەت،شۇنىڭدەك ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن قىلىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان كىرىم زىيىنى ،جۈملىدىن مىيىپلىق تۆلەم پۇلى ،مىيىپلار سايمىنى خىراجىتى ،بىقۇلغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇلى،شۇنىڭدەك سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش يۈزىسىدىكى پەرۋىش ،داۋاملىق داۋالاش يۇزىسىدىن ئەمەلىي يۇز بەرگەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ھەققى،قاراش ھەققى ،كىيىنكى داۋاملاشما داۋالاش ھەققىنىمۇ تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار كىشى تۆلىشى كىرەك .دەپ بەلگىلەنگەن .ناۋادا قاتناش ھادىسى يۇز بىرىپ ،يولۇچىلارنىڭ يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلگەندە ،يارلانغۇچىنى دەرھال قۇتقازغاندىن سىرىت ،ئەگەر جىسمانى زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىش ۋە ئۆز ئارا كىلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئاۋال ،يۇقىرقىلارنى ئەستايدىل ئويلۇنۇپ ،ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم.
|
|