كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 1

داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


داۋالىنىش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنى بىلەمسىز؟
ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرىدا 26 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بالا ئۆزىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىنى سوراپ كەپتۇ. مەن سېستىمىدىن تەكشۈرۈپ بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولۇش ۋاقىت چېكىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى شۇڭا بەھرىمان بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم ھەمدە باشقا ئەھۋاللارنىمۇ بىلىپ بېقىش نىيىتىد بەزى سۇئاللارنى سورىدىم. تۆۋەندىكىسى مەن سورىغان سۇئاللار ۋە ئۇ بالىنىڭ جاۋاپلىرى.
--- نىمە ئۈچۈن خىىزمىتىڭىزدىن ئىستىپا بەردىڭىز؟
--- ئاغرىپ قالغان ئىدىم. شۇڭا خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپلا ئۈرۈمچىگە كېسەل داۋالاتقىلى باردىم.
--- ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالىدىڭىزمۇ؟
--- ياق. بەھرىمان بولالمىدىم. داۋالىنىپ بولۇپ ھىساۋات قىلىدىغان چاغدا دوختۇرخانا تەرەپ كارتىڭىز توختاپ قاپتۇ، ئات چوت قىلغىلى بولمايدىكەن دىدى. شۇڭا نەق پۇل تۆلىدۇق.
--- كېسىلىڭىزنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەش توغۇرلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىسپات(转院整) ئالغانمۇ؟
--- ئالغان.
--- ئۈرۈمچدە دوختۇرخانىغا جەمى قانچە پۇل تۆلىدىڭلار؟
--- 20 مىڭ يۈەن.
--- باشقا سۇغۇرتىلارغىمۇ قاتناشقانمۇ؟
--- يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شۇنىڭدىن 3000 يۈەن ئات چوت قىلىپ بەردى.
--- 20 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىپ ئاران 3000 مىڭ ئات چوت قىلدۇردىڭىزمۇ؟! كارتىڭىز توختاپ قالمىغان بولسا داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ 93% تى ئات چوت قىلىناتتى ئەمەسمۇ؟! – ئەسلىدە سىز داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى ياكى سىز ھاۋالە قىلغان بىرەرسى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرىۋەتكەن بولسا كارتىڭىز توختاپ قالمايتتى. نىمىشقا ئۆيىڭىزىدكىلەردىن بىرەرسى كېلىپ قانداق قىلىش توغۇرلۇق بىزدىن مەسلىھەت سورىمىدى؟
--- ئۆيدىكىلەر دېھقان بولغاچقا بۇنداق قىلىشنىمۇ بىلمەپتۇ. دادام بوپتۇ ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى تۆلەۋېرەيلى دىدى.
مەن بۇندىن كېيىن قانداق قىلغاندا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇ بالا كېتىپ قالدى. لېكىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ بالىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى 3 يىلدىن ئارتۇق تاپشۇرۇپمۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمىغانلىقى خىيالىمدىم كەتمىدى. يەنە قانچىلىغان دېھقان پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆزىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنى چۈشەنمەي يۈرىدىغاندۇ؟ يەنە قانچىلىكى داۋالىنىشقا پۇل تاپالماي كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقاندۇ؟ 20 مىڭ يۈەن بىر دېھقان ئۈچۈن ئاز پۇلمۇ؟ بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا مۇشۇنداق بىر تېمىنى تەييارلاشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم ھەم تەييارلىدىم.

ئۇنداقتا بۇ بالىنىڭ بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالماسلىقىدىكى سەۋەپ نەدە؟
سەۋەپ دەل مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىياسەتلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىدە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سورىمىغانلىقىدا ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئوقۇمىغانلىقىدا. ئەگەر بۇلا شىركەتتىن ئىستىپا بەرگەن ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ بۇ سۇغۇرتىنى ئۆزى ياكى ئاتا ئانىسى ياكى مۇشۇ بالا بالا ھاۋالە قىلغان بىرەرسى بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ نوپۇسى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىغا بېرىپ تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنى ئايمۇ ئايمۇ تۆلەپ ماڭغان بولسا ياكى دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن قېلىپ قالغان پۇلنى تولۇقلاپ تۆلىۋەتكەن بولسا بۇ سۇغۇرتىدىن تامامەن بەھرىمان بولالايتتى. بۇ دىگەنلىك بۇ پۇلنى تۆلەشنى بىر ئايمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئىشسىز قالغاندا، ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىگەندە تۆلىمىسىڭىز بولىدۇ لېكىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بالىغا ئوخشاش ئەسلىدە ئايمۇ ئاي تۆلەپ كېلىۋېتىپ دەل دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان چاغدا توختىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر بۇ بالا خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ھىچ بولمىغاندا دوختۇرخانىدىن چىققانغا قەدەر سۇغۇرتا پۇلىنى ئۆزى تۆلەپ ماڭغان بولسا بۇ سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولالايتتى.

ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ تەلىپى نىمە؟
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ تەلىپى سۇغۇرتا پۇلىنى شۇ ئايدا تۆلەپ كېيىنكى ئايدا بەھرىمەن بولۇش. مەسىلەن سىز مۇشۇ ئايدا پۇل تاپشۇرغان بولسىڭىز پەقەت كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچىلا تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايسىز يەنى كېيىنكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز داۋالىنىش كارتىڭىز ئىشلەيدۇ. ئەگەر شۇ ئايدا تاپشۇرۇپ كېيىنكى ئايدا داۋاملىق تاپشۇرماي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسىڭىز كارتىڭىز توختاپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز قېپقالغان ئايدىكى پۇلنى تولۇقلاپ تۆلەپ كارتىڭىز ئېچىلغاندىن كېيىنلا تەمىناتتىن بەھرىمان بولالايسىز.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى ئەگەر سىز بىرەر ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى بولسىڭىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا شۇ ئايدا قاتنىشىپ تەمىناتتىن كېيىنكى ئايدا بەھرىمان بولالايسىز، ئەگەر ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىز تولۇق بىر يىل تاپشۇرغاندىن كېيىن 2- يىلىدىن باشلاپ بەھرىمان بولالايسىز.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ھەر ئايدا قانچىلىك پۇل تاپشۇرىمەن؟
ئەگەر بۇ پۇلنى سىز ئۆزىڭىز تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ قارار چىقارسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئاساسى سان شۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائى ئوتتۇرىچە مائاشتىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەسىلەن بۇ يىللىق ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئىجتىمائى ئوتتۇرىچە مائاش 2466 يۈەن. يەنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى مۇشۇ پۇلنىڭ 8% تى بويىچە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ پۇلنىڭ 8 پىرسەنتى 197.28 يۈەن. ئۇندىن باشقا چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ئۇچۈن ھەر ئايدا 9 يۈەن تۆلەيسىز. بۇ ئىككى تۈرلۈك پۇلنى قوشقاندا ھەر ئايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تۆلەيدىغان پۇل 206.28 يۈەن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش بولغاچقا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بۇ پۇل بىلەن قوشۇپ تۆلەيسىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ تۆۋەن چېكى 1480 يۈەننىڭ 20% تى. يەنى ،1480×20%=296.0. مۇشۇ بويىچە ھىساپلىساق ھەر ئايدا تۆلەيدىغان پۇل 206.28+296.0=502.28 يۈەن بولىدۇ. بۇ مۇشۇ سۇغۇرتىلارنى سېتىۋالىدىغانلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە بۇنىڭدىن يۇقۇرى ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەگەر مەن بىر شىركەت خىزمەتچىسى بولسام شىركەت مېنى قايسى تۈردىكى سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرىدۇ؟
ئەگەر سىز بىر شىركەتنىڭ توختاملىق خىزمەتچىسى بولسىڭىز شىركەت سىزنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق بەش خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرىدۇ. ( بۇ بەش خىل سۇغۇرتا مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بولۇپ ھىچقانداق تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. شىركەت تەرەپ ماۋۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرىمەن ياكى ماۋۇ سۇغۇرتىنى تاپشۇرمايمەن دەپ تاللىيالمايدۇ. ھەممىسىنى چوقۇم تاپشۇرىشى كېرەك. ) بۇ سۇغۇرتىلار ئۈچۈن سىز ئىشلەۋەتقان ئورۇن سىزنىڭ مۇئاشىڭىزنى ئىجتىمائى كاپالەت ئورۇنلىرىغا نەچچە پۇل دەپ مەلۇم قىلغان بولسا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن شۇ پۇلنىڭ 28% تى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 8% تى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 2% تى، توغۇت سۇغۇرتىسى ئۈچۈن 1% تى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 0.5% تى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. (يۇقۇرقى پۇللاردىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 28% نىڭ 8% تى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 8% نىڭ 2% تى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان 2%نىڭ 1% تى ھەر ئايدا قولىڭىزغا تارقىتىدىغان ماشىڭىزدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. قالغان كۆپ قىسمىنى سىز ئىشلىگەن ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. توغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان پۇلنىمۇ پۈتۈنلەي سىز ئىشلىگەن ئورۇن ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتۇلمايدۇ.)

ئەگەر سىز ۋاقىتلىق خىزمەتچى بولسىڭىز سىز ئىشلەۋەتقان ئورۇن سىزنى پەقەت ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغىلا قاتناشتۇرىدۇ.

ئەگەر ئىجتىمائى سۇغۇرتىغا ئۆزەم قاتناشسام قايسى سۇغۇرتىلارغا قاتنىشالايمەن؟
ئەگەر ئۆزىڭىز قاتناشسىڭىز ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشالايسىز. بۇ سۇغۇرتىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىڭىز تاپشۇرۇپ ماڭسىڭىز بولىدۇ ياكى ئەسلىدە خىزمىتىڭىز بار بولۇپ ئىستىپا بەرگەندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئىككى خىل سۇغۇرتىنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ئەسلىدە تۆلەپ كېلىۋاتقان سۇغۇرتا پۇللىرىنى تاپشۇرمىساممۇ بولامدۇ؟
تامامەن بولىدۇ. بىر ئىككى يىل تۆلەپ ئارلىقتا بەش يىل ھەتتا ئون توختىتىپ قويىدىغانلارمۇ بار. لېكىن سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا ئەڭ ياخشىسى داۋاملىق تاپشۇرغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى سىز سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىمىسىڭىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالمايسىز يەنى كارتىڭىز توختاپ قالىدۇ.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە قانچە يىل تاپشۇرسام پېنسىيە يېشىغا توشقاندىن كېيىن سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولالايمەن؟
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئەڭ ئاز دىگەندە 15 يىل تولۇق تاپشۇرسىڭىز پېنسىيەگە چىققاندا سۇغۇرتا پۇلى ئالالايسىز. بۇ ھەرگىز 15 يىل ئۈزمەي تاپشۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس ۋە ياكى 15 يىل تۆلەپلا توختىتىپ قويۇڭ دىگەنلىكمۇ ئەمەس. بۇ ۋاقىت يىغىپ ھىساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تاپشۇرغان ۋاقتىڭىز قانچە ئۇزۇن، تاپشۇرغان پۇلىڭىز قانچە كۆپ بولسا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان سۇغۇرتا پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىدە

قانداق ئەھۋالدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايمەن؟
ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى سۇغۇرتا پۇلىنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر يىل تاپشۇرۇش. ئەگەر بۇ پۇلنى بىر يىل تاپشۇرسىڭىز 3 ئاي ، 2 يىل تاپشۇرسىڭىز 6 ئاي ، 3 يىل تاپشۇرسىڭىز 9 ئاي ئالالايسىز. لېكىن مەيلى 10 يىل ياكى 20 يىل تاپشۇرۇڭ پېنسىيەگە چىققۇچە بۇ سۇغۇرتىدىن پەقەت 24 ئايلا بەھرىمان بولالايسىز.

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا ئىلتىماش قىلىشنىڭ ۋاقىت چېكى قانچىلىك؟
خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ 3 ئاي ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولۇشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. 3 ئايدىن ئېشىپ كەتسە 2- بىر ئورۇندا ئىشلەپ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە شۇ مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.(تۈگىدى)
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدىكى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: ئىجتىمائى كاپالەت قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-10-23 13:50:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇن ئىكەن رەھمەت سىزگە !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش