كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 1

توختىتىپ قويۇشنىڭ تۈرلىرى ۋە پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
توختىتىپ قويۇشنىڭ تۈرلىرى ۋە پەرقى

   


«توختىتىپ قويۇش» دېگەن سۆز قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنى قانۇن بويىچە قاماپ قويۇپ، جىسمانىي ئەركىنلىكتىن ۋاقتىنچە مەھرۇم قىلىدىغان تەدبىرگە قارىتىلغان. دۆلىتىمىزدە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش، ئەدلىيە جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش، توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت تۆت خىل توختىتىپ قويۇش ئۇسۇلى بار.
مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن ۋاقتىنچە مەھرۇم قىلىدىغان ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەدلىيە جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش: خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋا ۋە جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە قوللانغان، ئۇنى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىدىغان ئەدلىيەلىك جازا.
توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن، قانۇنسىز تۇرغان چەت ئەللىكلەرنى جىسمانىي جەھەتتىن ۋاقتىنچە مەھرۇم قىلىپ، تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىشتىكى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىدۇر.
جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىددىي ئەھۋالدا، نەق جىنايەتچى ياكى زور جىنايەت گۇماندارلىرىغا قانۇن بويىچە قوللانغان، جىسمانىي ئەركىنلىكتىن ۋاقتىنچە مەھرۇم قىلىدىغان جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرىدۇر.
ئۇلارنىڭ پەرقى:
1 . خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان مەمۇرىي جازا بولۇپ، مەمۇرىي قانۇن كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. ئەدلىيە جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش بىر خىل ئەدلىيەلىك جازا بولۇپ، ئۇ دەۋا قانۇنى كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، دەۋا ئىشلىرىغا دائىر قانۇنلار، جۈملىدىن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ۋە مەمۇرىي دەۋا قانۇنى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسىدۇر. توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش بىر خىل مەجبۇرلاش تەدبىرى بولۇپ، جازا ھېسابلانمايدۇ. ئۇ مەمۇرىي قانۇن كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسى قىلىنىدۇ. جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جىنايى ئىشلار جەھەتتىكى بىر خىل مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى بولۇپ، جازا ھېسابلانمايدۇ، ئۇ جىنايى ئىشلار كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسى قىلىنىدۇ.
2. تەتبىقلىنىدىغان ئوبيېكتلار ئوخشىمايدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان،جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزگەن، جىسمانىي ھوقۇق ۋە مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلغان، جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرراق بولغان لېكىن جىنايى جازاغا توشمايدىغانلارغا تەتبىقلىنىدۇ. ئەدلىيە جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش: سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى، ھەق تەلەپ دېلولىرىنى، مەمۇرىي دېلولارنى سوت قىلىش جەريانىدا (ئەدلىيە پائالىيىتى) دەۋا ئىشتىراكچىلىرى (ئەدلىيە خادىملىرى، دەۋاغا قاتناشقۇچىلار، گۇۋاھچى، تەرجىمان، باھالىغۇچى) ياكى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىغۇچىلاردىن سوت تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا تەتبىقلىنىدۇ. توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈش: چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن، قانۇنسىز تۇرغان چەت ئەللىكلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش بولسا نەق جىنايەتچىلەر ياكى زور جىنايەت گۇماندارلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.
3. تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان ئورگان ئوخشىمايدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. ئەدلىيە جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تەستىقلايدۇ. توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ. جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.
4. قاماش سۈرۈكى ئوخشىمايدۇ. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش بىلەن ئەدلىيە جەھەتتىن توختىتىپ قويۇشنىڭ سۈرۈكى بىر كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىش سۈرۈكى 20 كۈن بولىدۇ. توختىتىپ قويۇپ تەكشۈرۈشنىڭ سۈرۈكى ئادەتتە بىر ئايدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا بىر ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ. جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇشنىڭ سۈرۈكى ئادەتتە ئۈچ كۈن بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا يەتتە كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئېقىپ يۈرۈپ دېلو سادىر قىلغان، كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلغان، شېرىكلىشىپ دېلو سادىر قىلغان زور جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سۈرۈكىنى 30 كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-10-23 13:53:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن بىلىملىرنى ياخشى ئىگەللەپ قانۇن ئۆزىمىزنى قوغداشنى ئۈگۈنۋېلىشىمىز كېرەك!بۇرادىرىمىزنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلاردىن ۋاقىپلاندۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش