| ئاغزاكى قالدۇرۇلغان ۋەسىيەتنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشى ئاغزاكى ۋەسىيەت ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ ئاغزاكى بايانى بولۇپ ،خەۋىپلىك ئاھۋالدا باشقا خاتىرلەش ئۇسۇلى بولمىغان شارائىتتا قالدۇرۇلغان ۋەسىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ۋارىسلىق قانۇننىڭ 17-ماددىسىنىڭ 5-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن :‹‹ۋەسىيەت قىلغۇچى خەۋىپلىك ئەھۋال ئاستىدا ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرسا بولىدۇ،ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرغاندا ،ئىككىدىن ئارتۇق كىشى تۆپىدە شاھىت بولۇپ تۇرۇشى كىرەك››.ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرماقچى بولغان چاغدىكى كونكىرىتنى ئورۇن ،تەرتىپ تۆۋەندىكىچە: 1.ۋەسىيەت قىلغۇچى شاھىت بولالايدىغان ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئالدىدا ۋەسىيەت مەزمۇنىنى ئاغزاكى بايان قىلسا بولىدۇ. 2.شاھىت بولغۇچىلاردىن بىرى خاتىرە قالدۇرىدۇ .لىكىن ۋاكالىتەن يىزىلغان ۋەسىيەتنى ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىغا ئوقۇپ چۈشەندۈرمىسىمۇبولىدۇ،خاتىرە قالدۇرۇشقا ئامال بولمىغاندا ،شاھىت بولغۇچىنىڭ ئەسلىمىسى ئاساس قىلىنىدۇ. 3.شاھىت بولغۇچى ئاغزاكى ۋەسىيەتنىڭ يىل،ئاي،كۈنى،ۋاقتى ۋە ئورنىنى خاتىرلىشى كىرەك.خاتىرە قالدۇرالمىسا ۋەسىيەت مەزمۇنىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كىرەك. 4.ئەھۋال ياربەرسە خاتىرە قالدۇرغۇچى ،شاھىت بولغۇچى ۋە سىيەتكە ئىمزا قويۇشى ۋە بارمىقىنى بىسىشى كىرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كىرەككى :ئاغزاكى ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنىنىڭ چىنلىقى،تورىلىقىغا ھۆكۈم قىلماق بىرقەدەر تەس بولغاچقا خەۋپلىك ئەھۋالدىلا قوللىنىشقا بولىدۇ.مەسىلەن،ۋەسىيەت قالدۇرغۇچىنىڭ كىسىلى ئىغىرلاپ كەتكەن ،سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدىلا قوللىنىشقا بولىدۇ.
|
|