بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-22 08:57
قورغاس ناھىيە ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە 2-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى قورغاس ناھىيلىك مائارىپ ئىدارسى ۋە مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى،ناھىيلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2013-يىلى5-ئاينىڭ18-،19-كۈنلىرى ناھىيىلىك ياش-ئۆسمۈلەر پائالىيەت مەركىزدە2-نۆۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر خەلقئارلىق شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمىقى مۇسابىقىگە ناھىيىمىز قارشلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن ۋە غۇلجا شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان بىر قانچە كىچىك شاھمات ماھىرى بولۇپ،جەمئىي 196 نەپەر شاھمات ماھىرى قاتناشتى. مۇسابىقە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى بويىچە ئا ۋە ب ئىككى گۇرۇپپا بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمىقى مۇسابىقىنى تەشكىللەشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى:ناھىيمىزدە بۇ بىر قانچە يىل مابەينىدە يېڭى شاھمات ھەۋسكارلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ،يېقىن كەلگۈسىدە ئاپتۇنۇم ئوبلاستىمىزدا ۋە شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاھمات مۇسابىقىسىگە نوتا تاللاش،شۇنداقلا ناھيىمىز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسدا شاھمات ئۆگىنىش ھەم ئويناش قىزغىنىلىقىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ قېتىمىقى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلغان. مۇسابىقە ئادىل باھالاش،كەسكىن رىقابەت ئاستىدا ئىككى كۈن داۋاملىشىپ،19-چىسىلا چۈشتىن كېيىن مۇسابىقە نەتىجىسى ئىلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە كوللىكتىپ تۈر بويىچە: قورغاس ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ1-دەرىجىلىككە،قورغاس ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ2-دەرىجىلىككە،قورغاس ناھىيە لەنگەر يېزا خەيرىيە مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ،3-دەرىجىلىككە ئېرىشتى. شەخسلەر بويىچە: ئا گۇرۇپپىدىن قورغاس ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىجات يارمۇھەممەت چىمپيۇنلۇققا، ب گۇرۇپپىدىن قورغاس ناھىيلىك1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىھسان ئىسرايىل چىمپيۇنلۇققا ئېرىشتى.
مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنىشلەر:
ناھىيمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن شاھمات ئۇستىسى توختى سۇلتان مۇسابىقە قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئوقۇپ ئۆتىۋاتىدۇ.
مەنبە:ئۆزۈم تەييارلىغان. |