بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 14:58
ئۇستاز بىز
ئاپتۇرى:يارمۇھەممەت تۇردى
ئۇستاز بىز ئەزەلدىن جاپاكەش باغۋەن، تەر تۆكۈپ كۆچەتلەر پەرۋىش ئەيلىگەن. شۇ كۆچەت مېۋىسى پولات قانات بوپ، ھاۋادا ھەم سۇدا لەرزان لەيلىگەن.
ئۇستاز بىز ئەزەلدىن نۇر تاراتقۇچى، ئەۋلادلار يولنى تۈز ياراتقۇچى. شۇ سەبى دىللارنى ئويغىتىپ دائىم، جاھانغا سەپسىلىپ بىر قاراتقۇچى.
ئۇستاز بىز ئەزەلدىن مېھرىبان ئانا، پەرزەنتكە ئاق سۈتنى ئايانماي بەرگەن. ئەزەلدىن غەمگۈزار ئاتا بىز يەنە، دېھقان بوپ جاھانغا پەن ئۇرۇقى تەرگەن.
شۇڭا بىز ئۇستازلار شەرەپ ئىگىسى، تەنتەنە بىز ئۈچۈن ھامان كۈلگىسى. ئۆرلەيلى زاماننىڭ ئۈمىدى بىزدە، غەپلەتتە قالمىسۇن ئەۋلاد كەلگۈسى.
2012-يىلى8-سېنتەبىر(سۈيدۈڭ) (ئاپتۇرى:قورغاس ناھىيە لەنگەر يېزا لەيساڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى.)
|