بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەختىيار(بايقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 14:55
بايقاش
ئىلىملەر كانىسەن،جەلىپكار بايقاش، سېنىڭدە مۇجەسسەم ئىلىملەر روھى. زوق ئېلىپ بارچە مېھرىڭدىن سېنىڭ، داستانلار توقۇشار شەنىڭگە بايقاش.
يېتىلدىم،تونۇلدۇم قوينىڭدا بايقاش، زور مەدەت بەردىڭ توختاۋسىز ماڭا. رەڭدار سەھىپەڭ قىلغاچقا مەپتۇن، تويمايمەن مېھرىڭگە،ماكانىم بايقاش.
ئۈزىمەن،كېزىمەن باغرىڭدا بايقاش، تېمىلار سىردىشىم،ئۈلپىتىم بولغاچ. يازىمەن ئىنكاسنى تېمىلار ئارا، ھەر قاچان ھەمراھسەن،دىلكىشىم بايقاش.
مۇنبەرلەر گۈلتاجى،قۇياشىم بايقاش، ئۈمىدىم سەن ئۈچۈن خىزمەت قىلشتۇر. قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە دوستلىرىم بىلەن، گۈللىتەي باغرىڭىنى،دىلخانەم بايقاش.
2013-يىلى27-ئىيۇن(سۈيدۈڭ) مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم.
|