بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 19:26
[
ئەجىر ئۇنتۇلماس،ئىزلار كۆمۈلمەس (ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى مۇھەممەت ئەخمىدى توغىرسىدا) ياش كۆچەتنىڭ مىۋىسى تاتلىق بولىدۇ،- دېيىشىدۇ كىشىلەر. شۇنداق، بىزنىڭ ئىلىم- مەرىپەت بىغىمىزدىمۇ ئۆزىنىڭ ياش، يىڭىلىقىغا قارىماي، جاپالىق ئەجىر- مىھنىتى بىلەن ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى پەپىلەپ يىتىشتۈرۈپ، ئەل ماختىغىدەك شىرىن مىۋىلەرنى بىرىۋاتقان، ئۆزىنى ئەۋلاتلارنىڭ بەخت- سائادىتى، ۋەتەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بېغىشلاپ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھالال تەر ئاققۇزىۋاتقان تىرىشچان باغۋەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. يەكەن ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ (سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى) نىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى مۇھەممەت ئەخمىدى ئەنە شۇنداق ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزىدىن چوڭ ياكى كىچىك خىزمەتداشلىرى، ئاتا-ئانىلار، دوستلىرى، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ،مائارىپتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كەسىپكە چىن يۈرىكىدىن ئەقىدە-ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ھايات مۇساپىلىرىدىن گۇل ئېچىلدۇرۇپ مېڭىۋا تقان ئقتىدارلىق باغۋەنلەرنىڭ بىرى. 1987 - يىلى7-ئايدا قەشقەرپېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن مۇھەممەت ئەخمىدى سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئەڭ قەدىرلىك كەسىپ - ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يەكەن دەريا ۋادىسىدىكى تارىخى ئۇزۇن مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى خىل، سەۋىيسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، ئوقۇتۇشتىكى تەلەپ قاتتىق ئىدى، تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىلى كۆپ ئىدى. مۇھەممەت ئەخمىدى خىزمەتتە قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋە تۇلپارلار بەيگىسىدە ئۈزۈپ، بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكىدە خىزمەتكە كىرىشكەن كۈندىن تارتىپلا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلدى. ئۆزىنى مائارىپقا ، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاتىدى. ئۇ ياراملىق بىر مائارىپچى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىياسى- ئىدىيۋى جەھەتتىكى تەربىيلىنىشكە،كەسپى ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا زور كۇچ سەرىپ قىلدى. بۇ جەرياندا ظذ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىينىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، كەسىپكە چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىدى. مەكتەپ تەشكىلنىڭ ھەر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرقانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇلسا، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغىسى ۋە زور تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇندىدى. ئۇ ، ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت قوش يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش پىرىنسىپىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئوقوغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇتۇشتا ئەستايىدىل، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ نازۇك ھالقىلىردىمۇ ناھايىتى تەلەپچان بولۇشتەك بىر ياخشى كەسپىي ئەخلاقنى يىتىلدۈردى. ئۇ دەرىسخانا ئوقۇتىشى ۋە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلارغا، كىتابى بىلىم بىرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۆزى ئۆتكەن دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا كومۇنىستىك ئەخلاق، ماتىريالىزىملىق دۇنيا قاراش، ۋەتەننى، ئەمگەكنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى سۆيۈش تەربىيسى ئىلىپ بىرىشنى ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ ئوقۇتۇشتا مەكتەپتىكى پىشقەدەم، تەجىربىلىك، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن پېدا گوگىكا، پېسخولوگىيە، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتودىكىسى بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەندى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئوبىكىتلىرىنىڭ ئالاھېدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىگە يىتەكچى قىلدى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆز كەسپىگە بولغان تەلەپنى كۇچايتىپ، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم دائىرسىنى كىڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىردە ئەتراپلىق تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %100گە يەتتى. ئۇ ئوقۇتۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا دەرىسلىك ئىسلاھاتىغا دادىل ماسلىشىپ، كۆپلەپ ماتىريال كۆرۈش، تەجىربە ئۆگىنىش، ئېزدىنىش ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ئۆزلۈكسىز يىڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى. ئۇ ھەر بىر سەئەتلىك دەرسنىڭ ئالاھېدىلىكى بويىچە ئەتراپلىق دەرس لاھېيسى تۈزۈپ، دەرس ئۆتۈش شەكلىنى ئىزچىل يىڭىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويوپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېزىقىشىنى قوزغاش مەقسىتىگە يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشۈنىش، مەزمۇننى شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش مەقسىدىگە يەتتى. مۇھەممەت ئەخمىدى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنى ئاشۇرۇش، ئەتراپلىق، پۇختا بىلىم ئېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەنە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، كىچە- كۈندۈز باش قاتۇردى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپلەپ ئاڭلاپ، كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنۈش ئاساسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. دەرسنى جانسىز، قاتمال ئۆتۈشتىن ھەر دائىم ساقلاندى. يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇپ دەرسنى ئەتراپلىق، پۇختا تەييارلاپ، ئوقوغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش شەكلى بىلەن يىتەكلەپ، سورالغان سۇئاللارغا ۋاقىت، ئورۇن تاللىماي ۋاقتىدا، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنى تولۇق رازى قىلدى. مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ تىرىششى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشى باھالىرى، ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەم ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئۇ توغۇرلۇق ياخشى ئىنكاسلار، ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرىدا ئىلىپ بىرىلغان تۈرلۈك مۇھاكىمىلەردىكى تىرەن ئەتراپلىق، ئورۇنلۇق پىكىرلىرى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى. رەھبەرلىك ئۇنىڭغا دىققىتىنى ئاغدۇردى. ئۇنى تىخىمۇ چىنىقتۇرسا، يىتەكلىسە تەلەپنى كۇچەيىتسە، ئۇنىڭدىن چوقۇم نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەرس ئۆزلەشتۈرمەك بىر قەدەر قىيىن دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان سىنىپلارغا دەرس بىرىشكە، باشقۇرۇش، تەشكىللەش تەسرەك بولغان سىنىپلارغا سىنىپ مۇدىرى بولۇشقا بەلگۈلىدى. ئۇ بۇ جەھەتتىمۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھى بويىچە يول ئىچىپ ئىلگىرلەپ، ئۇ سىنىپلارنىڭمۇ تەشكىللەش، دەرىس ئۆزلەشتۈرۈش، سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلىدى. ئۇ دەرس مەزمۇنى ۋە سىنىپ يىغىنلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگۈتۈپ، پارتىينى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى، ئىلىم- پەننى، ئەمگەك ۋە ئەمگەكچىلەرنى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتتى. بۇ ئارقىلىق سىنىپتىكى ئارقىدە قالغان، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارغا ياردەم بىرىپ، يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ھەم گۈزەللىك جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يىتەكلىشى، سەمىمىي ياردىمى ئاستىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن، ئەخلاقى ناچار دەپ قارالغان ئوقوغۇچىلار ئۆزگىرىپ، ياخشىلار قاتارىغا ئۆتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئارقا- ئارقىدىن تۆت قارار سىنىپ باشقۇرۇپ، رەھبەرلىكنىڭ ئىشەنجىسىگە ئىرىشتى. ئۇ باشقۇرغان سىنىپ ھەريىلى ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە مەكتەپ بويىچە «ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپى»، «مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار كوللىكتىپ»،‹‹ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىكى ئىلغار سىنىپ››، ئۆزى بولسا «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى » ،‹‹تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەىس››بولۇپ باھالىنىپ يىلمۇ –يىل مۇكاپاتلاندى. مۇۋاپىقىيەت ۋە شان شەرەپ ھامان ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ، مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئىرىشتى. رەھبەرلىك ئۇنى 1999- يىلى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا بەلگۈلىدى. ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ يەنىمۇ ئىغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلغان مۇھەممەت ئەخمىدى ئۆزىگە بولغان تەلەپنى يەنىمۇ كۇچايتىپ، كەسپى خىزمەتلەر بىلەن ئوقۇتۇش گۇرۇپا خىزمەتلىرىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، دەرىس تەييارلىق، ساپا مائارىپى، يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى،يېڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا، تەتقىقات خاراكتىرلىك دەرىس ئۆتۈشكە، مۇسابىقىلىق دەرس ئۆتۇشكە، دەرس ئىسلاھاتى لاھىيسى ئاساسىدا تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلەپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشتى..جۇڭگۇ ۋە چەتئەل يازغۇچى- شائىرلىرى، تەتقىقاتچىلىرى، ئالىملىرى، بۇيۇك كەشپىياتچىلىرى ، دەرسلىككە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن يازغۇچى -شائىرلاردىن بولۇپ جەمئې 67كىشىنىڭ رەسىمىنى چوڭايتىپ، تەرجىمەھالى،ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى قوشۇپ جازىلاشتۇرۇپ ئىشخانىغا يېپىشتۇرۇش ئارقىلىق دەرس ۋاختىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمە قىلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى. قىسقىغىنا بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇ ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يازغان 32پارچە تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئۆزى باشقۇرغان ‹‹ئىجادىيەت كۇرژىكى››دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 150پارچىغا يېقىن ئەدەبى ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسىى گېزىت، ژورناللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئىلان قىلنىپ، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇ ئوقۇتۇشتا دەرىس تەستىقلاش، دەرس ئاڭلاش، ئىمتىھان ئىلىش خۇلاسىلاش، جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى رامكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئۈچۈن باشلامچى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىسى يىزىش، ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەكتەپنىڭ دەرسلىك ماتىريالى كەمچىل شارائىتتا «بالىلار ئەدەبىياتىدىن سۇئال- جاۋاپ»(150بەت)ناملىق كىتاپنى تۈزۈپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇنىڭ يەنە ئوتتۇرا دەرجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن «ھۆسنىخەت ئوقۇتۇش يىتەكچىسى»(2002-يىلى5-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «ئەدەبىيات يىتەكچىسى»(8قىسىم، 2000-يىلى 5-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكىدىكى «كۆنۈكمە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋاپلىرى»(2002-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن) قاتارلىق كىتاپلىرىى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇندىن باشقا «مەرىپەت غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «خوتەن پىداگوگىكا ئالى تىخنىكۇمى ئىلمى ژۇرنىلى»، ‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى››، ‹‹شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇىنۋېرىىستىتى ئىلمى ژورنىلى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۆزى يازغان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدىكى سەۋىيسىنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم»، «ئاغزاكى سىناق ئىلىشنىڭ بەزى بىر ئۇسۇللىرى توغرىسىدا»، «ئۆردەك، كەپتەر، چۆجە-خوراز چۆچىكىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدە»، ‹‹ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك قابىلىيەتلەر››، ‹‹سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنىشتە قانداق ساپا ھازىرلىنىشى كېرەك؟››،‹‹ئوقۇتقۇچىلار بىزار بولىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى››،‹‹ئىلمى مۇدىرلار قانداق ئىقتىدار يېتىلدۈرىشى كېرەك››، قاتارلىق 25پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ئىلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە ۋە كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى. . مۇھەممەت ئەھمىدى مەرىپەت بىغىدىكى ياش، ئىشچان باغۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تىرىشچان، ياش ئىجادكار. ئۇ 1990-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى. ئۇ بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللاندى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت- ژورناللاردا 750 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، «جانان بىلەن ئىيىتقان ناخشىلار»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن، 1990-يىلى) ، «سۆيۈۋالاي مەڭزىڭگە قۇياش»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن2001-يىلى)، «تەنھا تىنىقلار» (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن2002-يىلى) قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرلار توپلىمىى نەشىر قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ساپ ۋە سەمىمى نىيەت بىلەن قىلىنغان مىھنەت ھامان مىۋە بەرمەي قالمايدۇ. مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدىكى مەجبۇرىتىنى تونۇشى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە تۇرغۇزۇلغان ھەقىقى ئەقىدىسى، ئۇنى مەكتەپ تەرىپىدىن 18 قىتىم، تۈرلۈك شان شەرەپلەرگە نائىل قىلغاندىن سىرىت يەنە يەكەن ناھېيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 15 قىتىم «ئىلغار ئىجادىيەت خادىمى» ، «مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىدىكى ئىلغار شەخس»،‹‹تۆھپىكار ئىجادىيەتچى››‹‹يېڭى دەۋىر ئىجادىيىتىدىكى تۆھپىكار شەخس›› قاتارلىق شان شەرەپلەرگە ئىرىشتۈردى. ئۇيەنە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يۈكسەك كەسىپچانلىقى ۋە تىرىشچانلىق روھى، ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەشتەك شىجائىتى ئارقىلىق تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. 1995- يىلى 12- ئايدا لىكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ،2005.يىلى ئالى لېكتورلۇق ئىنۋانغا ئىرىشتى. 4.200- يىلى «ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى، «شىنجاڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى» ژورنىلى،‹‹مائارىپ ۋە كەسىپ›› ژورنىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئاسىيا كىندىكى گېزىتى››، ‹‹قەشقەر گېزىتى››،› قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا مەخسۇس سۈرەتلىك قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. 2008- يىلى مەكتەپنىڭ كۆرسۈتىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك قوشۇلىشى، يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ، شۇنداقلا مۇتىخەسىسلەرنىڭ ئەستايىدىل باھالاپ بىكىتىشى ئارقىلىق ئۇ يەنە «ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھېدە ئوقۇتقۇچى » دىگەن كاتتا شەرەپكە ئىرىشتى. لىكىن بۇنداق شان-شەرەپكە ئىرىشىش،ھەم ئۇنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى پەقەت شۇ شەرەپكە ئىرىشكۈچىنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ شان شەرىپى ۋە مۇۋاپىقىيتىدىن پەخىرلىنىدىغان ، سۆيۈنىدىغان كەسىپداشلىرى ، دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭ شۇ شەرەپكە ئىرىشىش يولىدا قانچە ، قانچە تۈنلەرنى كىرپىك قاقماي تاڭغا ئۇلىغانلىقىنى ، قانچە قىتىملاپ، تۈرلۈك چاي ۋە سورۇنلارغا بارالماي دوستلىرىنى ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىر ئۆزىلا بىلىدۇ خالاس مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ يۇقارقىدەك بىر قاتار نەتىجىلىرىگە ئاساسەن،2007-2008-2009-يىللىرى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا‹‹جۇمھۇرىيەت تۈۋرىكى››، ‹‹جۇڭگودىكى مۇنەۋۋر مۇتخەسىسلەر››، ‹‹جۇڭگودىكى ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار››ناملىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلىدى. ئۆزىنىڭ ئەجىر مىۋىسىنى كۆرگەندە سۆيۈنمەيدىغان كىشى بولمىسا كىرەك. مۇھەممەت ئەخمىدى ئۆزىنىڭ 26يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى ، ئىرىشكەن شەرەپلىرىنى ھەربىر ئەسلىگەندە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ تىخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ، بۇنىڭدىن كىيىن ئەۋلات تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەت ئۈچۈن، ‹‹بارلىقىمنى بىغىشلاپ خەلق قەلبىدىكى ھەقىقى باغۋەن بولۇش ئۈچۈن تىخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىم لازىم›› دىگەن ئالى غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنمەكتە.بىز ئۇنىڭ تىنىگە ساغلاملىق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، خۇشالىق،ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەت ۋە بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىگە خۇشپۇراق ،توزىماس گۇل-چېچەكلەر تىلەيمىز.
|