| ئون سەككىزگە كىرسەڭ ھەر كۇنى
ئەزىز ئەخمەت ئەلتىگىن
قەلئەيىمنى تاقماي تۇرۇڭلار، كىرۋالسۇن كۆپكۇك يېشىللىق. ئون سەككىزگە كىرگەن شۇ كۇنىڭ، پەيدا قىلار يېڭى قاتىللىق.
ئاھ!شۇ قەدەر تىنىق بەك تىنىق، سىنىڭكىدەك قۇياشنىڭ كۆزى. نىمە بۇلۇپ كىتەر بۇ جاھان. ئون سەككىزگە كىرسەڭ ھەر كۇنى.
تىرىۋالغىن لىپلىق بىر سېۋەت، پىشتى ئارمان،پىشتى ھاياجان. ئون سەككىزگە كىرگەن كىچىدە، يۇلتۇزلارغا سالغىن سۇر-چوقان.
قىزىل-قىزىل تاشنىڭ يۇرۇكى، سىڭىپ كىتىدۇ تاشلارغا ئۈنى. پارچە-پارچە بولمەن ئېھتىمال، ئۇن سەككىزگە كىرسەڭ بىركۇنى. |
|