كۆرۈش: 506|ئىنكاس: 4

ئۆلۈكلەرگە ئۈچ سۆز،ھاياتلارغا توققۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-17 13:28  

ئۆلۈكلەرگە ئۈچ سۆز،ھاياتلارغا توققۇز


ئەزىز ئەخمەت ئەلتىگىن

‹‹ئۆلۇكلەرگە ››

بىرىنجى سۆز: ئۆلۈكلەر،قەبرەڭلاردا شۇنداق يېتىڭلاركى،سىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭلارغا ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان بولسۇن.قەبرەڭلارغا شۇنداق كىرىڭلاركى،قەبرىگە كىرگەن سىلەرنىڭ جىسمىڭلار ئەمەس ئالەمنى يورتۇپ تۇرغان بىر قوياش كۆمۈلۇپ كەتكەندەك بولسۇن.
ئىككىنجى سۆز: ئېھ!ئۆلۈكلەر،شۇنداق ئۆلگەن بولوڭلاركى،مەھشەرگاھتا روھىڭلارغا يۆلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ھايات چېغىڭلارنى ئەسلىگىنىڭلاردا بۇ ئالەمدىكى قىلمىش-ئەتمىشىڭلاردىن زارلانمايدىغان،بىھۇدە ئۆتۇپ كەتكەن كۈنۈڭلارغا ئۆكۈنمەيدىغان،ئۆلۈم سائىتىڭلارنىڭ دەل ھەم ۋاقتىدا يىتىپ كەلگەنلىكىگە پۇشايمان قىلدىغان بولمىسۇن.
ئۇچىنجى سۆز: يەنە شۇنداق ئۆلۈڭلاركى،بۇ ئالەمدەچالا قويغان ئىشلىرىڭلار ۋە قەرزىڭلار قەبرەڭلەرگە يۆلۈنۇپ سىلەرنى كۇتىدىغان بولمىسۇن.قىلىنغان زۇلۇم-سىتەمىڭلار سىلەرنىڭ گۆرۇڭلار،غەزەپ ۋە قەھرىڭلار كىپىنىڭلار،قىلمىش-ئەتمىشىڭلار لەھتىڭلار بولمىسۇن.ھەم شۇنداق ئۆلگەن بولۇڭلاركى،سىلەرنىڭ خەيرىلىك كەتكىنىڭلار باشقا ئۆلۈكلەرگە ئۈلگە بولسۇن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەنىسىز،بالدۇر ئۆلۈپ كەتكىنىگە پۇشايمانلار بولسۇن.نەتىجىدە سىلەرنىڭ ئۆلۈكلىكىڭلارغا ئۆلۈكلەرمۇ ئىشەنمىسۇن.

ھاياتلارغا:

بىرىنجى سۆز:قەلبىڭلاردا شۇنداق ئويلاڭلاركى ۋە ئېيتىڭلاركى،ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ دۇنياغا ئىنسان بۇلۇپ تۇغۇلغىنىڭلاردىن پەخىرلىنىڭلار ۋە جاكارلاڭلار.
ئىككىنجى سۆز: شۇنداق ياشاڭلاركى،ئۆتۇپ كەتكەن ھەربىر كۈنۈڭلارغا سىلەر يۇز كىلەلمەيدىغان ئەمەس بەلكى،ھەربىر كۈن سىلەرگە يۇز كىلەلمەيدىغان بولسۇن.
ئۇچىنجى سۆز: ھەرجايدا شۇنداق ياشاڭلاركى،قەيەردىن ئايرىلساڭلار ۋە بولمىساڭلار شۇ جاي سىلەرسىز چانسۇن.خۇددى گۈلزارلىقتىن ئەڭ گۈزەل بىرتۇپ گۈلنى قومۇرۋالغاندەك.
تۆتىنجى سۆز: ھاياتتا شۇنداق رەسسام بولوڭلاركى،گۈزەل قۇش سىزىشتىن بۇرۇن چىرايلىق ئالتۇن قەپەز سىزىڭلار،تەقدىر نەيزىسى كىلىشتىن بۇرۇن تەدبىر قالقىنى ياساشتىن،تەدبىر نەيزىسى بولۇپ تەقدىر قالقىنىغا ئۇرۇلۇڭلار.ئون قاچقۇچىدىن بىر قوغلىغۇچى ئەۋزەلدۇر.
بەشىنجى سۆز؛ شۇنداق ئادەم بولۇڭلاركى،بارلىق ياخشى سۈپەتلەر سىلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان،سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىن ئايلىنىپ كىتەلمەيدىغان بولسۇن،خۇددى ھەسەل ھەرسى گۈلدىن،پەرۋانە ئوتتىن،تۆمۇر ماگنىتتىن،ئاشىق مەشۇقىدىن ئايرىلالمىغاندەك.
ئالتىنجى سۆز؛ ياشاڭلار ۋە ئىسىڭلاردا ساقلاڭلاركى،ھەرقانداق بىر شەيئى سەۋەپسىز ۋە پايدىسىز يارتىلمىغاندۇر.ھەربىر شەيئىدە بىر بۆيۈك خىسلەت مۇجەسسەم،مەخسەت ئۇنى بايقاشتا.
يەتتىنجى سۆز؛ ھەربىر ئادەمنىڭ(ئۆزۇڭلارنىڭ)تەقسىم قىلىنغان ھايات مۇساپىسىنىڭ بىرلىك ۋە مۇقەررەرلىكىگە،ھاياتنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقىغا ئۆزۇڭلارغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىڭلار.گوياكى بىرتال سەرەڭگە بىرقىتىم يېنىپ قايتا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلالمىغاندەك.
سەككىزىنجى سۆز: ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ئەتىرگۇللۈك باغ ئەمەس،قۇياشتەك يىراق،تاشتەك قاتتىق،قەنىتتەك تاتلىقمۇ ئەمەس،لىكىن ئۈمىد ئۇڭ قانىتىڭلار،ئىشەنج سول قانىتىڭلار بولسۇن.ھەرۋاقىت ئۆز مەۋقەيىڭلارغا ئۆزۇڭلار ئىگە بولۇڭلار.دۇنيا يەنىلا يېڭى،يەنىلا مېھرى ئىسسىق.
توققۇزىنجى سۆز؛ ئۆلۈش ئۇچۇن ياشماستىن،ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى،ھاياتىڭلاردا باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭلارنى تۈنجى ھېس قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن مىسلىسىز بەخىت ۋە ئۆزگىرىش.



مەنبە: ئۆز قەلمىم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-17 14:11:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان ھېكمەت كەبى ،دۇردانىلەركەن ، ئۈلۈكلەرگىغۇ مەيلى قانچە سۆز بولسا ،لېكىن ھاياتلارغا مۇشۇ كۈنلەردە توققۇز ئەمەس ، ئوتتۇز بولسىمۇ ئازلىق قىلارمىكىن دەيمەنغۇ ئۆزۈمچە ........................
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-17 14:13:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەملىيەتتە ئۆلۇكلەرگە دىيىلۋاتقان سۆزمۇ ئۆلمەكچى بولۋاتقان ھاياتلارغا دىيىلۋاتدۇ.
ۋاقتى: 2015-9-17 16:11:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹شۇنداق ياشاڭلاركى،ئۆتۇپ كەتكەن ھەربىر كۈنۈڭلارغا سىلەر يۇز كىلەلمەيدىغان ئەمەس بەلكى،ھەربىر كۈن سىلەرگە يۇز كىلەلمەيدىغان بولسۇن.››ماڭا بۇ سۆزلىرىڭىز بەك تەسىر قىلدى.بەك چوڭقۇر مەنىلىك ،كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان سۆزلەر ئىكەن.تېخىمۇ تىرىشىڭ.تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىڭ.
ۋاقتى: 2015-9-17 21:37:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى غەمدە قويدىڭىزغۇ ؟ ھاياتىمنىڭ چەكلىك بۇلۇدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلغان بولساممۇ قانداق ئۇلۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقماپتىكەنمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش