دۇنيادىكى غەلىتە قانۇنلار
ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتىدا بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ يازمىچە قۇشۇلىشى بولمىسا «خاررى پوتتىر» فىلىمىنى كۆرەلمەيدىكەن، ۋېرمونت شىتاتىدا سۇ كۆلچىكىدە ئىسقىرتىشقا بولمايدىكەن. كېنتاككى شىتاتىدا يىلدا بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا بولىدىكەن. دېنۋېر شەھىرىدە كۈن پاتقاندىن كېيىن چۇقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىش كېرەك ئىكەن.ئەگەر تەتۇر يۆلىنىشتا ماڭسا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېساپلىنىدىكەن. ئاركانزاس شىتاتىدا ئەر خۇتۇنىنى ئۇرسا قانۇنغا ئويغۇن بولىدىكەن، بىراق ئايدا بىر قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. كامايئېر شەھىرىدە ئەرلەرنىڭ كاستۇمى بىلەن ئىشتىنىنىڭ رەڭگى ئوخشىمىسا 500 ئامىرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدىكەن. فىنلاندىيەدە: كىتاپ ئوقۇيالمايدىغانلارنىڭ توي قىلىشى چەكلىنىدىكەن. ئەنگىلىيەدە: بىر ئەر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇتۇنى بىلەن بىر يىلغىچە سۇقۇشماسلىققا ۋەدە بەرسە دۆلەت خەزىنىسىدىن تارتۇقلىغان بىر كالباساغا ئېرىشىدىكەن. |