| دۆلىتىمىزنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى توغرىسىدا
يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جوڭخۇا خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ سېن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ:‹‹ھەربىر كىشىنىڭ مائاشىدىن، چوقۇم مەلۇم مىقداردا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك، خۇددى باج تاپشۇرغانغا ئوخشاش›› دېگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بۇ سۆزى خەير-ساخاۋەت ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، خەير-ساخاۋەت چوقۇم ئۆزلۈكىدىن بولۇشى كېرەك، مەجبۇرىي ھالدا ‹‹ئىئانە قىلدۇرۇش›› ھەقىقىي خەير-ساخاۋەت ھېسابلانمايدۇ. (3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇاڭجۇ گېزىتى) جوۋ سېن ئۆزىنىڭ ‹‹خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا قانۇن تۇرغۇزۇش›› قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ:‹‹ھەر بىر كىشىنىڭ مائاشىدىن، چوقۇم مەلۇم مىقداردا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك، خۇددى باج تاپشۇرغانغا ئوخشاش، مائاشى 3500 يۈەندىن ئاشقانلار قانچىلىك، 5000 يۈەندىن ئاشقانلار قانچىلىك تاپشۇرۇش كېرەك دەيدىغان ئۆلچەم بولۇشى كېرەك، بىر خەير-ساخاۋەت قانۇنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ›› دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما مائاشىدىن كولاپ خەير-ساخاۋەت قىلغاندا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولغان تەقدىردىمۇ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىكى قائىدىسىزلىق، ئادىلسىزلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولارمۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەير-ساخاۋەت سەتچىلىكى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ قويدى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىغىمۇ سۇ سەپتى. ھەممەيلەن بىلىدۇ، خەير-ساخاۋەت تارماقلىرى، خەير-ساخاۋەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار شۇنداقلا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە قانۇن يېتەرسىز، ئىسراپچىلىق ئېغىر، شۇڭا بۇ نۇقتا ئالدى بىلەن خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا قانۇن تۇرغۇزۇشتىكى مۇھىم نۇقتا بولۇشى كېرەك. خەير-ساخاۋەت قىلىشتا بىر ئادەمنىڭ بىر ياخشىلىق قىلساڭ، بىر ساۋاپ تاپىسەن دېگەندەك خەير-ساخاۋەت قىلسا ئۆزىمۇ خۇشال بولىدىغان، ئۆزلىكىدىن باشقىلارغا سەدىقە بېرىشنى مۇھىم بىلىدىغان قاراش ئاساس قىلىنىشى كېرەك. مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىپ خەير-ساخاۋەت قىلىش ھەقىقەتەن خەير-ساخاۋەتنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمما مائاشى كولانغانلارنىڭ خالاش-خالىماسلىقى، خۇشال بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، مەجبۇرىي ھالدا خەير-ساخاۋەت قىلىشمۇ خەير-ساخاۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ خەير-ساخاۋەت قىلغۇچىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك، بۇنداق بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكىلى بولامدۇ، خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرى قانائەت تاپامدۇ؟ مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىپ خەير-ساخاۋەت قىلىش، خەير-ساخاۋەت مەبلىغىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن، ئەمما مەبلەغنىڭ مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى، باشقۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالىشى تەس. №نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا ئادىللىق، ئوچۇق-ئاشكارىلىق كەمچىل، خەير-ساخاۋەت مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشى، باشقۇرۇلىشىغا نىسبەتەن جەمئىيەت ۋە پۇقرالار ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالمايۋاتىدۇ، مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، باشقىلارنى مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ قان-تەرىگە كەلگەن خەير-ساخاۋەت قىلىۋېتىش، مائاشى تۇتۇپ قېلىنغان كىشىلەرنى تەڭسىزلىكتە قويۇش، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىمۇ تەڭسىزلىكتە قويۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا كىممۇ ياخشىراق خىزمەت ئورۇنلىرىدا خاتىرجەم ئىشلىيەلەيدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، تاپشۇرۋېلىنغان ئىئانە مەبلىغى بارغانسىرى ئازىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرى بۇنداق ئويلىسا بولمايدۇ، قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، باشقىلارنى ‹‹نەسىھەت قىلىش››، ‹‹ مەجبۇرلاش››، ‹‹شەكلى ئۆزگەرگەن شەكىلدە ئىئانە قىلىشقا مەجبۇرلاش›› مەسىلىنى بارغانسىرى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ، شۇنداقلا خەير-ساخاۋەتنىڭ ئەسلى روھىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ناۋادا خەير-ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ئۆزلىرىدىن باشلاپ، دۇرۇس، قائىدىلىك، ئوچۇق-ئاشكارا، ئادىل بولۇپ، مەبلەغنى ياخشى باشقۇرسا خەلقنىڭ قوللىشىغا، مايىللىقىغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئىئانە قىلىش قىزغىنلىقىنىمۇ قوزغىتالايدۇ، جەمىيەتنىڭ ئىشەنچىسى ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
|
|