| باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2013-2012-ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق ئىددىيە – ئەخلاق تەربىيسى،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى تەربىيسى،ھەركەت ئۆلچىمى تەربىيسى ۋە بايراق چىقىرىش تەربىيسىنىڭ پىلانى ۋە تەدبىرى
ئوقۇغۇچىلارغا قارتا ئەخلاق تەربىيە ئېلىپ بىرىش مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى , ئەخلاقى تەربىيە مائارىپ فاڭجىندىمۇ ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قۇيۇلغان بولۇپ،ئۇ سىياسى تەربىيە، ئددىيۋى تەربىيە،ئەخلاق پەزىلەت تەربىيسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ. ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى تەربىلەنگۈچىلەرگە ئىدديۋى ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە مەخسەتلىك،پىلانلىق،تەشكىللىك ۋە سېستىملىق ھالدا تەسىر كۆرسىتىدىغان پائالىيەت جەريانى . ئەخلاقى تەربىيە ئوقۇغۇچلارنىى ئەتراپلىق تەرەققى قىلىدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىۋى بولۇپ،ئۇ سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە،مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەرنى تەربىيلەشتە ئالاھدە ئەھمىيەتكە ئىگە . ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوقۇتۇشنى بىلىپلا قالماستىن بەلكى ئادەم تەربىيەلەشنىمۇ بىلىش كىرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئەخلاقى تەبىيەنىڭ مەزمۇنى , ۋەزىپىسى , پىرنسىپى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگەللەش لازىم . 1) كۈندىلىك خىزمەت كۈن تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپ مەكتەپ بۇيىچە ئايدا بىر قېتىم « قانداق قىلىغاندا ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئوقۇتۇشقا كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ »،« ئوقۇغۇچلارنىڭ جۇڭخۇا گۈزەل ئەخلاق تەربىيسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى نېمە؟»«قانداق قىلىغاندا ئەخلاق تەربىيەگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟»،« قانداق قىلغاندا ئەخلاق تەربىيە قۇشۇن قۇرلۇشنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ؟» ،« مەكتەپلەردە ئەخلاق تەربىيە بىلەن ئەقلى تەربىيەنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسدا» قاتارلىق مەزمۇنلاردا سەپەرۋەرلىك دوكىلات ئېلىپ بارىمىز. 2) ھەپتىدە بىر قېتىم سىنىپ يىغىنغا بىرلەشتۈرۈپ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈش،خەلىقنى،پارتىينى،ئەمگەكنى،سوتسىيالىزىمنى،يۇرتنى،ئىلم-پەننى،ئانامەكتەپنى،ئاتا – ئانىلارنى،ئۇستازلارنى،ساۋاقداشلارنى قىزغىن سۈيۈش تەربىيىسنى ئېلىپ بارىمىز. 3)ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيە بىرىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئىناق ۋە ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر-بىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان، ئەدەپلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغان ياخشى خىسلەتنى يىتىلدۈرىمىز. 4) ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيە ئېلىپ بېرشتا سىياسى ساپاسى ياخشى، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك،باشقىلارغا ئۆلگە بولالايدىغان مەلۇم خىزمەت ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ سىنىپ مۇدىرلىقىغا بىكتىشىمىز لازىم . 5) ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئەخلاق تەربىيىنى ھەر قايسى پەنلەرگە تۇلۇق سىڭدۈرۈشىمىز،بۇلۇپمۇ ئىددىيە ئەخلاق دەرسىگە بىرلەشتۈرۈپ،تەربىينى تېخمۇ كۈچەيتىشىمىز لازىم.بۇنىڭدا ئىددىيە-ئەخلاق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تاللاپ بىكىتىشىمىز لازىم . ھازىرقى ساپا مائارىپىمىز مەملىكىتىمىز مائارىپ ئىسلاھاتىدا مەيدانغا كەلگەن يىڭى بىر شەيئى بولۇپ ئۇ 21- ئەسىرگە لايىقلاشقان بىلىملىك،ئىقتىدارلىق , ئەخلاقلىق , بەلگىلىك ماھارەتكە ئىگە،جەمئىيە ئىھتىياجىغا ئۇيغۇن , ئەخلاقى , ئەقىلى , جىسىمانى , رۇھى ۋە گۈزەللىك جەھەتتە تەكشى تەرەققى قىلىغن ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيلەشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئاساسى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى - پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تالانىتلىق كىشىلەرنى يىتلدۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت . ساپا مائارىپنىڭ مەخسىدى : - بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ,ئوقۇغۇچلار قائىدىسى , ھەرىكەت ئۆلچىمى بويىچە تەربىيلەپ ئۇلارنى ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈش بىلەن ئادەم بولۇش يۇللىرىنى ئۆگىنىش , بىلىم ئىزدەشنى ئۆگىنىش،تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنى ش, بەدەننى ساغلاملاشتۈرۈشنى ئۆگىنىش،گۈزەللىكنى ئۆگىنىش ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ماسلاشقان ھالدا غايىلىك،ئەخلاقلىق،مەدەنىيەتلىك , ئىنتىزامچان ,ئەمگەكنى سۆيىدىغان بىر ئەۋلاد بولۇپ يىتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت . ياش ئەۋلاتلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغاندىلا جەمئىيەت ئۈچۈن ئەڭ ياراملىق ئادەم بولالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۇمۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ , توغرا بولغان كىشلىك تۇرمۇش قارشى , دۇنيا قارشى ,قىممەت قارشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئىنتايىن زۈرۈر . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى تەربىيسى, ھەركەت ئۆلچىمى تەربىيسى بىرىش ئارقىلىق ئاۋانگىراتلاردىن ئۆگىنىش،ئەجداتلاردىن ئۆگىنىش , مەكتەپنى سۆيۈش , يۇرتىنى سۈيۈش , ۋەتەننى سۈيۈش , سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى سۈيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغان , پارتىيىنىڭ ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ ياخشىلىقنى بىلىدىغان , خەلىقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىغنى قوغدايدىغان،تىنىچلىقنى سۆيىدىغان،جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشكە كىچىكىدىن باشلاپ ئىرادە تىكلەيدىغان راسچىل , باتۇر , تىتىك , ئىتتىپاق بولىدىغان , تىرشىپ ئۆگىنىدىغان , بەدەن چېنىقتۇرۇشنى بىلدىغان قىلىپ تەربىيلەشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى , ھەرىكەت ئۆلچىمى , باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام ئۈسۈپ , تىرشىپ ئىلىم – پەن ئىگەللەپ كەلگۈسىدە ۋەتەن خەلىققەياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان ھەرىكەت مىزانى . شۇنىڭ ئۈچۈن 1) ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە تۇنجى قەدەم باسقىندىن باشلاپ ئېلىپ بارىمىز. (2) ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنى ھەر بىر سائەتلىك دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرىمىز. (3) ھەپتىنىڭ بىرنچى كۈنى ئېچىلدىغان سىنىپ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە سېلىپ تۇرۇپ بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنى ئەسلەپ ئۈتىدۇ, بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى كۈرەش نىشانى كۆرسىتىپ بىرىلىدۇ. (4) مەكتەپ ئاچقان سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ. (5) پىئونېرلار پائالىيتى ۋە 2- دەرسخانا پائالىيتىدە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىگە سىڭدۈرۈپ بارلىق ئەھۋاللارنى يەكۈنلەپ ماڭىمىز. (6) ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى،ھەرىكەت ئۆلچىمىنى مەنىۋى-مەدەنىيەت خىزمىتىگە بىرلەشتۈرىمىز. (7) ئوقۇغۇچىلارنى سوتىسيالىسىتىك ئاڭغا ئىگە قىلىش تەلۋىنى ئوتتۇرغا قۇيىمىز. (8) بەدەن چېنقتۇرۇش, تەنتەربىيە , گۈزەل – سەنئەت پائالىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەربىيە بىرىمىز. (9) ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى قانۇن ساۋات خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىمىز. (10) ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى،ھەركەت ئۆلچىمىنى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەيمىز. دىمەك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ھەركەت ئۆلچىمىنى ئۇلارنىڭ ئېڭىگە سىڭدۈرىمىز.پارتىينى،خەلىقنى،كوللىكتىپنى،ئەمگەكنى قىزغىن سۈيىدىغان، تىرشىپ ئۆگىنىدىغان , ئاممىنىڭ مال – مۈلىكىنى ئاسرايدىغان , تۇرمۇشتا ئاددى – ساددا بولىدىغان , ئۇستازلانى ھۆرمەتلەيدىغان , ئاڭلىق ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيلەپ چىقشىنى قولغا كەلتۈرىمىز . ئوقۇغۇچىلارغا كوممۇنىستىك ئىددىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش , سوتسىيالىستىك مەنىۋى-مەدەنىيەت قۇرلۇشىدا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم . مەكتەپلەردە ھەپتىنىڭ بىرنچى كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىنقىلاۋى غايە تەربىيسى , ئوقۇغۇچىلارغا سەپەرۋەرلىك تەربيسى , كوممۇنىستىك ئەخلاق پەزىلەت تەربىيسى ئېلىپ بېرىپ ئۆسمۈرلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە ئالىجاناپ ئەخلاق پەزىلەت ۋە ياخشى ئىش ھەرىكەت بىلەن ئادەتلەندۈرۈپ غايىلىك ئەخلاقلىق , مەدەنىيەتلىك , ئىنتىزامچان , ئەمگەكچان ۋە باتۇر يېڭى بىر ئەۋلات قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت . ئۆسمۈرلەرگە دۆلەت بايرىغى چىقىرىش تەربىيسى بىرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئىڭىدە توغرا غايە, ئوبىكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغان مۇقۇم كۆز قاراش تىكلەش , ئىنقىلاۋى قۇربانلار , قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ كوممۇنىزىم ئۈچۈن ئۈمۈر بويى كۈرەش قىلغانلىقىدەك ئۆلگىسىدىن ئۆگىنىش , كوممۇنىزىم ئۈچۈن ئاداشماي كۈرەش قىلدىغان مۇستەھكەم ئراسىنى يتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت . ھەر قېتىم بايراق چىقارغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا خەلىق مەنپەتى ھەممىدىن ئەلا دىگەننى بىلدۈرۈش بىلەن پارتىيەنىڭ مىھرى – شەپقىتىنى ئۇنتۇلماسلىق توغرىسىدا تەربىيگە ئىگە قىلىش مەخسىەت قىلنىدۇ. ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچىلار رەتلىك كىيىنىپ بايراق ئالدىدا قەسەم بىرىش بىلەن بىرگە ھەر خىل گىمناستىكا ئويناش دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرلىدۇ.
|
|