كۆرۈش: 513|ئىنكاس: 13

مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە دائىر ئۇقتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – يانۋار تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 29 – يانۋار مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە دائىر ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە تاماكا چېكىشنى چەكلەش››،‹‹ئالىي مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى قەتئىي چەكلەش››،‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش››قاتارلىق بىر يۈرۈش چەكلەش بۇيرۇقىنى ئوتتورىغا قويدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر، يەسلىلەرگە كىرگەندە، ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا چېكىشى بىردەك چەكلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى 1 – جاۋابكار بولىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››دېگەن ۋىۋىسكا ياكى تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسى چاپلىنىشى، مەكتەپلەردە تاماكا چېكىش رايونى تەسىس قىلىنماسلىقى، مەكتەپلەردە كۈلدان قاتارلىقلار قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردە تاماكا ئېلانى چاپلانماسلىقى ياكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىغا تاماكا ماركا نامى قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردىكى كىچىك دۇكانلاردا تاماكا بۇيۇملىرى سېتىلماسلىقى، مەكتەپ سىرتىدىكى خادىملار مەكتەپكە كىرگەندە ئۇلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش قەتئىي چەكلىنىشى، تاماكا چېكىش ئۆيى تەسىس قىلىنماسلىقى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيە كۈچەيتىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق مۇھىم ۋاقىت ۋە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسخانىلاردا، لېكسىيەلەردە، پارتىيە ۋە ئىتتىپاق پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەربىيەسى قىلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››قۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىدە تەدبىر جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى كېرەك
مەنبە:http://www.hawar.cn/news/2014/01/30/22782.shtml
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-31 22:24:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى تېما يوللاپسىز ، رەھمەت
ۋاقتى: 2014-1-31 23:45:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىمۇ مەكتەپ قوروسى ئىچىدە تاماك چىكىش ياخشى ئىش  ئەمەس . بۇ بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشى بەك ياخشى بوپتۇ.
ۋاقتى: 2014-1-31 23:57:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن بۇ بولسا مەكتەپلەردىمۇ تاماكا چىكىدىغان ئىشلار بولمىسا بەك ياخشى بۇلاتتى . شۇ تاماكىنى مەكتەپلەردىكى بەزى مۇدىر ھەمم شۈجىيلەر . ھەم ئۇقۇتقۇچىلارمۇ تەپ تاتماستىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا چىكىۋاتىدۇ . خۇددى ئۈزىنى ناھايتى چوڭ چاغلاپ . ئالدى بىلەن شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىللىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
ۋاقتى: 2014-1-31 23:57:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇركەن بۇ بولسا مەكتەپلەردىمۇ تاماكا چىكىدىغان ئىشلار بولمىسا بەك ياخشى بۇلاتتى . شۇ تاماكىنى مەكتەپلەردىكى بەزى مۇدىر ھەمم شۈجىيلەر . ھەم ئۇقۇتقۇچىلارمۇ تەپ تاتماستىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا چىكىۋاتىدۇ . خۇددى ئۈزىنى ناھايتى چوڭ چاغلاپ . ئالدى بىلەن شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىللىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-1 00:19:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 23:57
ياخشى ئۇچۇركەن بۇ بولسا مەكتەپلەردىمۇ تاماكا چىكىدىغا ...

«مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى 1 – جاۋابكار بولىدۇ»دىيىلىپتۇ،شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇلار ئولگە كورسىتىشى كىرەك.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-1 00:21:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايىنا يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 23:45
ئەسلىدىمۇ مەكتەپ قوروسى ئىچىدە تاماك چىكىش ياخشى ئىش   ...

بۇ بەلگىلمە كىچكىپ ئىلان قىلىندى.ئەمدى ئىجرا بۇلشىغا قارايمىز دە.
ۋاقتى: 2014-2-2 13:24:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسل بىر تىما يوللاپسىز .. سىز دىگەندەك مەكتەپ ھويلىسىدا تاماكا چەككەن مەسئۇل رەھبەر ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ تاماكا چەكمەي چىدىيالارمۇ .. ئىشخانىسىغا بىكىنۋېلىپ چىكىۋېرە ھەقىچان ..  شۇنداقتىمۇ يوللىغان تېمىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ... جاپا چېكىپسىز ..
ۋاقتى: 2014-2-2 18:11:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيە كۈچەيتىلىشى كېرەك. ھەمدە ئىس-تۇتەكسىز ئورۇن بەلگىسنى تاقاش كىرەك.
ۋاقتى: 2014-2-14 15:22:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىممىتى بار تېما ئىكەن ... مەكتەپ باشقۇرغۇچى خادىملىرى يىغىن ئېچىۋېتىپ تاماكا چەككۈسى كەپ كەتسە ئوقۇتقۇچىلارنى قارىتىپ قويۇپ تاماكا چىكىپ كىتىدىغان ناچار ئىللەتلىرىنى پەقەتلا تۈزەتسە ، مەكتەپلەر ئومۇمىيۈزلۈك ئوڭشىلىپ كەتكەن بۇلاتتى ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش