كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 13

2014-يىللىق روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2014-يىللىق روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى

ھەرقايسى ئوبلاس، شەھەر، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ھەرقايسى ھۆكۈمەت مەھكىمىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى، ھەرقايسى بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار، ھەرقايسى مەخسۇس كۇرس ئىنىستىتۇت ۋە ئۇنۋېرسىتىتلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئورۇنلىرى:
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى روزا ھېيىت كۈنى، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 28-قېتىملىق دائىمىي كومىتىت يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن 174-نومۇرلۇق ھۆكۈمەت بۇيرۇقىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2014-يىللىق روزا ھېيىتلىق دەم ئېلىش كۈنىنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقاردى:
پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلق ئاممىسى 7-ئاينىڭ 29- كۈنى سەيشەنبە بىر كۈن دەم ئالىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى.



مەنبە:http://www.nur.cn/news/2014/07/177927.shtml
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-21 21:25:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەم ئېلىش نىمانچە ئازدۇ ؟؟؟
ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-7-21 23:25:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايراممۇ يۇقۇلۇش گىرداۋىغا باراي دەپتۇدە     ھەي               .....
ۋاقتى: 2014-7-21 23:42:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈن دەم ئېلىپلا قالغان ئايەمنى ئىشخانىدا ئۆتكۈزىمىزكەندە
ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم
ۋاقتى: 2014-7-21 23:59:57يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا تور بەتلەردە نىڭشىيادا 5كۈن قۇيۇپ بىرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇش تۇرغاندەك قىلاتتى. نىمانداق ئوخشىماسلىقتۇ بۇ؟

باھا سۆز

ئۇ دېگەن نىڭشىيا ، بىزنىڭ بۇ يەر شىنجاڭ ... ئەگەر بىزگە كۆپرەك بايرام بېرىپ قويسا ئىچىمىزغا پاتماي ، بىكارچىلى تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-22 20:21
ۋاقتى: 2014-7-22 00:23:01يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://m.baidu.com/from=2001a/bd_page_type=1/ssid=0/uid=0/pu=usm%400%2Csz%401321_1003%2Cta%40utouch_2_4.1_1_9.6/baiduid=2527201DF60232C9F624D171008E47B8/w=0_10_%E5%AE%81%E5%A4%8F2014%E5%BC%80%E6%96%8B%E8%8A%82%E6%94%BE%E5%81%87/t=wap/l=3/tc?ref=www_utouch&lid=3788132629055867367&order=1&vit=osres&tj=www_normal_1_0_10&m=8&dict=30&sec=40140&di=44dc33298f16b98a&bdenc=1&nsrc=IlPT2AEptyoA_yixCFOxXnANedT62v3IEQGG_yBA0Dudjo3tfeSaUbBeSHKhVmi4EFHwuSPQpxsFwXOu0VAn7wV2mq6oxmdN78zdbPf5gRW1EtVJut9s

يۇقارقى ئادرىستا نىڭشىيا ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ 2014-يىللىق بايرام ئورۇنلاشتۇرۇشى باركەن.

باھا سۆز

ئۇلارنىڭ رايونى ئالاھىيدە رايون ، بىزنىڭ بۇ يەرگە ئوخشىمايدۇ ... بىزنىڭ شىنجاڭ بىر ئالاھىيدە بىر يۇرت ... دىققە تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-7-22 20:25
ۋاقتى: 2014-7-22 10:39:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بىر كۈن ئارام ئالالىسام ، كۆپ ياخشى بولاتتى ، شۇ بىر كۈنمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايۋاتسا ، بوپتىلا قالغانلىرىنى دىمەيلا قوياي ......

باھا سۆز

پارتىينىڭ شەپقىتى چەكسىزدۇر،ھەنىمە بۇلسا بىر كۇن ئارام ئالدىكەنمىز،لىك....  ۋاقتى: 2014-7-22 10:52
ۋاقتى: 2014-7-22 13:00:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىينىڭ شەپقىتگە رەھمەت.بىركۈن بولسمۇ ئارام ئېلىش باركەن دە.
ۋاقتى: 2014-7-22 14:42:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارغانسىرى ھەممە نەرسە يوقىلىدىغان ئوخشايدۇ
ۋاقتى: 2014-7-22 20:19:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكىرى مۇشۇ بايرام كۈنىمىزگىمۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش