كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 3

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى توغۇرسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەييارە0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 20:16  

«ئاشىق-مەشۇقلار» بايرىمى توغۇرسىدا

ھەر يىلى2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئاتالمىش «ئاشىقلار بايرىمى» دا ھازىر چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىر قىسىمى  ئاشۇ نىجىس بايرامنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كىتىۋاتىدۇ.
مەخسەت:1›ئاتالمىش شۇ بايرامنى تۈگىتىپ ،قىزلارنى،ياشلىرىمىزنى يامان يولدىن توسۇش.غۇرۇرلۇق ئەركەك بولۇپ ئەتراپىمىزدىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى توسۇپ.ھەمشىرىلەرگە ئىگە بولۇش.
2›«ئاشىق-مەشۇقلار» بايرىمى بىز ئۇيغۇرلارغا ماس كىلەمدۇ-كەلمەمدۇ بۇ توغۇرلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بىرىش.
ھەممەيلەن ئۇزمىزنىڭ كوز قارشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقساق.
مەنبە:bagdaxمۇنبىردىن«ئاشىقلار بايرىمىدىكى ھەسىرەتلىك خىياللار» نى ئۇقۇغاندىن كىيىن.
http://bbs.bagdax.cn/thread-22728-1-1.html

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-8 00:27:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشىق-مەشۇقلار

(-ئەزەلدىنلابىزگە تەۋە بولمىغان،ياۋرۇپادىكى خىرىستىيانلارنىڭ كىچىك بىر مەزھىپى تەرىپىدىن شەكىللەنگەن،ئامرىكىدىكى بىر تۈركۈم خىرىستىيانلارمۇ يەر شارىغا يامراۋاتقان بۇ چاكىنا بايرامنى چەكلەش توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن،بىراق مىللىتىمىز ياشلىرىنى كۈنسايىن ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ ، تۇرمۇشىمىزغا ۋاقىت ۋە ئىقدىسادى ئىسراپچىلىق ئېلىپ كىلىۋاتقان 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئاتالمىش‹‹ئاشىق-مەشۇقلاربايرىمى›› غا كىنايە ... )


ئەيساجان تۇردى ئاچچىق


ئون تۆتىنچى چىسلادا،
كەچ كىرگەندە،ئاخشامدا،
ئەل-جامائەت ياتقاندا،
بىر-بىرىگە،پۇراقسىز
‹‹ئەخلەت››كەبى گۈللەرنى،
‹‹تۇتقان ››ئاشىق-مەشۇقلار.

ياشلار ئېلىپ كۆزىگە ،
گىرىم قىلىپ يۈزىگە ،
شېكەر قۇشۇپ سۆزىگە،
ساختا-يالغان ناز بىلەن
بىر-بىرىنىڭ قەلبىنى،
‹‹ئۇتقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

يانچۇقتىكى پۇل بىلەن،
ماڭغان ئۇزۇن يول بىلەن،
ئاپئاق،‹‹قالاق›› قول بىلەن،
ئۆلچەپ سۆيگۈ قەدرىنى،
قاۋاقلاردا مەست بولۇپ
‹‹ياتقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

شۇنچە ھېرىپ كەتسىمۇ،
ياشتا قېرىپ كەتسىمۇ،
قانچە كىلىپ-كەتسىمۇ،
‹‹مەنسەپ››بىلىپ ئۆزىچە
بىكاردىنلا ئۇزاق يول ،
‹‹باسقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

ھاراق-شاراپ ئىچىشىپ،
تاماكىنى چىكىشىپ ،
كوچا-كويدا يېتىشىپ ،
بىر كېچىدە نەچچە رەت
ئار-نومۇسنى ئەرزانلا ،
‹‹ساتقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

كېيىم-كېچەك ئېپ بولۇپ،
پىنھان جاينى تېپ بولۇپ ،
قىلغۇلۇقنى قىپ بولۇپ ،
توۋا دەيمەن تۇيۇقسىز
يۈرەكلىرى مۇزدەكلا ،
‹‹قاتقان›› ئاشىق-مەشۇقلار .

ئۇنتۇپ ئېسىل خىسلەتنى،
ئارتېۋېلىپ ئىللەتنى ،
ئايرىماستىن مىللەتنى ،
بىلىپ جەنئەت ‹‹خىلۋەت››نى
ئاخىرەتتە ئازاپنى ،
‹‹يۇتقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

سۆيگۈ دىگەن مەڭگۈلۈك،
بىرسىنىلا سۆيگۈلۈك،
ئۆمۈر بويى يەتكۈلۈك،
جۈپ-جۈپلەردە چىن سۆيگۈ!
بولسا ئەگەر پىشارمۇ؟
‹‹قاسقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

سۆيۈلۈشتە، سۆيۈشتە،
كۆيۈلۈشتە ،كۆيۈشتە،
ئۈچيۈز ئاتمىش كىچىكتە،
بىر-بىرىنى يۆلۈشۈپ
ئالالىغان تەڭ نەپەس،
‹‹پىشقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

چىن ئاشىققا ھەممە كۈن،
كۈندۈزلامەس، كېچە-تۈن،
بىلسە بايرام ئۇ پۈتۈن،
بۇ ھىكمەتنى بىلەرمۇ؟
يېشى ئەللىك ،ئاتمىشتىن
‹‹ئاشقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

چىن ئاشىقلار ئۆلمىسۇن،
ئايىنىسۇن، كۆكلىسۇن،
دۈشمەنلىرى كۈلمىسۇن،
ئۆمۈر بۇيى ئايرىلماي
بىر-بىرىنى باغرىغا ،
‹‹باسقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

بايرامدىلا كۆيۈشۈپ،
بايرامدىلا سۆيۈشۈپ،
كەتسە ئەتە‹‹ ئۆتۈشۈپ،››
ئاتىلىدۇ چوقۇمكى
لەنەتكە ھەم غەملەرگە،
‹‹پاتقان›› ئاشىق-مەشۇقلار.

كۈلگە قۇزۇق قاققاندەك،
گويا چاقماق چاققاندەك،
توزغاققا ئوت ياققاندەك،
تېخى ئاخشام تۇنۇشۇپ،
تاڭ سەھەردە ئايرىلغان،
‹‹چاققان ›› ئاشىق-مەشۇقلار.


2012-يىلى02-ئاينىڭ 14-كۈنى.
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
ۋاقتى: 2014-2-9 17:42:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى توغرا، ھەقىقەتەن ھازىرقى ئەمەليەت ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ، راستنى ئېيتسام يۇقىرقى كىنايە ئىچىدىكى بەزى جايلاربىزنىڭ بېشىمىزدىنمۇ ئۆتۈلگەن، كىيىن بۇنىڭ زىيادىلا بىر ئىش بوپ قالماي ،يەنە مىللىتىمىز ئوغۇل-قىزلېرىنىڭ روھىيتىنى زەھەرلەيدىغان بىر «بايرام » ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم ،ھېس قىلدىم.
بۇتېمىنىڭ ياشلېرىمىزغا تەسىر قىلىپ ،زىيادە «ئىش»لارنىڭ ئازرراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-13 00:51:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بايراملارنىڭ كىلىش تارىخنى بىلمەيلا بايرام ئۆتكۈزىدىغان ئىشلار ئازئەمەس،بەلكىم ئۇلار دۇنيانىڭ كەينىدە قالمايلى دەپ ئويلىسا كىرەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش