مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا
خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىستىداتى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىرە مەلىكە ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1523-يىلى دۇلان تىزناپ دەرياسى بويىدىكى غازكۆل يېزا قومۇشلۇق مەھەللىسى كەمبەغەل بىر ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئاماننىسا توغرۇلۇق تەپسىلىي ھەم ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىزگە موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق قىممەتلىك ئەسىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئاماننىساخان توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : _ ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىساخان خېنىم ئىدى ، بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى ، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ ، «دىۋان نەفىسى» ناملىق شېرىن بىر كىتاپ يازغانىدى ، خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى ،مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى ،سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى .سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخىت يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ ،تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە بىرنەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى .سۇلتاننىڭ كىچىلىرى پۇقراچە ياسىنىپ ،قۇنۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىسىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەگە زۇلۇم-سەتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى .بىر كۈنى شۇ يۇسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن خارابى بىر ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى ،بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى ،بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇد نىڭ قىزى ئىدى ،سۇلتان ئۆينىڭ بولۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ ،مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى ،مەھمۇد :«مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن ،مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى ،سۇلتان :«ئەمسە قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن » دىدى .مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى ،قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شىنداق چالدىكى ،سۇلتان ھەيران قالدى ،بۇلۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا ،سۇلتان قىزنىڭ مۇھاببىتىدە كۈيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى ،شىئىرنىڭ باشلانمى بېيىتى مۇنداق ئىدى :
سەڭا يۈز شۈكۈر يارەپ بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ ،
فەقىر-مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ .
بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغانىدى
نەفىسى كىچە –كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىگە ،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ .
غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ :«نەفىسى دېگەن شائىر كىم ؟سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن ؟» دەپ سورىغانىدى . <<خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن ؟ مەن ناۋائىي ،فۇزۇلىي ، زەلىلىنىڭ شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن ،بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ ، نەفىسى دېگەن مېنىڭ تەخەللۇسۇم >> دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغانىدى ، ئاتىسى << 13 ياشقا كىردى >> دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قۇپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى ، خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى ، پادىشاھ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنمەي :<< قېنى ئەمسە ،مەن قاراپ تۇراي ،بىر شىئىر يېزىپ بېقىڭ >> دېگەنىدى ،قىز دۈۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى :
يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۇئىزەن مەڭا ، گۇيا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا .
<< مەھبۇب ئەگەر كۆڭۈل قەبۇلى بولسە ، شىرىن ھەرەكەت ،خۇش ئۇسۇلى بولسە . جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسە ، نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلىسى لۇلى بولسە ، خانىم ھەم گۈزەشىت (كەچۈرۈش) قىلدىلەر. >> دەپ يېزىلىپ ئاماننىساخاندىن بىشارەت بېرىلگەن . مەلىكە ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ، ئەل ئارىسىغا بېرىپ مۇقامنى قېزىش ، توپلاش ، رەتلەش ،يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشتا ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئوردىدىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ ۋەزىر –ۋۇزۇرالار ۋە دىنىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالغان خوجا-ئىشانلار بىرلىشىپ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپقان . ئۇلار<< ئوردىنى مۇقامچىلار ئىگىلەپ كەتتى ، قوللىرىغا ساز تۇتۇشىۋالغان زىدى پەس تىجىمەللەر خالىغانچە كىرىپ ئوردىنى قەلەندەرخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ، خانلىقنىڭ غەزىنىسىدىن نۇرغۇن ئاقچىلار بىھۇدە خەجلىنىپ كەتتى ، خانىش ئاماننسا خېنىم ئاشۇ تىجىمەل مۇقامچىلارغا مۇبارەك جامالىنى ئۇچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بىللە ساز چېلىشىپ ، مۇقەددەس دىنىي ئىسلامىمىزغا مۇخالىپ كېلىدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ >> دېگەندەك بەدناملارنى چاپلاپ مۇقامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەنىۋىي روھ غەزىنىسىنى يوقىتىۋەتمەكچى بولۇشقان . كىشى كەلدى جاھانغا كۆردى تەڭسىزلىك بالاسىنى ، خۇداۋەندە قۇبۇل قىلغىن فەقىرلەر ئىلتىجاسىنى . ئادالەت بىرلە دۇنياغا ھۆكۈم سۈرسە ئۇلۇغ خىسلەت ، شۇڭا ئەل باشپاناھ دەرلەر دىيارىم پادىشاھىنى .
چىمەندە گۈل ئېچىلغاندا قىلۇر بۇلبۇل نىچۈك تاقەت ، شۇ چاغ بۇلبۇل تۇرالامدۇ جاراڭلاتماي ناۋاسىنى . ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلۇغ سەردارىنى يادلاپ ، نەفىسە چالدى شۇكرانە قىلىپ بۇ پەنجىگاھىنى .
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|