ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پايدىلىنىش ماتىرياللىرى > تولۇق مەزمۇنى

بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇللىرى

ۋاقىت : 2013-07-12 22:31 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1
 
بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇللىرى
بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇللىرى

بانكىغا  پۇل  ئامانەت   قويۇش  ئائىلە  روزغارچىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۇل ئامانەت قويغاندا ئوخشىمىغان ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ ۋە يۇقىرى ئۆسۈم كىرىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش قارىماققا ئاددىي تۇيۇلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ساۋات بار.
ئاۋال  12ۋاراق چەككە پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
 بۇنداق پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىدا مەبلەغ سالغۇچى ھەر ئايدا شۇ ئايلىق كىرىمىنىڭ مەلۇم قىسمىنى بىر يىللىق مۇددەتتە بانكىغا ئامانەت قويۇپ بىر يىلدا 12 ۋاراق پۇل ئامانەت چېكىگە ئېرىشىدۇ. ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر ۋاراق پۇل ئامانەت چېكىنىڭ قەرەلى توشىدۇ. ئەگەر جىددىي پۇل لازىم بولغاندا پۇلنى ئېلىپ ئىشلەتسە، ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىگە تەسىر يەتمەيدۇ. ئەگەر جىددىي پۇل لازىم بولمىسا، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ھەر ئايدا ئېشىنغان پۇلنى شۇ ئايدا قەرەلى توشقان ئامانەت چېكىدىكى پۇلغا قوشۇپ ئامانەت قويۇپ، قايتىدىن بىر ۋاراق ئامانەت چېكى كەستۈرۈپ، ھەر ئايدا توشىدىغان پۇل ئامانەت چېكىگە مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پۇل قوشۇپ ئامانەت قويۇپ مېڭىشقا بولىدۇ. 12 ۋاراق پۇل ئامانەت چېكىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ قەرەلى توشقان ئامانەت چېكىدىكى پۇلنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پۇل ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدا يەنە ئۇ پۇلغا پۇل قوشۇپ يەنە ئامانەت قويۇشقا بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئامانەت پۇلدىن جانلىق پايدىلانغىلى، قەرەللىك ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى ۋە باشقا پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىغا قارىغاندا كۆپرەك ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ 12 ۋاراق پۇل ئامانەت قويۇش تالونىنى قەرەلى توشقاندا ئاپتوماتىك ئاغدۇرۇلۇپ ئامانەت قويۇلىدىغان قىلىپ بەلگىلەپ قويسىڭىز، بانكىغا بېرىش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلالايسىز.
پۇل سوممىسى بويىچە ئايرىپ ئامانەت قويۇش ئۇسۇلى
 ئەگەر سىزدە 10 مىڭ يۈەن پۇل بولسا ئۇنى ئوخشىمىغان سوممىلارغا، مەسىلەن: 1000 يۈەن، 2000 يۈەن، 3000 يۈەن، 4000 يۈەنگە بۆلۈپ، ھەممىسىنى بىر يىللىق مۇددەتتە ئامانەت قويسىڭىز تۆت پارچە چەككە ئېرىشىسىز. بىر يىل ئىچىدە مەيلى قانداق چاغدا پۇل لازىم بولسا، ئېھتىياجلىق بولغان پۇل سوممىسىغا يېقىن كېلىدىغان ئامانەت پۇل چېكىنى چىقىم قىلسىڭىز، پۇل ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۆسۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
بانكىغا  پۇل  ئامانەت  قويۇشتا  تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا   دىققەت  قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
 بەزىلەر پۇلنى بىر قېتىمدا ئۈچ يىللىق ياكى بەش يىللىق ئامانەت قويسام، جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ مۇدەتتىن بۇرۇن ئالسام ئۆسۈمدىن زىيان تارتىمەن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا بانكىلار قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغان قىسمىغا قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلاپ بېرىدىغانلىقى، قالغان قىسمىغا يەنىلا قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا پۇل ئامانەت قويۇش تۈرىنى ياخشى تاللاش ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بولغانلىقتىن، پۇل ئامانەت قويغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
 بىرىنچى، ئايلاندۇرۇپ ئامانەت قويۇلىدىغان قەرەللىك ئامانەت تۈرىنى تاللاش كېرەك. قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر يىللىق ۋە ئۈچ يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇل تۈرىنى تاللاش مۇۋاپىق . ئامانەت پۇل قەرەلىنىڭ ئۇزاق - قىسقا بولۇشىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.بىر يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %3.25، ئىككى يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى75 .3  پىرسەنت بولۇپ  بىر يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئىككى يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ پەرقى %0.50   بولىدۇ. ئۈچ يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن بەش يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ پەرقىمۇ %0.50   بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك ئامانەت پۇل قەرەلىنى تاللىغاندا ئۆسۈم نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، پۇلنى تېزدىن ئاغدۇرۇپ ئامانەت قويۇپ ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈم نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولمايدۇ ھەم ئۆسۈمدىن زىيان تارتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت پۇلنىڭ ئوبوروتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، قەرەلى توشقاندىن كېيىن دەرھال قايتىدىن ئامانەت قويغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى، قەرەلى توشقاندا ئاپتوماتىك ئاغدۇرۇلۇپ ئامانەت قويۇلىدىغان پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل ئامانەت قويغاندا، قەرەلى توشقاندا ئاپتوماتىك ئاغدۇرۇلۇپ ئامانەت قويۇلىدىغان پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىنى بانكا بىلەن كېلىشىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، بىر تەرەپتىن قەرەلى توشقاندا ئاپتوماتىك ئاغدۇرۇلۇپ ئامانەت قويۇلماي قېلىشىدىن ساقلانغىلى ۋە قەرەلى ئۆتكەن قىسمىغا قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياندىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، قەرەللىك ئامانەت قويۇلغان پۇلنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماسلىق كېرەك. ئەگەر جىددىي پۇل لازىم بولغان، بىراق ئامانەت چېكىنىڭ قەرەلى توشمىغان ئەھۋالدا، پۇل بۇرۇنقى يۇقىرى ئۆسۈمدە ئامانەت قويۇلغان بولسا، بۇ پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مۇددەتلىك ئامانەت قويۇلغان پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن كىملىكىنى ئېلىپ بانكىغا بارسا پۇلنى ئالغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ پۇلنىڭ ئۆسۈمى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئامانەت چېكىنى بانكىغا گۆرۈگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىپ، ئامانەت چېكىنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن قەرز پۇلنى قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر قەرز پۇلنىڭ قەرەلى توشۇپ قايتۇرۇلىدىغان قەرز پۇل ئۆسۈمى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولسا، بۇ ۋاقىتتا بانكىغا بېرىپ بىر قىسىم پۇلنى مۇدەتتىن بۇرۇن ئېلىپ، قالغان قىسمىغا يېڭىدىن بىر ۋاراق ئامانەت چېكى كەستۈرۈپ ئامانەت قويسا ئۇنىڭ ئۆسۈمى ئەسلىدە ئامانەت قويۇلغان كۈنىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا بىر قىسىم ئامانەت پۇلدىن ئېرىشىدىغان ئۆسۈم زىيانغا ئۇچرىمايدۇ

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(3)
50%
ناچاركەن
(3)
50%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ