‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى
‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى
‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارا بىر قەدەر كەڭ تارقالغان ۋە قەدىمىيلىككە ئىگە ئويۇن بولۇپ، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ئوغۇللار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇن شەكىل، مەزمۇن، تەرتىپ، خۇلاسە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە بولغاچقا، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىنىپ: «ئەنەچلىك – ياڭاق سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى ئۈچۈن كولانغان ئورەك، ياڭاق سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ...» دەپ ئىزاھلانغان.

‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنىنى بىر مەيداندا بىرلا ۋاقىتتا پەقەت ئىككى بالا ئوينايدۇ. كىمنىڭ ئوينىشىنى بالىلار ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بالىلار ھېيت – ئايەم كۈنلىرى كەڭ، تۈز مەيدانلاردا ياڭاق سوقۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس سورۇن تۈزىدۇ، يەنى ياڭاق تىزىش ئۈچۈن ئورەك كولايدۇ، ئورەككە ئۇدۇل قىلىپ ئون نەچچە مېتىر ئارىلىققا بىر بالا ئۆرە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغۇدەك چەمبەر سىزىدۇ. ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا ئوينىماقچى بولغان بالىنىڭ بىرسى بىر ئالقىنىغا مەلۇم بىر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئىككى مۇشتۇمىنى قارشى تەرەپتىكى بالىغا تەڭلەپ، قايسى مۇشتۇمىدا بىر نەرسە بارلىقىنى سورايدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپتىكى بالا بىر نەرسە بار ئالىقاننى تاپالىسا، چەمبەر ئىچىدە تۇرۇپ ياڭاق ئېيتىشقا ھازىرلىنىدۇ؛ بولمىسا، ياڭاق ئورىكىگە بەش تال ياڭاقنىڭ تۆت تىلىنى ئاستىغا، بىر تېلىنى ئۈستىگە قىلىپ تىزىپ، ياڭاق سوققۇچى بالىنىڭ ھەرىكىتىگە، ئورەكتىكى ياڭاقنى سوققان – سوقمىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. ياڭاق سوققۇچى بالا چەمبەر ئىچىدە تۇرۇپ چەمبەرنىڭ سىزىقىغا دەسسەپ تاشلىماسلىق شەرتى بىلەن ئوڭ پۇتىنى بىر ئاز ئالدىغا چىقىرىپ، ئوڭ قولىنىمۇ ئالدىغىراق سوزۇپ، قولىدىكى ياڭاقلارنى بىر – بىرلەپ ئاتىدۇ. ناۋادا ئېتىلغان ياڭاقنىڭ بىرسىمۇ ئورەكتىكى ياڭاققا تەگمىسە، ياڭاق تىزغان بالا ئېتىلغان ياڭاقلارنى يىغىۋىلىپ، چەمبەردىكى بالا بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر ئېتىلغان ياڭاق ئورەكتىكى ياڭاققا قانچە قېتىم تەگسە، ياڭاق تىزغان بالا ئورەكتىكى بەش تال ياڭىقىنى ياڭاق سوققۇچى بالىغا شۇنچە قېتىم بېرىپ، زاپاس ياڭىقىنى يەنە تىزىدۇ. ئېتىلغان ياڭاقنىڭ ئورەكتىكى ياڭاققا تەگمەي قالغانلىرى ياڭاق تىزغان بالىغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ قايسىسىنىڭ ياڭىقى بۇرۇن تۈگىسە، شۇ يېڭىلگەن بولۇپ ئورنىنى باشقا بالىغا بوشىتىپ بېرىدۇ.
بۇ ئويۇن دىيارىمىزنىڭ ئارزۇلۇق مېۋىلىرىدىن بىرى بولغان ياڭاقنى ۋاسىتە قىلىپ، ھېيت – ئايەم كۈنلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيتنى خۇشال – خۇرام تەبرىكلەش، ئۆزئار ئۆم بولۇپ بالىلارچە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشنى چىقىش قىلغان. چۈنكى، شۇ كۈنلۈك «ياڭاق سوقۇشتۇرۇش» ئويۇنىدا ئۇتۇلغان ياڭاقلار سورۇن باشقۇرغۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئويۇن ئوينىغۇچى ۋە ئويۇن كۆرگۈچىلەرگە مۇۋاپىق بۆلۈپ بېرىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىگە چاقىسىز يېتىم – يېسىرلەرگە، بوۋاي – مومايلارغا قەدەر ئۈزلەشتۈرۈپ بېرىلىپ، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈلىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى
(تەھرىر : admin)
«‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسىخىكىسىغا قا
- ‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
- ‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى
- ‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى
- سالما تاشلاش ئويۇنى
- ‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى
- پىلانلىق بالا
- تاپالامسىز؟
- ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى