ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2012-02-12 00:09 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

  ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئىجاد قىلىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرغان تارىخى قىممەتكە ئىگە مەنىلىك ئويۇن. ناخشا ئۇسسۇل، جۈملىدىن مۇزىكىغا ھېرىسمەن ۋە ماھىر ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىنى بۆشۈكتىكى چاغلىرىدىن باشلاپلا «ئەللەي ناخشىسى» ئارقىلىق مۇزىكىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىلار ئۆزلۈكىدىن مۇزىكىغا ھەۋەسلىنىدۇ، بالىلارنىڭ ھەرقانداق سازغا كىرىشىشى راۋابدىن ئايرىلالمايدۇ، چۈنكى راۋاب ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ قەدىمىي، يىغىنچاق، خاسلىقى ئېنىق بىر خىل چالغۇ، شۇڭا بالىلار ئويۇنچۇق راۋابلارنى ياساپ چېلىشنى راۋاب بىلەن تونۇشۇشنىڭ مۇقەددىمىسى قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئويۇندا لازىم بولىدىغان ئويۇنچۇقنىڭ كېلىش مەنبەسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئويۇننىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگىلا مەنسۇپلۇقى شەكىلسىز. چۈنكى، ئويۇنچۇق راۋابىنىڭ تەييار ماتېرىيالى بولغان ياغاچ چۆمۈچنى ئىشلىتىش قەدىمى ئۇيغۇرلاردا خېلى ئومۇملاشقان، ياغاچ چۆمۈچ ياساشقا كېتىدىغان ئۈجمە دەرىخىمۇ دىيارىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىقى.

‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى
 

  ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن بولۇپ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆپرەك ئوينىلىدۇ.

      ئۇيغۇر ئوغۇل ئۆسمۈرلىرى ئوتلاقلارغا ياكى ئارام ئېلىش سورۇنلىرىغا ئۆيلىرىدە ئىشلىتىشتىن قالدۇرۇلغان ياغاچ چۆمۈچ ۋە ئاشۇ شەكىلدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ دەستە قىسمىغا ‹‹قۇلاق›› بېكىتىپ، باش قىسمىنى تېرە كىيدۈرۈپ راۋاب ‹‹قارنى›› قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماتېرىيال تېپىش ئىمكانىيتىگە قاراپ ئۆز ئارزۇ ۋە تەسەۋۋۇرى بويىچە ‹‹راۋاب›› ياساپ بولغاندىن كېيىن، بىر يەرگە توپلىشىپ ئولتۇرۇپ ھەرخىل ‹‹پەدە››لەرگە چالىدۇ، بىلگىنىچە ناخشا ئېتىدۇ، مەھەللە بويىچە بۆلۈنۈپ ‹‹ئەلنەغمىلىك مەشرەپ›› ئۆتكۈزۈشىدۇ.

‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

بالىلار ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئارقىلىق تاشۋاي ۋە روزەك باشىلاردەك راۋاب ئۇستىلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، سازەندىلىك ۋە ناخشا – ئۇسسۇلغا كىچىكىدىن ئادەتلىنىپ سورۇنغا پىشىدۇ، بولۇپمۇ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۆز قىممىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مەشرەپنى بالىلىق چاغلىرىدىنلا ئۆگىنىشكە باشلايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(5)
83.3%
ناچاركەن
(1)
16.7%
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ