پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئۈچ بىلىم

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-19 11:58 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىچ سۈرۈش چوڭلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئاغرىق ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇۋاقلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەلدۇر.

بۇۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىنى كۆپ ئالماشتۇرمىغان ياخشى

نۆۋەتتە، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ۋاقتى بارغانچە قىسقىراۋاتىدۇ. ھاۋا ئىسسىق ياز كۈنلىرى بۇۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشىدۇ. ھازىر ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىغا ھەرخىل سۈت پاراشوكلىرىنى ئىچۈرىدىغان بولدى. سۈت پاراشوكىنى خالىغانچە، تېز ئالماشتۇرۇش بۇۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۇۋاقلاردىكى ئىچ سۈرۈشكە سەل قارىماڭ

ئىچ سۈرۈش ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بۇۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، پەسىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە ‹‹ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش››دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە ئىچ سۈرۈشنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بۇۋاقلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى %50كە يېتىدۇ.

ئىچ سۈرۈش چوڭلارغا نىسبەتەن ئادەتتىكى ئاغرىق ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇۋاقلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاستە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كېسەلدۇر.

بۇۋاقلاردا چوڭ تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى، سۇيۇق كېلىشى، شىلىمشىق بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆسۈپ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، مىكروبلارنىڭ قاننى مىكروبلاندۇرۇشى، ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز تۆۋەنلىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىدەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىڭىزنى كىچىك تەرەت قىلىشقا ئىككى ياشتىن كېيىن كۆندۈرۈڭ

ئادەتتە كىچىك بالىلارنىڭ زاكىسى تۆت، بەش سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت قۇرۇق تۇرسا، بالىلارنى ئۆزى كىچىك تەرەت قىلىشقا كۆندۈرسەك بولىدۇ.دېمەك، ئىككى ياشتىن ئىككى يېرىم ياشقىچە بالىلارنىڭ دوۋسىقىنىڭ سۈيدۈكنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ. كۆندۈرۈشكە باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بالىڭىزنىڭ كىچىك تەرەت قىلغۇسى بار-يوقلۇقىنى بىر، ئىككى سائەتتە بىر سوراپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ئاستا-ئاستا بالىڭىز مەقسىتىنى ئىپادىلەشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭ كىچىك تەرەت قىلىشىنى ئېسىگە سېلىشنى ئۈچ، تۆت سائەتكە سۈرسىڭىز ياكى بۇ ئىشنى ئۆزىگە قويۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش [ 2011-11-29 17:21:15 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تەھرىرلىگۇچ (数学公式编辑器) V6 [ 2011-11-27 22:17:28 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] 几何画板 V5.0 最强中文版گىئومىتىرىيە دوسكىسى [ 2011-11-27 22:14:17 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتىماتىكا مەشىقچىسى 小学数学练习机 V35.0 [ 2011-11-27 22:09:46 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات، [ 2011-11-27 22:05:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ياپونىيەدىكى ئوقۇغۇچىلىرى قۇياشنىڭ قاياقتىن چىقى [ 2011-11-27 22:02:50 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلاردىمۇ خامۇشلۇق كېسىلى كۆرۈلىدۇ [ 2011-11-27 21:56:10 ]
[تارىخى بىلىملەر] كېيىنكى كۆك تۇرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ تارى [ 2011-11-27 21:52:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] 893 -يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇقلار بىلەن قىلغان جە [ 2011-11-27 21:47:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمىي بۇددىزم ماكانى- كۇچانىڭ ئىسلامىلىشى توغرى [ 2011-11-27 21:42:14 ]



ياخشىكەن
(3)
75%
ناچاركەن
(1)
25%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر