تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمىنىڭ بالىل
يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-17 00:15 مەنبەسى: ئاپتورى: قاغىلىق كۆرۈلۈشى: قېتىم
تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمىنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى تەسىرى
تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمىنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى تەسىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم گۈلزەپەر نەجمىدىن (شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۆسمۈرلەر قانىلىدىن، مۇھەررىر) باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىدە بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ۋە ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان، بۇ ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت ئەل تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرى دۆلىتىمىز ئېكرانلىرىدا كۆپىيىپ قالدى. بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولسىمۇ، كۆپ ساندىكىلىرىدە زوراۋانلىق تەرغىب قىلىنغان. شۇڭا ئاتا – ئانا ۋە بالىلار مەزمۇنى ساغلام، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ كۆپلەپ ئىجاد قىلىنىپ، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشىنى ئارزۇ قىلماقتا. بالىلار بىلىمگە تەقەززا، ئۇلار كارتون فىلىمى كۆرۈپ كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىللە، بىلىم ئالىدۇ. بىراق، كارتون فىلىمنىڭ ھەممىسىلا ۋەكىل خاراكتېرلىك تەربىيىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئەمەس. تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمىنىڭ ئۆزىگە خاس تەلىم – تەربىيە خاراكتېرى بىلەن ئويۇن خاراكتېرى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇ چوڭلار يېتەكلىمىسىمۇ، بالىلارغا بىۋاسىتە تەلىم – تەربىيە بېرىدۇ، شۇڭا مەكتەپ تەلىم – تەربىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تەبىئىيلىككە ۋە كۈچلۈك ئىجابىيلىككە ئىگە. بالىلار يېمەكلىكىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغىنىدەك، تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمىنىڭ‹‹ئوزۇقلۇق›› تەركىبىمۇ مول بولۇشى، مەزمۇنى رېئال تۇرمۇشتىن چەتنەپ كەتمەسلىكى، بالىلارنىڭ ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇشىغا ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. ئادەتتە كارتون فىلىملىرىنىڭ ۋەقەلىكىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ: (1) باش پېرسوناژ ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىدىن پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ناھايىتى جاپالىق ۋەزىپىنى تاماملايدۇ ياكى خەۋپ – خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم قىممەتكە ئىگە نەرسىنى تاپىدۇ. (2) باش پېرسوناژ رەزىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھەققانىيەتنى ياقىلايدۇ. (3) باش پېرسوناژ ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىپ، جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپقا يېقىندىن ماسلىشىدۇ. (4) كونكرېت ئىش ئارقىلىق مەلۇم ھەقىقەتنى تونۇيدۇ ياكى مەلۇم جەھەتتىكى ئېسىل پەزىلىتىنى نامايان قىلىدۇ. بالىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۇلارغا پايدىلىق مەنىۋى ئوزۇقلۇق ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئەگەر تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ مەزمۇنى رېئال تۇرمۇشتىن چەتنەپ كەتسە، بالىلار گاڭگىراپ قېلىپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ‹‹پورۇخ ھىدى›› كۈچلۈك. ‹‹ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم›› ناملىق كارتون فىلىمىنى ئېلىپ ئېيتساق، پۈتۈنلەي ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغان. شۇبھىسىزكى، بۇنداق فىلىملەر بالىلاردا رېئال دۇنياغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاراش پەيدا قىلىپ، شەيئىلەرگە قارىتا توغرا تەپەككۇر قىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ. چەت ئەللىك نەچچە پسىخولوگ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە مۇنداق تەجرىبە قىلغان: ئۇلار بالىلار باغچىسىدىكى تۆت ياش ياكى بەش ياشتىكى بىر توپ بالىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلارغا بىر كىشىنىڭ قونچاقنى ھاقارەتلەپ، ئويۇنچۇق تاپانچا بىلەن ئېتىپ، سۇلياۋ توقماق بىلەن ئۇرۇۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىمنى كۆرسەتكەن. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلار فىلىمنى كۆرمىگەن. ئارقىدىن ئىككى گۇرۇپپىدىكى بالىلارنى بىر ئۆيدە ئويناشقا تەشكىللىگەن. نەتىجىدە فىلىمنى كۆرگەن بالىلار ئۆيدىكى سۇلياۋ قونچاق، سۇلياۋ توقماق، ئويۇنچۇق تاپانچىنى ئېلىپ، فىلىمدىكى كىشىنى دورىغان، فىلىمنى كۆرمىگەن بالىلار ئۇنداق قىلمىغان. دېمەك، بالىلار تېلېۋىزوردىن ھۇجۇم قىلىشنى ئۆگەنگەن. كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان فىلىملەر بالىلار قەلبىدە داغ پەيدا قىلىدۇ. خۇددى بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا جىن – شاياتۇنلار ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، چوڭ بولغاندىن كېيىن گەرچە ئەقىل – ئىدراك جەھەتتىن جىن – شاياتۇنلارنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ئىشەنسەكمۇ، قاراڭغۇ، قاقاس جايلارغا بارغاندا يەنىلا جىن – ئالۋاستىلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي بولالمىغانغا ئوخشاش، بۇنداق تەسىراتنى ئاسان يوقاتقىلى بولمايدۇ. چەت ئەلنىڭ ‹‹چاشقان بىلەن ئۆردەك››، ‹‹مۈشۈك بىلەن چاشقان›› ناملىق فىلىملىرىگە ئوخشاش نادىر كارتون فىلىملىرى بالىلارنىڭ يۇمۇر تۇيغۇسى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ھەرىكىتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ، لېكىن ‹‹ئۆزگىرىشچان ماشىنا ئادەم››تۈرىدىكى فىلىملەردىكى ئوبرازلار بالىلارنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، كاللىسىدىن كەتمەيدۇ. كارتون فىلىمدىكى تەربىيىۋى خاراكتېردىكى ئامىللار ئۆز ئارا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئېستېتىكا تەربىيىسى. تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئېستېتىك تەربىيىسى تېخىمۇ كىچىك بالىلارغا يۈزلەندۈرۈلدى. بالىلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بويىچە كارتون فىلىمگە بولغان قىزىقىشىمۇ ئوخشىمايدۇ، 0 – 2 ياشقىچە بولغان بالىلار ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئېستېتىكا ئامىلى پەيدا بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بالىلار ھەتتا نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىدىن بىۋاسىتە ھۇزۇرلىنالايدىغان بولغاندىمۇ، كارتون فىلىمگە يەنىلا قىزىقىدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ھازىرقى كارتون فىلىملىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىدە، يېشى كىچىك بالىلارغا ماس كەلتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، چوڭ بالىلارغا نىسبەتەن بەك ئاددىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كارتون فىلىم ئىجادىيىتىدە بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتقاندىن باشقا، يەنە پسىخىكا تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق خاراكتېرىگە، ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى بالىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشى ۋە پسىخىكا ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. (2) ئەخلاق تەربىيىسى. مەزمۇنى ساغلام كارتون فىلىملىرى بالىلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام، ئەقىللىق قىلىپ تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. (3) مەدەنىيەت تەربىيىسى. دۆلىتىمىزنىڭ كارتون فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەدەنىيەت تەربىيىسى بالىلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا، شۇنداقلا ئەسەرلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە سەنئەت ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا بولغان قىزىقىشىدىن باشقا، يەنە بالىلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىل – پاراسەت ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيە كارتون فىلىمى ‹‹ئەقىللىق يىشيۇ››نىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدىغان يەنە نۇرغۇن تەرىپى بار، ئۇ پەقەتلا ئەقىللىق كىچىك راھىبنىڭ ھەر خىل قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلا ئەمەس. بۇ كىچىك راھىب كېيىن بۇددا دىنىنىڭ بىر ئەۋلاد پېشىۋاسى بولۇپ يېتىلگەن، بۇنىڭدىن ياپونىيىلىكلەرنىڭ بالىلىرىغا ئالاھىدە ياشاش مۇھىتىغا قانداق ماسلىشىشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتون فىلىملىرىدە مىللىي ئەنئەنىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە تېما، شەكىل قاتارلىقلارغا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. (4) ئادىمىيلىك تەربىيىسى. كارتون فىلىملىرى بالىلارنىڭ قەلبىدە گۈزەل تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردا باتۇر، چەبدەس، ئەمگەكچان، ئەقىل – پاراسەتلىك، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان توغرا خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، لەتىپىلىرى، مەسەللىرى، ھەتتا ماقال – تەمسىللىرىمۇ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىمى ئىشلەشتىكى مول ئىجادىيەت مەنبەسى بولالايدۇ. ئۇيغۇر كارتون فىلىم بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى كارتون فىلىملىرىنىڭ تۇراقلىشىپ قالغان رامكىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كارتون فىلىملىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۈرەت تىلى، يۇمۇرلۇق ھەرىكەت قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە قەدىمكى ھېكايە – رىۋايەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىناكارچىلىق، نەققاشلىق، خەتتاتلىق، ناخشا – ئۇسۇل، كىيىم – كېچەك، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى كارتون فىلىم كۆرۈنۈشلىرى ئىچىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ خىلدىكى تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------